ئۈنى پۈتۈپ قىلىشنى داۋالاش :
تۇخۇمدىن بىرنى چېقىپ ، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈنىگە بىر قېتىمدىن يەپ بەرسە ، ئۈچ كۈندە شىپا قىلىدۇ . ئاچچىق نەرسىلەردىن پەرھىز تۇتۇش كىرەك .
ئېغىز پۇراشنى داۋالاش :
بىر سەر ئالوي يىلتىزىنى قاينىتىپ مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات قوشۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساق ئىچىپ بەرسە، بىر ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ . ( بىر مىسقال = 3.3گىرام ، بىر سەر = 31 گىرام )
ئاپتوموبىلدا باش قېيىشنى داۋالاش:
ئاپتوموبىلغا چىققاندا كىچىك بىر پارچە زەنجىۋىلنى ئاغزىغا سىلىۋالسا ياكى كىندىكىگە دورىلىق پىلاستىر چاپلىۋالسا بولىدۇ.(ھامىلدار ئاياللار چاپلىسا بولمايدۇ) ئىككى خىل ئۇسۇلنى تەڭ قوللانسا ئۈنۈمى تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
بۇرۇن قاناشنى داۋالاش:
نىلۇفەر يىلتىزى بىلەن ئالوي يىلتىزىنى تەڭ مىقداردا توغراپ ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ، كۈنىگە ئىككى قىتىمدىن ئۇدا بەش كۇن ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ ، قاننى توختىتىدۇ.
دانىخورەكنى داۋالاش
ئىلمان سۇغا ھەسەلدىن بىر نەچچە تېمىم تېمىتىپ ، يۈزنى ئۇۋۇلىغاچ بەش مىنۇت يۇيۇپ بىرىش. ئاندىن سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇش كىرەك . شۇتەرىقىدە بىر ئاي داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە دانىخورەك يوقايدۇ.