‹‹ قۇرت يىگەن چىش ›› كىشىلەرگە ھەرگىزمۇ ناتۇنۇش ئەمەس ، دوختۇر ئۇنى چىرىگەن چىش دەپ ئاتايدۇ . بىر قىسىم جاھان كەزدى دوختۇرلار ‹‹ قۇرت يىگەن چىش ›› تىكى <<چىش قۇرتى>> نى ئالىمىز دەپ كىشىلەرنى ئالدايدۇ .
ئۇنداقتا قۇرت يىگەن <<چىش>> نى راستىنلا قۇرت يىگەنمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ، قۇرت ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس . ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۆزگىرىشچان زەنجىرسىمان شارچە باكتىرىيە ، نۇر چاچقۇچى زەمبۇرۇغ قاتارلىقلار شۆلگەيدىكى قەنت ئاقسىلىدىن پايدىلىنىپ چىش يۈزىگە يېپىشىپ باكتىرىيە دېغىنى ھاسىل قىلىدۇ . باكتىرىيە دېغىدىكى زەنجىرسىمان شارچە باكتىرىيە ئاساسلىق چىرىتكۈچى باكتىرىيىدۇر . بۇ باكتىرىيە ئۆزلىگىدىن كىسلاتا ئىشلەپچىقارغاندىن سىرىت ، يەنە ئېغىز بوشلۇقىدىكى قالدۇق يېمەكلىكلەر (بولۇپمۇ تاتلىق يېمەكلىكلەر) نى پارچىلاپ ، كىسلاتا ئىشلەپچىقىرىدۇ . كىسلاتا چىشنىڭ سىرىتقى يۈزىنى مېنىرالسىزلانۇرىدۇ ، بۇنىڭغا بئو - خېمىيىلىك چىرىتىش قوشۇلۇپ ، چىشتا ئاستا ئاستا كاۋاك شەكىللەندۈرىدۇ . مانا بۇ ئېيتىلىۋاتقان ‹‹ قۇرت يىگەن چىش ›› دۇر .
چىش چىرىش ئىنسانلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى . تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە چىش چىرىشنىڭ نىسپىتى % 90 تىن يۇقىرى ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە % 50 ئەتراپىدا بولۇپ ، تۇرمۇش سەۋىيسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ يۇقۇرلىماقتا . پۈتۈن دۇنيادا ئاز دېگەندىمۇ 2 - 3 مىلىيارد ئادەم چىش چىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان .
چىش چىرىش كېسىلىنىڭ ئىنسانىيەت ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا بولغان زىيىنى ۋە دۇنيا سەھىيە بايلىقىنى خورىتىشى زور بولغاچقا ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چىش چىرىش كېسىلىنى راك ۋە يۈرەك قان - تومۇر كېسىلىدىن كېيىن تۇرىدىغان پۈتۈن دۇنيادىكى نۇقتىلىق ئالدىنى ئالىدىغان ئۈچ چوڭ كېسەللىكنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى ، شۇڭا بىز ئېغىز تازىلىقىمىزغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز ، چىشىمىزنى ئاسرىشىمىز كېرەك .