پۇت ئالقىنى بىلەن يۈرەكنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار. يۈرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىغان نۇرغۇن ئاغرىقنىڭ ئالدى بىلەن پۇت بارماقلىرىدا ئىششىق پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، تېببىي ئالىملار پۇت ئالقىنىنى ئادەمنىڭ «ئىككىنچى يۈرىكى» دەپ ئاتىشىدۇ.
پۇت ئالقىنىنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خېلى بۇرۇنلا كىشىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان ۋە بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان. پۇتنىڭ ئالقىنىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، غىدىقلىنىپ، پۇت ئالقىنى قىزىپ، بەدەندىكى زىيانلىق گازنى ھەيدەيدىكەن، جىگەرنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدىكەن، ئۇيقۇنى ياخشىلايدىكەن، مېڭە جانلىنىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى كۈچىيىدىكەن.
پۇت ئالقىنىنىڭ يەنە نەپەس يوللىرى بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋىتى بار. خەلق ئارىسىدا «توڭلاش پۇتتىن باشلىنىدۇ» دېگەن گەپ بار. پۇت ئالقىنى يۈرەكتىن يىراق بولغانلىقتىن، پۇت ئالقىنىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ئاز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇت ئالقىنىنىڭ تېرە يۈزىدە ياغ قاتلىمى بەك نېپىز بولغانلىقتىن، پۇتنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىز كېلىدۇ. پۇت ئالقىنى توڭلىغاندىن كېيىن نەپەس يولىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ، كېسەلگە قارشى كۈچى ئاجىزلايدۇ. بەزى ئادەملەر پۇتنى ئىسسىق تۇتۇشقا سەل قارىغانلىقتىن، ئوڭايلا زۇكام ياكى باشقا كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا قىش كۈنلىرى پۇتنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش بىلەن بىللە، ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشى كېرەك. ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلار پات - پات ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇياق - بۇياققا مېڭىپ پۇتىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، پۇت ئالقىنىنى قىزىتىشى كېرەك. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتنى ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇشنى ئادەت قىلىش لازىم.