ئوغىرى چىش يەنى لەۋ تەرەپكە يۆتكەلگەن تۇراقلىق قۇزۇق چىش ، كۆپۈنچە يۇقۇرى جاغدا كۈرىلىدۇ . كۆپ ساندىكى ئاتا ئانىلار ئوغىرى چىشنى سەت دەپ قاراپ ئۇنى تارتىۋىتىشكە ئۇرۇنىدۇ .ئېغىز بۈلىمى مەخسۇس بۈلىمىنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ ئوغرى چىشى غەيرىلىكىدىن تۈزەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تۈزۈشكە بولىدۇ .ئەگەر ئۇ تارتىۋىتىلسە ناھايتى ئەپسۇسنىلارلىق ئىش بولىدۇ .ئۆسمۈرلەرنىڭ تۇراقلىق قۇزۇق چىشى ئادەتتە 9.5 ~14 ياشقىچە يەنى تۇنجى بىر جۈپ قۇزۇق چىش ۋە يان ئۇدۇل چىشتىن كىيىن بىخلىنىدۇ .ئەگەر قۇززۇق چىش چىش ئالمىشى مەزگىلىگە بارمايلا چۈشۈپ كەتسە تونجى بىر جۈپ قۇزۇق چىش ۋە يان ئۇدۇل چىش بوشلۇققا قاراپ سىلجىغانلىقتىن تۇراقلىق قۇزۇق چىش قا ئۇرۇن يىتىشمەي چىش يايىسىنىڭ سىرتىغا بېقىنىپ كۆپىنچە لەۋ تەرەپ كە يۆتكىلىدۇ .
تۇراقلىق قۇزۇق چىش جاۋغايغا ئۇدۇل جايلاشقان چىش يىلتىزى ئۇزۇن توم بۇلۇپ جاۋغاينى تىرەپ يۈزقىسمىنىڭ تۇلۇق بۇلىشىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ . ئەگەر يۇقۇرقى جاغدىكى قۇزۇق چىش تارتىۋىتىلسە جاۋغاينىڭ ئۇستۈنكى قىسمى ئىچىگە ئوتۇرۇشۇپ ھۆسنىگە چوڭ نۇقسان يېتىدۇ .ئاتانا بولغۇچى بالىنى ئوغىرى چىشىنى بايقىغاندا دەرھال دوختۇر خانىغا ئاپىرىپ ئىغىز بوشلۇقى بۈلىمىگە ئاپىرىپ دىئاگۇنۇز قۇيدۇرىشى ھەم دوختۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنىشى لازىم .
ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مەسئۇليەتسىزلىك قىلىپ ئوغرى چىشنى ئالدۇرۋىتىشكە بولمايدۇ