ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ئىران پارلامېنتى ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ھۈسەيىن27-چېسلا مۇنداق دېگەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا جازا قوللىنىشى پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ خالاس.
ئىران خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شۇ كۈنى ھۈسەيىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقىنى نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى بىرلا توختىتىكەن، گرېتسىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر شۇ زامان تەسىرگە ئۇچراپ، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى «پالەچ»ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ دېگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەزا دۆلەتلەر نۇرغۇن ئىچكى رىقابەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئەگەر ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقىغا خام نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىپ قويسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەزا دۆلەتلەر دۇچ كېلىدىغان ئىچكى بېسىم تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىران بىلەن بولغان «نېفىت ئۇرۇشى»دا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قاتنىشىشى سۆزسىز تۇرغانلا گەپ.
ھۈسەيىن مۇنداق دېگەن، ئىراننىڭ نېفىت زاپىسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرى ئىراندىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ. نېفىت زاپىسى جەھەتتە ئىران بىلەن تىرىكىشىدىكەن، بۇ چوقۇم خەلقئارا خام نېفىت شۇنداقلا تەبىئىي گاز باھاسىغا تەسىر ئىلىپ كېلىدۇ، ياۋروپامۇ بۇ كېلىپ چىققان خام نېفىت باھاسى داۋالغۇشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
شۇ كۈنى، ئىران پارلامېنتى دۆلەتلىك بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەيىن ئىبراھىم مۇنداق كۆرسەتكەن، ئىران پارلامېنتى 29-چېسلا ياۋروپانى خام نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا ئائىت لايىھىنى مۇزاكىرىلىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن، بۇ لايىھىنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى « ئالاھىدە جىددىي» بولۇپ، لايىھىدە ھۆكۈمەتكە كېلەر ھەپتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش تەلىپىنى بەرگەن.
ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى خام نېفىتىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى تەخمىنەن 2 مىليون 600 مىڭ تۇڭ. ياۋروپانىڭ ئىراندىن ئىمپورت قىلىدىغان خام نېفىت ئومۇمىي مىقدارى 500 مىڭ تۇڭغا يىتىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە، گرېتسىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلىرى ئىچىدىكى ئىراندىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىت مىقدارى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.
ئىراننىڭ نېفىت بايلىقى مول بولۇپ، دۇنيا بويىچە تۆتىنچى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت شۇنداقلا OPEC تىكى ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت. نېفىت بولسا ئىراننىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرى ۋە تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، نېفىت كىرىمى ئومۇمىي تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنىڭ %85 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا قارىتا جازا يۈرگۈزۈش ئىران ئىقتىسادىنى قايتا قۇرۇشقا مەجبۇرى قىلىدۇ.