تىبابەت دورىلىرى ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا مۇۋاپىق . بىراق ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۇستىخاننى ياخشىلاش ، قاننى تازىلاش ، روھى كەيپىياتنى كۆتۈرۈش قاتارلىق تەركىبلىرى بار تىبابەت دورىلىرىنى قاتتىق چەكلەش كېرەك .
چۈنكى بۇخىل دورىلار ھامىلىنىڭ غەيرىلىكىنى ، بويىدىن ئاجراش ، ئاي كۈنى توشماي تۇرۇپ تۇغۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئاساسلىقى ، دورىلاردىن - ئىپار ، ھەببۇلمۈلۈك ئۇرىغى ، ھەشقىپىچەك ، سۈتلۈك ئوت ، يېندەك يىلتىزى ، پارپا قاتارلىقلار ئېھتىيار قىلىدىغان دورىلار يەنى كۆڭۈلگە خۇشلۇق كەلتۈرگۈچى (روھىنى كۆتۈرگۈچى) دورىلار ، مەسىلەن - شاپتۇل مېغىزى ، قىزىل گۈل ، رەۋەن ، سېترۇس قېقى ، ئاقچەشكە ، دارچىن قاتارلىقلار روھىي جەھەتتىكى غىدىقلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللار يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش ئېلىپ بارماسلىق كېرەك .
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۈتىنىدىغان دورىلارنى ئوڭايلىقچە ئىشلەتمەسلىك ، چۈنكى ھامىلدار بولغاندىن كېيىن ، مۇئەننەس قانلار ھامىلىگە يېغىلىپ ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدە <<مۇئەننەس قان بوش (بوش) ، مۇزەككەر يۇقىرى >> دەيدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ . شۇڭا خەلق ئارىسىدا <<تۇغۇتتىن بۇرۇن سالقىن بولۇش>> دېگەن سۆز تارقالغان . مەسىلەن - ئادەمگىياھ گەرچە ئوزۇقلۇق تولۇقلىسىمۇ ، بىراق ھامىلدار بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىلسە ياكى ئارتۇق ئىشلەتسە ، مۇزەككەر قانچە قويۇق بولسا ، مۇئەننەس شۇنچە بوش بۇلۇپلا قالماستىن ھامىلە ھەم ھامىلدار ئايالغىمۇ پايدىسىز ۋە ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى ياندۇرىشىنى ، قان بېسىمى يۇقىرى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يەنە بويىدىن ئاجراپ كىتىشىمۇ مۇمكىن . بۇنىڭدىن باشقا مەسىلەن - بۇغىنىڭ مۈڭگۈزى ، بۇغا ھەمرىيى ، بۇغا مۇڭگۈزى يىلىمى قاتارلىق ئىسسىق كېلىدىغان دورىلارنى ھامىلدارلار ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك .