ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو ئاخبارات تورى 29-فېۋىرال تېلېگراممىسى چەتئەل تېلېگرامما خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،ئەنگىلىيىلىك ماگرىد ۋېئىر ئىسىملىك ئايال ئۆزىنىڭ 100 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالغان،چۈنكى ئۇ كەبىسە يىلى تۇغۇلغانلىقتىن ۋېئىرنىڭ بۇ قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشنى قوشقاندا ئۇ ئۆمۈرىدە پەقەتلا جەمئىي 25 قېتىم تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ،ئەنگىلىيىدىكى ئەڭ ياشانغان كەبىسە يىلىدىكى ئەتىۋارلىق ئادەمگە ئايلاندى.شۇ كۈنى ۋېئىر ئايال پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈن تەبرىكلەش كارتىسىنى تاپشۇرۋالدى.
ۋېئىر 1912-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ،80 ياشقا كىرگەندە ئاندىن پېنسىيىگە چىققان،ھازىرغىچە سالامەتلىكى ياخشى ئىكەن.ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ئاشكارلىشىغا ئاساسلانغاندا،ۋېئىر ھەر كۈنى ئەتتىگەن سائەت يەتتە يېرىمدا ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىدىكەن،ھەپتىدە ئىككى قېتىم قارتا ئوينايدىكەن،تۇرمۇشى ناھايىتىمۇ كۆڭۈللۈك ئىكەن.
ۋېئىر خانىمنىڭ ئۈچ پەرزەنتى،بەش نەۋرىسى،يەتتە چەۋرىسى بار ئىكەن.ئۇ مۇنداق دېدى:مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئازابتىنمۇ،خوشاللىقتىنمۇ بەھرىمان بولدۇم.ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىن رازى ئىكەنلىكىنى،ئەگەر قايتا تۆرىلىپ قالسا يەنە مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان