ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ تور پونكىتىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەر، ئەسلى تېمىسى: جۇڭگو دۇنيادىكى ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى سېتىۋالىدۇ
جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ساياھەتچىلەر شياڭگاڭ ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ سىرتىدا ئۆچىرەتتە تۇرىدىغان ئىشلار ئانچە يېڭىلىق بىلىنمەس بولۇپ قالدى. خۈيفېڭ بانكىسىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى دوكلاتىدا ئېيتىلىشچە، ھازىر دۇنيادىكى ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمىنى سېتىۋالغۇچىلار جۇڭگولۇق پۇقرالار ئىكەن.

بۇ يۈزلىنىش جۇڭگودىكى يۇقىرى تەبىقىلەر ۋە ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىنىڭ نەتىجىسى. ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى پىشىپ يېتىلدى، بۇ ئەھۋال جۇڭگودىكى يۇقىرى تەبىقىلەر ۋە ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. گەرچە بەزى ئالامەتلەردىن جۇڭگو ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئاستىلاپ قېلىشى تۈپەيلىدىن جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى پۇل خەجلەشتە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كەتكەنلىكى نامايان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سانلىق مەلۇماتتىن جۇڭگونىڭ پارچە سېتىش بازىرىنىڭ ھېلىھەم شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقانلىقى ئىپادىلەندى.

2007- يىلى خۈيفېڭ بانكىسى جۇڭگولۇقلارنىڭ دۇنيادىكى ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنىڭ پەقەتلا %5 تىنى سېتىۋالالايدىغانلىقىنى بايقىغانىدى. ھازىر، جۇڭگولۇقلار سېتىۋالالايدىغان ھەشەمەتلىك بۇيۇمنىڭ سانى بەش يىل ئىچىدە 2007- يىلىدىكى سەۋىيەدىن بەش ھەتتە كۆپەيدى. خۈيفېڭ بانكىسىنىڭ ئانالىزچىسىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەشەمەتلىك بۇيۇم ئىستېمالى يەنىمۇ ئاشىدىكەن.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: بىزنىڭ قارىشىمىزچە، جۇڭگونىڭ ھەشەمەتلىك بۇيۇم بازىرى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، جۇڭگو بازىرى پەقەتلا كونا خېرىدارغا مۇلازىمەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى تۈرلۈك ھەشەمەتلىك بۇيۇملار ھېلىھەم تېخىمۇ كۆپ يېڭى خېرىدارنى جەلپ قىلماقتا.
ھەشەمەتلىك بۇيۇم ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى شۇكى، ھەشەمەتلىك بۇيۇم ماركىلىرى كېڭەيمەكتە، بۇلار پارچە سېتىش دۇكانلىرىنى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىن باشقا جايلارغا كېڭەيتىدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق مودا ماركىلارمۇ بۇ بازارغا بۆسۈپ كىرمەكتە.

گەرچە جۇڭگولۇقلار داۋاملىق تۈردە ھەشەمەتلىك بۇيۇم ئىستېمالىدا ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە پەقەت %10 سودىلا جۇڭگونىڭ ئىچكىرى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. باشقا ئىستېمال بولسا دائىم شياڭگاڭ ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
جۇڭگو پۇقرالىرى دۆلەت ئىچىدە ئەمەس بەلكى دائىم چەتئەلدە ھەشەمەتلىك بۇيۇم سېتىۋالىدۇ. ساختا پۇلنىڭ يامراپ كېتىشىمۇ جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى ئەندىشە قىلىدىغان بىر ئامىل. جۇڭگولۇق بىر قىسىم خېرىدارلار تاۋارلارنىڭ سۈپىتى ۋە مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى چەتئەلدىن سېتىۋالىدۇ.