مۇۋاپىق مىقتاردا زەمچە ئىچىپ بەرسە سۈيدۈك تۇتالماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ .
قۇچقاچ گۆشىنى يەپ بەرسە كۆپ سىيىش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ .
يۇمشاق سوقۇلغان كاۋاۋىچىننى قېتىققا سېپىپ ، بىر كېچە ھاۋا ئوچۇق ياردە قويۇپ ئىچىپ بەرسە سۈيدۈك تېمىپ كېلىش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ .
مۇۋاپىق مىقتاردا تاغ رەيھانىنى يېسە دوۋسۇندىكى ئۇششاق تاشلارنى ئېزىپ چۈشۈرىدۇ .
بېھىنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ .
پالەكنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە سۈيدۈك يولىدىكى ئۇششاق تاشلارنى ئېزىپ چۈشۈرىدۇ .
پىيازنى تاماق بىلەن قوشۇپ يېسە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ، سۈيدۈك يولىدىكى تاشلارنى چۈشۈرىدۇ .
تۇرۇپ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە دوۋسۇندىكى تاشلارنى چۈشۈرىدۇ .
تەرخەمەكنىڭ ئۇرۇقىنى يەپ بەرسە سۈيدۇك يولىدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ ، تاشلارنى ئېزىپ چۈشۈرىدۇ .
چامغۇر سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ، تاشلارنى ئېزىپ چۈشۈرىدۇ .