ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
دۇنيا بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لىن يىفۇ 11-سېنتەبىر تيەنجىندە جۇڭگو ئىقتىسادى % 8 لىك سۈرئەت بىلەن يەنە 20 يىل ئېشىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، دېدى.
لىن يىفۇ 2012-يىللىق يازلىق داۋۇس مۇنبىرىدە يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان . ئاخبارات ۋاسىتىلىرى "جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەمەس" لىكى توغرىسىدا سوئال سورىغان چاغدا ، ئۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاللىقاچان 32 يىللىق ئۈزلۈكسىز ئېشىش مۇساپىسىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ، دۇنياۋى مۆجىزە ياراتقانلىقىنى،كەلگۈسىدىمۇ ھەم شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
لىن يىفۇ مۇنداق دېدى : جۇڭگو بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىش ئۈچۈن ، بەلگىلىك ئېشىش سۈرئىتى بولمىسا بولمايدۇ. پەقەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە بولسىلا چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئېشىش نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جۇڭگو پەقەت ئېكسپورت قىممىتىگىلا تايىنىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرەمدۇ ، دېگەن سوئالىغا قارىتا لىن يىفۇ مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: بۇ قاراش جۇڭگوغا بولغان بىر خاتا تونۇش ، جۇڭگو ئەڭ چوڭ ئېكسپورت دۆلىتى ، ھەمدە شۇنداقلا ئەڭ چوڭ ئىمپورت دۆلىتى بولۇپ قېلىشىدا ئۈمىد چوڭ.
لىن يىفۇنىڭ دېيىشىچە ، جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىياتى پەقەت جۇڭگو خەلقىگە پايدا ئېلىپ كېلىپلا قالماي ، يەنە پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن ، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر ئېكسپورت بازىرىغا ھەمدە سۈپىتى ياخشى ، باھاسى ئەرزان مالغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى زور مىقداردىكى ئېنېرگىيەگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ ، بۇ نۇرغۇنلىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى مول بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق.
بەزى ئىقتىسادشۇناسلار گېرمانىيە بولسا ياۋروپا كرىزىسىدىكى بىر مۆجىزە، ھالبۇكى بۇ مۆجىزىنىڭ مەنبەسى بولسا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ.بۇ قېتىملىق كرىزىس ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى بۈيۈك دېپرېسسىيەدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ كرىزىس بولۇشى مۇمكىن . گەرچە كرىزىس نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، بىراق جۇڭگو يەنىلا ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ قالدى .ھەتتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ كرىزىستىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلدى . شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بارلىق كىشىلەرگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ.
جۇڭگونىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى 1951-يىلىدىكى ياپونىيە ، 1967-يىلىدىكى سىنگاپور ، 1975-يىلىدىكى تەيۋەن ۋە 1977-يىلىدىكى كورىيەنىڭ ئەھۋالىغا ئىنتايىن ئوخشىشىپ قالىدۇ ، لىن يىفۇنىڭ ھۆكۈم قىلىشىچە ، جۇڭگو ئىقتىسادى % 8 لىك سۈرئەت بىلەن يەنە 20 يىل ئېشىش ھالىتىدە تۇرىدىكەن.