ساغلام بولاي دېسىڭىز ...
كۆپ خىل ۋىتامىنلارنىڭ بىرىكىشى راك كېسىلىنى داۋالاشقا پايدىلىق بولسىمۇ ، ئەمما كۆك چاي ، ۋىتامىن A بىلەن E راك كېسىلىنى داۋالاشقا پايدىسىز بولۇپ ، بۇلار رادىيوئاكتىپلىق داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن خىمىيەلىك داۋالاشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ . شۇڭا راك كېسىلى ئاغرىقلىرى خىمىيەلىك داۋالاش جەريانىدا ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغان ھەرخىل ۋىتامىن مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا دىققەت قىلىشى لازىم .
مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئەتتىگەن سائەت 9:00 دىن 1:00 گىچە ئاپتاپقا قاقلانماسلىق لازىم ئىكەن ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ئەڭ كۈچلۈك بولغاچقا ، تېرە قىزىرىپ سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولىدىكەن .
شۇڭا بۇۋاقىتتا ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن ساقلىنىش ، شۇنداقلا بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى بىۋاستە ئاپتاپقا سالماسلىق كېرەك .