ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
مورگان خەۋەرلىشىش شىركىتى ئامېرىكا باش ئىقتىسادشۇناسى مىشەل فىلورى 11-سېنتەبىر ئانالىز قىلىپ ، ئالما شىركىتى يېڭىدىن بازارغا سالىدىغان ئالما 5 يانفونى ئامېرىكىنىڭ بۇ يىلقى 4-پەسىللىك ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى 0.25 پىرسەنت پوئىنتتىن 0.5 پىرسەنت پوئىنتقىچە يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن ، دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مۆلچىرىمىزچە ، 4-پەسىلدە ئالما شىركىتى 8 مىليوندىن ئوشۇق ئالما 5 يانفونى سېتىشى مۇمكىن . ئالما 4Sيانفونىنىڭ 600 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھاسىغا سېلىشتۇرۇپ ئويلىغاندا ، پارچە سېتىش باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا ئالما 5 يانفونىنىڭ سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن . شۇنىڭدا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ 4-پەسىللىك ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 0.33 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ياردەم قىلغان بولىدۇ.
فىلورىنىڭ دېيىشىچە ، بۇلتۇر 10-ئايدا ، ئالما S 4 يانفونىنىڭ سېتىلىش مىقدارى مۆلچەردىن ئېشىپ كېتىپ ، 4-پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا 0.1 دىن 0.2 پىرسەنت پوئىنتقىچە تەسىر كۆرسەتكەن . ئۇنىڭ مۆلچەرىچە ، ئالما 5 يانفونىنىڭ سېتىلىش مىقدارىئالما4Sدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.