ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
9-ئاينىڭ 25-كۈنى،گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خۇيجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى خۇيجۇ تەربىيىلەش مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلىش دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئېچىپ،جاڭ فامىلىلىككە تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى بويىچە ئۆلۈم جازاسى بەردى.ئارقىدىن خۇيجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ،جاڭ فامىلىلىككە زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ جىنايىتىنى تونۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.
ئۆز ئوقۇغۇچىسىغا 28پىچاق سانجىۋەتتى قەبىھ ئوقۇتقۇچى
سوت مەيدانىدا،جاۋابكار جاڭ فامىلىلىكنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى جاڭ فامىلىلىكنى ئاقلاپ مۇنداق دېدى:«جاڭ فامىلىلىكنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش مەقسىتى يوق،پەقەت ئوقۇغۇچىسىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىدىن پۇل ئالماقچى بولغان،بىراق ئاجى دېگەن بۇ ئوقۇغۇچى تۇتقۇن قىلىش جەريانىدا قارشىلىق قىلغاچقا،ئۆزىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن جاڭ فامىلىلىك قورقۇپ كېتىپ قولىدىكى پىچاق بىلەن ئاجىنى يارىلاندۇرۇپ قويغان،كېيىن ئاجى قان بەك كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن شۈك بولۇپ قېلىپ ئۆلگەن.»سوت كوللېگىيىسى بۇ دېلودىكى بارلىق ماددىي ئىسپاتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق،جاڭ فامىلىلىكنىڭ ئاجىنى تۇتقۇن قىلىش جەريانىدا،ئاجىنىڭ باش،بويۇن قاتارلىق جايلىرىغا 28پىچاق سانچىۋەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ،جاڭ فامىلىلىكنىڭ ئەقلى-ھوشىنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى،مۇنچە ئېغىر يارىلانغان بالىنىڭ چوقۇم قانسىراپ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارمىغان دەپ قاراپ،ئۇنىڭ قىلمىشى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ دەپ بېكىتتى.شۇڭا ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ تەمىنلىگەن جاڭ فامىلىلىكنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش مەقسىتى يوق دېگەن قارىشىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ،ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى رەت قىلغان.
سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە،جاڭ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش مەقسىتىدە،ئۆز ئوقۇغۇچىسىنى تۇتقۇن قىلغان ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن 660مىڭ يۈەن تەلەپ قىلغان.كېيىن تۇتقۇن قىلىش جەريانىدا ئاجى قارشىلىق قىلغاندىن كېيىن،ئۆزىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،ئۇنىڭ باش،بويۇن قاتارلىق 28يېرىگە پىچاق سانجىۋەتتى.قىلمىشى قەبىھ،مەقسىتى ئېنىق،جىنايىتى ئېغىر ،بىراق ئۆز جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى،بارلىق جىنايىتىنى تولۇق ئىقرار قىلغان دەپ قاراپ يۇقىرىقىدەك ھۆكۈمنى چىقارغان.
جاڭ فامىلىلىكنىڭ ئىقرار قىلىشىچە،جاڭ فامىلىلىك مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن،ئەندۈن بازىرىدىكى مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولغان،شۇ بازاردا توي قىلىپ تۇرمۇش قۇرغان.بالىسى بار بولۇپ،ئائىلىسى بەك بەختلىك ئىدى.بىراق دوستلىرىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن قىمارغا ئۆگىنىپ قېلىپ،ئائىلىسىدىكى بارلىق پۇل-ماللىرىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ قىمار ئويناپ بارغانسېرى بۇ پاتقاققا پېتىپ قېلىپ چىقالماي قالغان.شۇنىڭ بىلەن باشقىلاردىن ئالغان قەرزى مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.بۇنچىلىك كۆپ قەرزنى بىريولىدا قايتۇرۇش ئاددىي ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جاڭ فامىلىلىككە بەك تەس كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان سىنىپتىكى ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بىر ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق پۇل غەملەپ قەرزىنى قايتۇرۇش خىيالىغا كېلىپ قالغان ھەم ياخشى پىلان تۈزگەندىن كېيىن،ئاجىنى تۇتقۇن قىلغان.
9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا جاڭ فامىلىلىكنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرسىمۇ كەلمىگەن بولۇپ،جاڭ فامىلىلىك ئايالىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سوت خادىملىرىغا ئېيتىپ بەرگەن،بىراق سوت خادىملىرى جاڭ فامىلىلىكنىڭ ئايالى بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەن.سوت خادىملىرى جاڭ فامىلىلىكنىڭ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا،ئۇ بۇ ھۆكۈمنىڭ ئۆزىگە لايىق بولغانلىقىنى ئېيتىپ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشنى رەت قىلغان.
جاڭ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغان بولۇپ،ئائىلىسىدىكىلەرگە يۈزكېلەلمەيدىغانلىقىنى،ئايالى بىلەن بالىسىنىڭ ئالدىدا تولىمۇ خىجىل ئىكەنلىكىنى،ئاجىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن گۇناھىنى تىلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتكەن.