ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
شىنخۇا تورى شىۋىتسارىيە داۋوس 28-يانۋار تېلگراممىسى جۇڭگو شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنىڭ باشلىقى زېڭ يىنچۇەن 28-يانۋار داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا شياڭگاڭنىڭ تارىخى تەجىربىسىدىن مىسال ئېلىپ، ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ كەسكىن ھەرىكەت قوللۇنۇپ، تېزدىن قەرز كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلدى.
زېڭ يىنچۇەن بىر يەرشارى ئىقتىسادى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتىلىك مۇھاكىمىدە مۇنداق دېدى:«ياۋروپا نۆۋەتتە چوقۇم ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇشقا موھتاج، بۇ ئىشەنچ ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە كەسكىن تەدبىر قوللۇنۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىشتىن كېلىدۇ.»
زېڭ يىنچۇەن شياڭگاڭنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش تەجىرىبىسىنى تونۇشتۇردى. ئۇ نۆۋەتتىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك كىرىزىس ھەل قىلىش ئىشتىياقىدىن باشقا يەنە بانكا بىلەن پۇل مۇئامىلە ئارىسىدكى ۋاستىچى ئورۇنلارنى باشقۇرۇشنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك دەپ قارىدى.
زېڭ يىنچۇەن مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇردى: ئەگەر تېزلىكتە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىلمىسا، ياۋروپا قەرز كىرىزىسنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ باغلىنىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، كىرىزىس باشقا رايونلارنىڭ ئىقتىسادىغا زەربە شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
سۆز ئارىلىقىدا كۆپ قېتىملىق پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرگەن زېڭ يىنچۇەن ئازراق ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ھەرىكەتلىك نۇتقى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىككى نۆۋەت چاۋاك چېلىشىغا ئېرىشتى. بۇنداق ئەھۋال داۋوس يىللىق يىغىنىنىڭ تېما مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاز كۆرۈلىدۇ.