يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ كېسەللىك ۋاستىلىرىنى بىيولوگىك كونترول قىلىش مۇتەخەسسىسلىرى كىشىلەرنى ئائىلىدە سۈۋەرەكنى يوقىتىش ئۈچۈن دورا چاچماي، زەھەرلىك يەمچۈك سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا دەەۋت قىلدى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «سۈۋەرەك زىيادە سېزىمچانلىق مەنبەلىك بۇرۇن ياللۇغى، زىققا ۋە دىزىنتېرىيە تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. سۈۋەرەك ياز ۋە قىش پەسلىدە بەكرەك جانلىنىدۇ».
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى كېسەللىك ۋاستىلىرىنى بىيولوگىك كونتۇرۇل قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن مېي مۇنداق دېدى: «سۈۋەرەك ئۆلتۈرىدىغان پۈركىمە دورىلارنىڭ زەھىرى تۆۋەن، ئائىلىدە سۈۋەرەك يوقاتقاندا زەھەرلىك يەمچۈك ياكى يېلىملىق يەمچۈكلەرنى ئىشلەتكەن تۈزۈك.
ئەگەر سۈۋەرەك بىر قەدەر كۆپ بولسا ئاۋۋال زەھىرى تۆۋەن، غىدىقلاش كۈچى ئاجىز ھاشارەت يوقىتىش دورىلىرىنى ئىشلىتىپ سۈۋەرەكلەرنى ئازايتقاندىن كېيىن، زەھەرلىك يەمچۈك ياكى يېلىملىق يەمچۈك ئىشلىتىپ سۈۋەرەكنى داۋاملىق يوقىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىشىلەر يەنە ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆينى چوڭ تازىلاش، گېزىت ۋە كىتابلارنى يۆتكەش، قاچا-قۇچا ۋە كىتاپ
ئىشكاپى قاتارلىقلارنى قەرەللىك تەشۈرۈش تەدبىرىنى قوللىنىشى زۆرۈر.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاشخانا ۋە يېمەكلىك ئامبارلىرىنىڭ ھاۋاسىنى داۋاملىق ئالماشتۇرۇشمۇ مۇھىم. ئوچاق بېشى ۋە ئۈستەلدە يېمەكلىك قالدۇقى قالدۇرماسلىق، يەر ۋە ئۈستەلنى پاكىز تۇتۇش؛ ئاشخانا، ھاجەتخانىلارنىڭ تام ئىشكاپلىرىدىكى يوچۇقلارنى ۋە تۇرۇبىلارنىڭ يوچۇقلىرىنى ئېتىۋېتىش كېرەك».