ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بېيجىڭ شەھىرى 473 ئۆي- زېمىن كەسپى ئېچىش كارخانىسىنىڭ ئېچىش سالاھىيىتىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈردى. بۇ ئەھۋال بۇ 473 كارخانىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بېيجىڭ شەھىرىدىن غايىب بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يۇقىرىقى سانغا ئاساسەن مۆلچەرلىگەندە، بۇ باسقۇچلۇق ئۆي- زېمىن كەسپى كارخانىلىرى غايىب بولۇش ئەھۋالىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، ھەتتا ئېغىرلاش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ.
بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئۆي- زېمىن كەسپى سالاھىيىتىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بار كارخانىلارنىڭ سانى 3000 ئەتراپىدا. بېيجىڭ شەھەرلىك دۆلەت زېمىن، بايلىق تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرىدە ھەر يىلى ئاشكارا ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان تىجارەت خاراكتېرىدىكى يەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تەمىنلەش كۆلىمى 200 قېتىمغا يەتمەيدىكەن. ئەگەر بەش يىللىق ۋاقىت بويىچە ھېسابلىغاندا، تەخمىنەن مىڭ كارخانا يەرگە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، ئەسلىدە يېرى بار ئۆي- زېمىن كەسپى كارخانىلىرى بەش يىل ئىچىدە يەرلەرنى ئېچىپ بولغان بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، بەش يىلدىن كېيىن تەخمىنەن 2000 غا يېقىن ئۆي- زېمىن كەسپى كارخانىسى يېڭى يەرگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر يىلى بازارغا يېڭىدىن كىرگەن كارخانىلار بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ 2000 ئۆي- زېمىن كەسپى كارخانىسىمۇ غايىب بولۇش تەقدىرىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
ئۆي- زېمىن كەسپى كارخانىلىرىنىڭ غايىب بولۇش دولقۇنى پەقەتلا بېيجىڭدا يۈز بەرگىنى يوق. ۋۇخەن شەھەرلىك ئۆي- زېمىن كەسپى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى 4- پەسىلدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2011- يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ۋۇخەن شەھىرىدە رويخەتكە ئالدۇرغان ئۆي- زېمىن كەسپى كارخانىسىدىن 1375 ى بولۇپ، 2010- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ئۆي- زېمىن كەسپى كارخانىلىرىنىڭ سانى 200 دىن ئارتۇق ئازايغان.
ئۆي- زېمىن كەسپى ئېچىش سالاھىيىتىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش ئۆي- زېمىن كەسپى كارخانىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئېنىق ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەمما كۆپ ھاللاردا، گەرچە ئۆي- زېمىن كەسپى كارخانىلىرى يەنىلا ئۆي- زېمىن كەسپىنى ئېچىش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ھەتتا كارخانىنىڭ تۈرلىرى داۋاملىق يۈرۈشۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كارخانىنىڭ ئارقا پەردىسىدىكى خوجايىنلار ئالماشتۇرۇلغان بولىدۇ. مەسىلەن، باۋلى ئۆي- زېمىن كەسپى شىركىتى تۈر شىركەتلىرىنىڭ پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش شەكلى بىلەن بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى دوڭشېڭ يېزىسىدىكى يەرلەرنى سېتىۋالدى؛ يېقىندا شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئۆي- زېمىن كەسپى ساھەسىدىكىلەر شاڭخەي جېڭدا تاشقى ساھىلىدىكى يەرلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا تالاش- تارتىش ئۈزۈلمىدى؛ خاڭجۇ لۈچېڭ ئۆي- زېمىن كەسپى ئېچىش شىركىتى ئۈزلۈكسىز تۈر سېتىش شەكلى ئارقىلىق زىممىسىدىكى يۈكنى باشقىلارغا ئارتىپ قويدى.