كۆپ تەرلەمسىز ؟
كۆپ تەرلەشنى تىبابەتتە كۆپىنچە "ھۆل سوغۇق كەيپىياتنىڭ ئېشىپ كىتىشىدىن بولىدۇ " دەپ قارايمىز .
دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا دائىم كۆپ يېيىش، كۆپ ئىچىش،كۆپ تەرەت قىلىشۋە ئورۇقلاشقاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ تەرلەشئالامىتىمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
چۈنكى بۇنداق بىمارلارنىڭ ۋېگىتاتىۋ نېرۋا ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ كەتكەچكە، تەر بەزلىرىنىڭ سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقىرىشى كۆپىيىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپ تەرلەيدۇ، ھەتتا بەزىدە ھەددىدىن ئارتۇق تەرلەپ كېتىدۇ.
قان شېكىرىنىڭ يۇقۇرى بولۇشى ماددا ئالمىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ ، كۆپ تەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەرنىڭ بىرى. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، قان شىكىرى تۆۋەن بولسىمۇ سوغۇق تەرلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
شۇڭا ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كۆپ تەرلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، چوقۇم قاندىكى شىكەر ماددىسىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم.قالايمىقان دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك !