ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 11-سېنتەبىر تېلېگراممىسى. ئامېرىكا كوكا-كولا شىركىتى 10-سېنتەبىر تۇنجى تۈركۈمدىكى كولانىڭ بىرما شەھىرىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ، بۇ 60 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى بىرما بازىرىغا كىرگۈزۈلۈشى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
كوكا-كولا 1927-يىلى تۇنجى قېتىم بىرما بازىرىغا كىرگەن بولۇپ ، كېيىن ئامېرىكا كارخانىلارنىڭ بىرمىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن چېكىنىپ چىققان . ئامېرىكا بۇيىلنىڭ بېشىدا بىرمىغا بولغان مەبلەغ چەكلىمىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىسپىرتسىز ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنى ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن . رىيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، كوكا -كولا شىركىتى بىر بىرما كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىۋېتىپتۇ.