ئەھكام ھەققىدە

ئەھكام ھەققىدە

ئەھكام سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى  : ھۆكۈم ، ئەمىر- پەرمان ،  يوليورۇق ۋە يەنە مەزمۇت ، مۇستەھكەم دېگەنلىك بولۇپ ، ئادەتتە دىن ئەھكاملىرى ئىستىمالىدا كۆپ ئىشلىتىلگەن .

ئەمما بىز بۇ سۆزنىڭ ھۆكۈم ، مۇستەھكەم ... مەنىلىرى ئەھكام سۆزى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئەسىرلەر داۋامىدا خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بىريوليورۇق بولغانلىقى خەلقىمىزنىڭ تەن ساقلىقىنى ساقلاش داۋامىدا مۇستەھكەم قورغانلىق رولىنى ئوينىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىسىمنى تاللىدۇق .

ئەھكام تورىغا : ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى كىسەللىكلەر ھەققىدە تۇنۇش ، بەدەندىكى ئەزالارنىڭ سۈرەتلىك چۈشەندۈرىلىشى ۋە ئۇلارنى ئاسراش ھەققىدىكى بايانلار ، شىپالىق ئاددىي رېتسىپلار ، ھەرخىل ئۇيغۇر تبابەت دورىلىرى ، ئەرلەر ۋە ئاياللار ھەققىدىكى مەخسۇس سەھىپە ، جىنسىيەت بىلىملىرى ۋە تىببىي ماقالىلار كىرگۈزۈلگەندىن سىرىت ئەھكام تورى بازارغا سالغان ھەر تۈرلۈك ساغلاملىق مەسھۇلاتلىرى شۇنداقلا چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن ئىمپورت مەسھۇلاتلار بازىرى ئېچىلغان بۇلۇپ ئۆز بەدىنىڭىزنىڭ ساغلاملىقى ھەققىدە كەڭ چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن سىرىت كېرەكلىك بولغان دورا مەسھۇلاتلىرى ۋە شۈبھىسىز ئىمپورت مەسھۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋالالايسىز . خالىغان تىمىدا ساغلاملىق ھەققىدە مەسلەھەت سورىيالايسىز !

ھەر تۈرلۈك ئۇيغۇر تىبابەت دورا ماتىرىياللىرى ۋە ئېمپورىت مەسھۇلاتلار ئەڭ تىز سۈرئەتتە سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزنى قاندۈرۈش ئۈچۈن تەييارلاندى ، تاللاپ سېتىۋېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .

ئەھكام ئۇيغۇر تىبابەت (ساغلاملىق) تورى خەلقىمىزنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ، تور دۇنياسىدا ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى كەمچىل بۇلۇش بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر تىبابىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىدەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ، ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنى ئاۋال خەلقىمىزگە تۇنۇتۇش ئاندىن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش شۇئارىغا ئازراق بولسىمۇ ئاۋاز قوشۇپ خەلقىمىزنىڭ ئۆز تىبابىتىمىزگە بولغان چۈشەنچىسىگە ياردىمى بۇللىشىنى ئۈمد قىلىپ مەزكۇر بىكەتنى ئاچتۇق .

كەڭ قېرىنداشلارنىڭ قوللاپ بېرىشىنى ، مەسلەھەت سوراش ، تەكلىپ - پىكىر بېرىش شەكلى بىلەن يىڭى تىما بىلەن تەمىنلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز . شۇنداقلا سەمىمىيتى ئۈچۈن چىن دىلىمىزدىن تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز .

ئەھكام ئۇيغۇر تىبابەت (ساغلاملىق) تورىغا :

ئۇيغۇر تىبابىتى ھەققىدە يېزىلغان تۈرلۈك - تىببى ماقالىلەر

ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىلىدىغان يەككە (خام) - دورا ماتىرىياللار

ئائىلىدە ئىشلىتىش قولاي بولغان - شىپالىق رېتسىپلار

ئەرلەر ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار - ئەركەكلەر

ئاياللار ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار - خانىم - قىزلار

تىبابىتىمىزنىڭ تۈرلۈك كىسەللىكلەرگە بولغان تۇنىشى ۋە تەدبىرى - كىسەللىكلەر

بەدىنىمىزدىكى ئەزالارنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرىلىشى - ئەزالار

ئۇيغۇر تىبابىتى دورىگەرلىرى ئىشلەپ چىقارغان دورىلار ۋە خۇسۇسىيتى - دورىخانا

ئائىلە خۇشاللىقى ۋە ئىناقلىقى ئۈچۈن - جىنسىيەت ۋە تۇرمۇش

ئۆزىمىز ئىشلەپ بازارغا سالغان تىبابەت مەسھۇلاتلىرى - مەسھۇلاتلىرىمىز

خەلقىمىزنىڭ ئىستىمالى ئۈچۈن  ئىمپوت مەسھۇلاتلار - ئىمپورت بازىرى

تورداشلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن - ئەدەبىي يازمىلار

تور دۇنياسىدىكى نادىر يىڭىلىقلار - تورداشلاردىن

قاتارلىق سەھىپىلەر تەسىس قىلىندى .

سەھىپىلەرنىڭ بىرىنجى مەزمۇنىغا شۇ سەھىپىگە ئالاقىدار مۇندەرىجە ياكى چۈشەنچە بېرىلىپ تورداشلارغا قولايلىق يارىتىلدى ، بىكىتىمىزنى زىيارەت قىلغاندا ئۆزى ئېھتىياجلىق مەزمۇننى شۇ بويىچە ئىزدەپ تېپىشىنى ئىزدە  مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئىزدەپ پايدىلىنىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمىز .

ئەگەر سىز ئىزلىگەن مەزمۇننى تاپالمىسىڭىز مەسلەھەت سوراش ۋە تەكلىپ - پىكىر بېرىڭ ئارقىلىق بىزگە سۆز قالدۇرىشىڭىزنى ياكى بىۋاستە ئالاقىلىشىڭ ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ بىكەتنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل ساغلاملىق تورى بۇلۇپ سىز ۋە كۆپچىلىك قېرىنداشلارنىڭ بىمالال پايدىلىنىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمىز .

قېنى ئازادە زىيارەتتە بۇلۇڭ ! تەكلىپ بېرىڭ ! مەسلەھەت سوراڭ !