رېتسىپ ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
رىتسىپ بولسا ئۇيغۇر تىۋىپلىرىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى (كېسەللىك پەيدا قىلغان كەيپىيات ياكى خىلىتنى ياكى باشقا ئامىللارنى) تونۇپ،داۋالاش لايىھەسىنى بىكىتكەندىن كىيىن،رىتسىپ تۈزۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن مۇۋاپىق كېلىدىغان (كەيپىياتنى تەڭشەش،غەيرى تەبىئى خىلىتنى پىشۇرۇش،ھەيدەپ چىقىرىش ياكى نورمالسىز بەدەن بەلگۈلىرىنى يوقىتىدىغان) دورىلارنى تاللاش ئارقىلىق،مۇۋاپىق مىقدارىنى بىكىتىش ۋە ماس كېلىدىغان ياسالما شەكلى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تاللاشتەك بىر قاتار جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دورا بىلەن داۋالاش نۇسخىسىدىن ئىبارەت.
رىتسىپ بولسا تىۋىپلارنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت دۇرىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش،داۋالاشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى بولۇپ،ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ داۋالاش ۋە دورىگەرلىكىدىكى ئەمەلىي ماھارەت يىتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم قورالدۇر. رىتسىپ كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدىغان دورىلارنىڭ ئاددىلا بىرلەشتۈرۈلۈشى ۋە ياكى مەلۇم تۈردىكى دورىلارنىڭ ئاددىلا قوراشتۇرۇلۇشى بولماستىن، بەلكى داۋالاش ئۇسۇلى نەزەرىيىسىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا،كېسەللىكنىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، مەقسەتلىك ھالدا بىر توپ دۇرىلارنى ئەقىلگە مۇۋاپىق تەڭشەش ئارقىلىق تۈزۈلگەن يېڭى ئورگانىك بىر پۈتۈنلۈكتۇر
رىتسىپ تەركىبىدىكى دورىلار ئوتتۇرسىدا مۇرەككەپ بولغان ئۆز-ئارا مۇۋاپىق تەڭشىلىش مۇناسىۋىتى بولۇپ،رىتسىپنىڭ تەسىرى رىتسىپ تەركىبىدىكى دورىلارنىڭ ئورگانىزىمغا بولغان ئورتاق تەسىرىنىڭ ئومۇمى رولىدىن ئىبارەت. بىر لاياقەتلىك بولغان رىتسىپ نۇسخىسى بىخەتەر ھەم ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولىدۇ. كىلىنكىدا رىتسىپ تۈزۈشتە ئالدى بىلەن بىمارغا پايدىسىز بولغان زىيانلىق ياكى زەھەرلىك بولغان ھەر قانداق تەسىرلەردىن خالى بولۇش،ئۇندىن كېيىن داۋالاش ئۈنۈمىنى قوغلىشىش كېرەك. دورىلارنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق تەڭشىلىشى،زىيانلىق ياكى زەھەرلىك تەسىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نوقتىغا كەلتۈرلۈپ،ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولۇشىنى ئويلىشىش ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ئىنسان تەبىئىتىنى ئاساس قىلىپ، يۈكسەك ئىنسانى روھى خىسلەتنى نامايەندە قىلغانلىقىنىڭ پولاتتەك پاكىتىدۇر. مۇشۇ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ رىتسىپلىرى ئۆزىنىڭ يۈكسەك قىممىتىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆرمىتى ۋە قەدىر قىممىتىگە ئىرىشىپ كەلمەكتە.
(ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى رىتسىپلار ئىلمى) دىن ئېلىندى