ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
2012-يىلى ئامېرىكىدا ۋەيران بولغان بانكىلارنىڭ سانى 7 گە يەتتى
تېڭشۈن ئىقتىساد خەۋىرى،بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى،بۇ ھەپتىنىڭ 5-كۈنى،ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى مىسسۇرى شتاتىغا جايلاشقان پېچىرىت بانكىسى بىلەن نىۋادا شتاتىغا جايلاشقان كىنوۋېل قاتارلىق ئىككى بانكىنىڭ ۋەيران بولغىنىنى ئېلان قىلىپتۇ،بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى 2012-يىلى ئامېرىكىدا ۋەيران بولغان بانكىلارنىڭ سانى 7 گە يەتتى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئامانەت تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە،باش شتابى مىسسۇرىغا جايلاشقان بىرىنچى مەنبە بانكىسى پېچىرىت بانكىسىنىڭ مال-مۈلكىنى ئۆتكۈزۈۋاپتۇ.سانلىق قىممەتتە كۆرسىتىلىشىچە، پېچىرىت بانكىسىنىڭ مۇقىم مۈلكى 111 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بارىدىكەن،ئومۇمى ئامانەت پۇلى 108 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.ئامېرىكا قوشما شتات ھەمكارلىق بانكىسى بەڭك بېستنىڭ بارلىق ئامانەت پۇلىنى ئۆتكۈزۈۋاپتۇ.سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بەڭك بېستنىڭ ئومۇمى مۇقىم مۈلكىنىڭ قىممىتى 272 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ،ئامانەت ئومۇمى سوممىسى 268 مىليون 800 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ بارىدىكەن.
چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا،نۆۋەتتىكى ئىككى بانكىنىڭ ۋەيران بولۇشى بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئامانەت شىركىتىنىڭ ئومۇمى ئامانەت مەبلەغ سېلىنمىسى 108 مىليون 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپتۇ.
ئومۇمى جەھەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى مىسسۇرى شتاتىغا جايلاشقان پېچىرىت بانكىسى بىلەن نىۋادا شتاتىغا جايلاشقان كىنوۋېل قاتارلىق ئىككى بانكىنىڭ ۋەيران بولغىنىنى ئېلان قىلىپتۇ،بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى 2012-يىلى ئامېرىكىدا ۋەيران بولغان بانكىلارنىڭ سانى 7 گە يەتتى.