ئىسىم-فامىلىسى:ئەكبەرجان | ئېلخەت :447596772 | ۋاقتى:2016-01-05 08:08:27 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز مەن دادامنىڭ كىسلى توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىماقچى دادام بۇيىل 65 ياشقا كىردى بۇرۇن قاتناش ۋەقەسدە كاسى زەخمىلەنگەن 1 ئاي ئىلگىرى ئۆگىزىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ سول پۇتى سۇنۇپ كەتتى دوختۇرخانا تىزنى ئوپراتسىيە قىلمىز دىگەنتى بىز قورقۇپ دوختۇرخانىدا داۋالاتماي تىڭىقچىنىڭ ئۆيسىگە ئىلىپ چىقتۇق ئۇ يەردە بىر ھەپتە بىقىپ ھازىر ئۆيگە ئىلىپ چىقتۇق لىكىن ئەھۋالى بەك ناچار ناھىيلىك دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەك ئۆت ياللۇغلىنىپتۇ دەپ دوختۇر دورا يىزىپ بەردى بىراق ئۇ دورا پايدا قىلمىد ى شۇڭا سىلەردە مۇشۇ كىسەلگە پايدا قىلغۇدەك دورا بولسا ئىشلىتىپ باقساق دىمەكچىتىم | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسلام ، سۆڭەك كېسەللىكى سەل قارايدىغان كىسەللىك ئەمەس ، پەرۋىش قىلىش ياخشى بولمىسا ئازراق زەخمىمۇ كۈتۈلمىگەن ئەقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن ... بۇ ھەقتە كۆپرەك ئەمەلىي ھەركەت قوللىنىپ ، ئەھۋالنىڭ ئېغىرلاپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالساڭلار دېگەن ئۈمىدىمىز بار . ئۆت ياللۇغىغا كەلسەك : بۇزۇرى شەربىتى ، دىينار شەربىتى ، بىيە شەربىتى ، نار فىننە قاتارلىق دورا شەربەتلەردىن تاللاپ ئىشلەتسەڭلار ياكى بىر قانچىسىنى بىللە ئىشلەتسەڭلارمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ... |
ئىسىم-فامىلىسى:ھاشم | ئېلخەت :455044812@qq.com | ۋاقتى:2016-01-05 02:44:01 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن27 كىرەي دەپ قالدىم، بوي ئىگزلكىم1.78 سانتىمتىر ئېغىرلىقىم 63كىلوگىرام قانداق قىلسام نورمال سەمرىگىلى بولىدۇ.مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ئاۋارە قىلدىم رەھمەت.. | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، 2015- يىلى 11-ئەينىڭ 7.كۈنىدىكى مەسلىھەت مەزمۇنىغا قارالسۇن ! قۇۋۋىتى مۇرەككەپنى تەۋىسسىيە قىلىمىز .... |
ئىسىم-فامىلىسى:ئەنۋەر | ئېلخەت :13040466652 | ۋاقتى:2016-01-04 14:07:25 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مىنىڭ مۇشۇ بۇرنۇمدىن قەتى نورمال نەپەسلىنەلمەيمە ئادەتە مۇشۇ بۇرنۇمنىڭ ئىكى تۈشىكىدىن تەڭلەم نەپەسلىنەلمەيمە بىردەم بىر تۈشىكىدىن نەپەسلەنسەم بىردەم بىرسىدىن نەپەسلىنمە ئىكىسدىن تەڭلام نەپەس چىخمايدۇ بىرە يەردە ئولتۇرسامۇ قەتى نەپەسلىنەلمەي بەك بىئارام بوپ كىتمە ئاخشىمى ئۇخلىسامۇ نەپەسلىنەلمەي ئاغزىمدا نەپەسلىنمە بۇرنۇمنىڭ بىر تۈشىكىدىنلام تىنىق چىقىدۇ يەنە بىرسىدىن چىخمايدۇ نەپەسلەنگەندىمۇ بىردەم بىر تۈشىكىدىن بىردەم يەنە بىر تۈشىكىدىن ئالمىشىپ تۇردۇ نەپەسلىنىشىمۇ بۇ زادى ئوسمە گوشمىدۇ. ياكى بۇرۇن يالۇغىمىدۇ. داۋالاش ئۇسلى بامىدۇ داۋالاش ئۇسلى بوسا مەسلەھەت بەگەن بوساڭلا .......................... | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: بۇ ئەھۋال ئادەتتە بۇرۇن ياللۇغىدىمۇ ، بۇرۇن ئۈستى تەرەپ كانالچىلاردىكى مونچاق گۆش ئۆسۈپ قالغان ئەھۋالدىمۇ كۆرۈلىدۇ ، يەنە بىر ئېھتىماللىق ئىلگىرى بۇرۇنغا بىر نەرسە ئېغىر سوقۇلغان بولسا ، شۇ ۋاقىتتا بىلىنمەي كىيىنچە بۇرۇن سۆڭىكىنىڭ بىر تەرەپكە مايماق بولۇپ قېلىشىدىمۇ كۆرۈلىدۇ ... بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال بۇرۇننى سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ دىئاگىنوزنى ئېنىق بىكىتكەندىن كىيىن داۋالاش قىلىش تولىمۇ مۇھىم ، بۇرۇن ياللۇغى بولسا - دورىلار بىلەن داۋالاش قىلسا بولىدۇ . باشقا ئەھۋاللار بولسا ئوپىراتسىيە قىلىش كېرەك . ئاۋال ياخشىراق تەكشۈرۈپ كۆرۈش تەكلىۋىنى بېرىمىز ... |
ئىسىم-فامىلىسى:سادىل | ئېلخەت :351669739@qq.com | ۋاقتى:2015-12-29 00:35:22 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەن 19ياش،ئانانىزىم بىلەن 6يىل شۇغۇللانغان ،سەللا ھېسياتلانسام شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ،چېچىم شالاڭ،ئۇنۇتقاقلىق،پاتپات تاش بۆرەك ئاغرىدۇ،مەنى ئاز،تېخى توي قىلمىغان،ماڭا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز بىز ئىلگىرى كۆپ قېتىم مەسلىھەت بەرگەن مەزمۇنلارغا چۈشىدىكەن . ۋاقىت قىسلىقى سەۋەبلىق قايتا جاۋاب بېرەلمىدۇق كەچۈرۈڭ ، مەسلىھەت مەزمۇنلىرىنى تۇلۇقراق ئوقۇپ چۈشۈنىۋېلىشىڭىزنى ياكى مۇۋاپىق ۋاقىتتا تېلىفۇن ئۇرۇپ مەسلىھەت ئېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز ... |
ئىسىم-فامىلىسى:گۈلمىرە | ئېلخەت :1980600735 | ۋاقتى:2015-12-13 12:59:11 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالام ئەلەيكۇم. مەن 19 ياشقا كىرەي دەپ قالدىم . بوي ئىگزلكىم 1.52 سانتىمتىر . ئېغىرلىقىم 48 كىلوگىرام . يېشىمغا نىسبەتەن بۇيۇم سەل پاكارراق. قانداق قىلسام بۇيۇمنى ئۆستۈرۈش مەخسىتگە يىتەلەيمەن ؟ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىز تېخى ئۆسۈپ يىتىلىش باسقۇچىدا ئىكەنسىز ، بۇنىڭدىن كىيىن يەنە بىر قانچە يىل بويىڭىزنىڭ ئۆسۈش ئىمكانىيىتى بار . (ئىرسىيەتلىك بولمىسىلا) كالتىسىي تۇلۇقلاشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىڭ . ئىشتىھا تۇتۇلۇش ۋە قەۋزىيەتلىك ئەھۋاللاردىن ساقلانسىڭىز ، نورمال مىتاپولىزىم (ماددا ئالمىشىش ) تەسىرگە ئۇچۇرمىسىلا چوقۇم ئۈمىد بار . |
ئىسىم-فامىلىسى:تەلئەت634075822 | ئېلخەت :634075822@qq.com | ۋاقتى:2015-12-13 00:49:16 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بىر ئايدەك بولدى بەدىنىمگە تىرناقنىڭ يىرىمچىلىك ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك قىزىل نەرسىلەر چىقۋاتىدۇ ،تاتلىسام تىرىسى سويىلىدۇ،قىچىشىدۇ.باشتا پۇت قولۇمغا تىزىمدا كۆپىرەك چىققان ،بىشىممۇ تويۇقسىز كىپەك بولۇپ كەتتى ،كىپەك بولىشى مۇشنىڭغا مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەپ ئويلىدىم。مىللىي تىبابەتتە ئوقۇپ كەلگەن بىر ئاغىنەم قورغاق تەمرەتكە بولىشى مۇمكىن دەپ سۈركەيدىغان ھەم يەلتاشمىنىڭ دورىلىرىنى بەرگەن پايدا قىلمىدى.مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.س | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، دورىنىڭ پايدا قىلمىغىنى سىزنىڭ شۇ كىسەل ئەمەس ئىكەنلىكىڭىزنى بۈلدۈرىشى ناتايىن . سىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابەتتە ئوقۇغان ياخشى دوستىڭىز بار ئىكەن ، ئۇ سىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىڭىزنى ياخشى بىلىشى مۇمكىن ، ئۇنىڭدىن دورا ئالماشتۇرۇپ بېقىشنى سوراڭ ! ياكى دىئاگىنوزنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ بەرسۇن ! شۇ ۋاقىتتا مەيلى كىم داۋالىسۇن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز .. . |
ئىسىم-فامىلىسى:نېجات | ئېلخەت :1149775122@qq.com | ۋاقتى:2015-12-03 22:06:42 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەن ئۆزەم23ياش قەشقەردىن دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەم ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى دىدى مۇشۇ كىسەل سەۋەبىدىن تۇرمۇشۇم بەك قالايمىقان بولۇپ كەتتى قانداق قەلسام بۇ كىسەلدىن تىزراق ساقىيىمەن مەسلەھەت بەرگەن بولساڭلار | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلغاننىڭ پايدىسى يوق ، بەك كۆپ ئەندىشە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق ... پەقەتلا سېستىمىلىق داۋالاش قىلىنسا ياخشى بوپ كىتىسىز ... ساقايمايدۇ - دىگەن كىسەللەرمۇ ، ئۈمۈدۋارلىق بىلەن ياشاپ داۋالىنىپ ساقىيىۋاتىدۇ ! ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ كىسىلىڭىز داۋاسىز كېسەل ئەمەس ، كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇپ ياخشى داۋالىنىڭ ! |
ئىسىم-فامىلىسى:زورىگۈل | ئېلخەت :1136435946@QQ.COM | ۋاقتى:2015-11-23 17:54:53 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەھسۇلاتىڭلارنىڭ ئەكىس تەسىرى بارمۇ يوق؟ ئۈنۈمى بارمۇ ؟ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: شۇنداق ۋەدە بېرەلەيمىزكى مەھسۇلاتلىرىىزنىڭ ئەكىس تەسىرى يوق ، بىراق كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستىمال قىلىشنى تەۋىسسىيە قىلىمىز . ئۈنۈم ھەققىدە بىزنىڭ دىگىنىمىز ھىساپ ئەمەس ، ئىشلەتكەنلەردىن سوراپ بېقىڭ ياكى ئۆزىڭىز ئىشلىتىپ كۆرۈڭ ! |
ئىسىم-فامىلىسى:فۇرقان | ئېلخەت :1534930349@qq.com | ۋاقتى:2015-11-07 22:25:53 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار ، مەن بۇ يىل 22 ياش بوي ئېگىزلىكىم 1.86 ئېغىرلىقىم 59 توي قىلمىغان ؛ مەن سەل ئورۇق ئۆزۈم شۇنداراق ھېس قىلىمەن ، ئازراق سەمرىي دېگەن ، ھازىر بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنىدا چېنىقىۋاتقان بىر ھەپتە بولدى ، قانداق قىلغاندا تېز سۈرئەتتە نورمال سەمرىگىلى بولىدۇ ، مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ئاۋارە قىلدىم رەھمەت | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: نورمال سەمىرىش ئۈچۈن بەدەنگە كىرگەن ئۇزۇقلۇق بىلەن شۇ ئۇزۇقلۇقنىڭ بەدەنگە قانچىلىك سۈمۈرۈلگىنى ۋە قانچىلىك سەرىپ بولغىنى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك . سىز مۇشۇ نۇقتىلار ئۈستىدە ئويلاپ كۆرۈڭ . ئاندىن مۇپەررىھ ئامىلە نۇشدارى دىگەن دورىنى يىيىش بىلەن بىرگە مېغىز ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشنى ئادەت قىلىڭ . |
ئىسىم-فامىلىسى:ئابدىغۇپۇر | ئېلخەت : puxayman@4254377.com | ۋاقتى:2015-11-04 10:43:13 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئوقۇتقۇچى ساجىدەم قىزىمنىڭ تۇتى ، قولى ( بوغۇملىرى ) ئىشىپ ئاغرىيدۇ ، دوختۇرلاردا كۆپ داۋالاتقان بولساممۇ ؛ مەنپىئەتى بولمىدى . دوختۇر بىلەن تومۇرچىلار جىگەرنىڭ ئــــــىشى دەيدۇ . قانداق ئامالىڭلار باردۇر بىـــــر مەسلىھــــەت بەرگـــــەن بــــــولـــــســــاڭــــلار ؟ 81يــــاشــــلىــــق : ئابدىــــغــــۇپــــۇر ئەبەيدۇللام . 2015-11-4- كۈنى . | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بوغۇم ياللۇغى بۇلۇش ئېھتىمالى يۇقۇرىدەك قىلىدۇ ، تېخىمۇ ئېنىق دىئاگىنوز ياكى تەپسىلى ئەھۋالى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىلىرى ، ياخشىراق مەسلىھەت بەرسەك ياكى داۋالاش ھەققىدە ئىزدىنىپ جاۋاب بېرىشىمىزگە قولايلىق بولغان بولاتتى .. . |
ئىسىم-فامىلىسى:مىرىنسا | ئېلخەت :1551128049@qq.com | ۋاقتى:2015-10-24 22:55:14 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەن بۇيىل 40ياش بويۇم1مىتىر60سانتا ،ئېغېرلىقىم78كىلوگىرام ئورۇقلاي دىگەن ئۈنۈملۈك دورا بارمىدۇ؟ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئۇۇرقلىتىش چېيىنى ئىچىش بىلەن بىرگە ھەركەتنى كۆپەيتىشىڭىزنى سورايمىز ، پىيادە كۆپ يول مېڭىشنى ئادەت قىلىڭ ، چوقۇم ئۈنۈمىنى كۆرىسىز ... |
ئىسىم-فامىلىسى:ئالىمجان | ئېلخەت :156872710@qq.com | ۋاقتى:2015-09-10 13:57:49 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: بۇيىىل 20ياشقا كىردىم يۈزۈمگە دانىخورەك چىقىپ كىتىپ ساقايمىدى مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز... | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئاچچىق چۈچۈك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماڭ ، قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىپ بىرىڭ ، يىمەكلىكەر كەيپىياتىنىڭ نورمال بۇلىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ ، دورىلاردىن دانىخورەك مەلھىمى ۋە ئۆشبە شەربىتىنى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ .. |
ئىسىم-فامىلىسى:مىھرىگۈل تايىپ | ئېلخەت :كۇچا | ۋاقتى:2015-09-10 11:19:40 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! گۈلقەتىتنى دىئابىت بىمارلىرى ئىستمال قىلسابولامدۇ؟ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: دىئابىت بىمارلىرى شىكەر (قەنىت) يىسە بولامدۇ ؟ دىگەن سوئال ئىكەن . بۇنىڭ جاۋابىنى مىنىڭچە بىلىپ بولدىڭىز شۇنداقمۇ ؟ |
ئىسىم-فامىلىسى: ئۆمەرجان | ئېلخەت :1557975251@qq.com | ۋاقتى:2015-09-04 21:48:56 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مىنىڭ چىچىم بەكلا چۈشىدۇ، بىر كىتىم يۇيسام بىر قىتىم دىمۇ شۇندا بەك چىچىم تولا چۈشىدۇ. ئادەتتە چىچىمنى تارىساممۇ تارغاققا شۇندا بەك جىق چاچ چاپلىشىپ قالىدۇ، قاندا قىلسام بولا. | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئەھكام چاچ مەلھىمى بىلەن قۇۋۋىتى مۇرەككەپنى بىللە ئىشلىتىڭ ، مايلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز يەڭ ... |
ئىسىم-فامىلىسى:كوئىنلۇن | ئېلخەت :majnunjx3@163.com | ۋاقتى:2015-09-02 20:38:08 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مەن توي قىلغىلى 4يىل بولدى. مەندە جىنسى مۇناسىۋەتتە مەنى بالدۇر كىتىدىغان ئەھۋاللار بوپقالدى بىلىممۇ بەزىدە تېلىپ ئاغرىيدۇ.ئۈزۈم بۇيىل29ياشقا كىردىم مەندىكى بۇ ئەھۋاللارنى دورا ئارقىلىق داۋالىغىلى بۇلامدۇ ؟ شۇڭا سىلەرنىڭ ماڭا ماس كىلىدىغان دورىلار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار سېتىۋېلىپ ئىچىپ باقسام | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىزگە ئالىي ئىمساك ، قۇۋۋىتى مۇرەككەپ .. قاتارلىق دورىلارنى ئانار سۈيىدە ئىچىش تەكلىۋى بېرىمەن . ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋەتنى مۇۋاپىق ئازايتىڭ . مىغز ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىڭ ... |
ئىسىم-فامىلىسى:كامال | ئېلخەت :978889280@qq.com | ۋاقتى:2015-08-31 23:58:17 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەن بۇيىل 29 ياش مەندە ھەپتىچە بولدى، تاشقى جىنسى ئەزا قىچىشىشىدىغان بولاپ قالدى بۇ قانداق ئەھۋال مەسلەھەت سوراي دىگەن... | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: يەللىك يىمەك ئىچمەكلەردىن قەتئى پەرھىز تۇتۇڭ ، لازا ، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارنى بىر مەزگىل ئىستىمال قىلماڭ ، دورىلاردىن شاھتەررە شەربىتى ، ئەرقى چۆبىچىن ئىچىپ بەرسىڭىز ۋە شەخسىي تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسىڭىز ، ياخشى بوپ كىتىدۇ ... |
ئىسىم-فامىلىسى:ئۇبۇلقارى | ئېلخەت :1390939407@qq.com | ۋاقتى:2015-08-29 16:24:50 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن بۇ يىل 19 ياش ھازىر باشقا كىسەللىك ئەھۋالىم ھەم تارىخىم يوق.لىكىن چېچىم بەكلا چۈشىدۇ .چوققا تەرىپىمنىڭ چېچى چۈشۈپ تىگى كۆرنۈپ قالدى.ئېغىر كۆرمەي مۇشۇ ئىشقا مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز.قانداق قىلىمەن قانداق دورىلانى ئىشلەتسەم بولىدۇ. مالال كۆرمەي دۇكان ئادىرسىڭىزنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز. | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، زىيادە چارچاپ كىتىشتىن ساقلىنىڭ ، ئۇخلاش ۋاختىڭىز بەك ئاز بولمىسۇن ، ئەھكام چاچ مەلھىمى ۋە قۇۋۋىتى مۇرەككەپ سىزگە بەكلا ماس كىلىدۇ . دۇكان ئادرىسى : خوتەن شەھەر ئۇزۇن يوللۇق بىكەتنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا . |
ئىسىم-فامىلىسى:تۇلپار | ئېلخەت :562101740@qq.com | ۋاقتى:2015-08-26 18:29:40 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەن توي قىلغىلى 4-ئاي بولدى ئايالىم ھازىرغىچە ھامىلدار بولمىدى، بۇنىڭدا قانداق قىلىشىمكېرەك | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: سىزگە ئۇرۇق ئەلا بىلەن قۇۋۋىتى مۇرەككەپنى تەۋىسسىيە قىلاي ... مەھسۇلاتلىرىمىز دىگەن كۆزنەكتىن تەپسىلاتىنى كۆرگەيسىز ... |
ئىسىم-فامىلىسى:سۇمەييە | ئېلخەت :yakan naheyseden ! | ۋاقتى:2015-08-19 18:09:48 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئورۇقلاي دىگەن ! كۇندىن كۇنگە ئىغىرلىقىم ئىشىپ كىتىۋاتىدۇ ! ھەددىدىن زىيادە بەك سىمىز ئەمەس ! بىراق دىققەت قىلمىسام قان بىسىم تاجىسىمان يۇرەك كىسىلى قاندىكى ماي ئىشىۋىلىش بولۇپ قالىمەنمىكى دەپ ئەنسىرەيمەن ! تاماقنىغۇ كۆپ يەپ كەتمەيمەن ! يىشىم 36 ياش ! | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ھەركەتنى كۆپ قىلىڭ ، پىيادە كۆپرەك يول مېڭىپ ئاداتلىنىڭ ... |
ئىسىم-فامىلىسى:مەمەتئابدۇللا | ئېلخەت :461662671 | ۋاقتى:2015-08-12 17:57:49 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوختۇر سىزدىن 6ياشلىق قىزىمنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىدىن مەسلىھەت سوراي دىگەن قىزىم بۇيىل 6ياش ئۆزى بەك ئورۇن تامقنى زورلاپ يىگۈزىمەن 10نەچچە كۈن بولدى قىزىمنىڭ كالپۇك جاۋغىيى ئەتراپىغا ئاق پەيدا بوپ قالدى يەنى چۆرگىلىتىپ ئاق پەيدا بوپ قالدى كۈندىن-كۈنگە روشەنلىشىپ كىتىۋاتىدۇ چوڭ دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈتسەك ئوزۇقلۇق يىتىشمەپتۇ ئاق كىسەلنىڭ ئالامىتى بار دەيدۇ سەل ئەنسىرەپ قالدىم قانداق قىلسام بولار بۇكىسەل ساقىيارمۇ مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بالىڭىزغا سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك - ئىچمەكلەرنى بەرمەڭ ، بۇلۇپمۇ قېتىق ، سۈت ، تۇخۇم ئېقى ، سوغۇق ئىچىملىك ... دىگەندەك . نار فىننە ، ئامىلە نۇشدارى قاتارلىق دورىلارنى يىگۈزۈڭ ... مۇۋاپىق كۈن نۇرى ، ئاپتاپقا قاقلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىڭ ، يەرلىك ئورۇننى ئىسسىقلىق مايلار بىلەن مايلاپ قويۇڭ ... |
ئىسىم-فامىلىسى:باھار | ئېلخەت :18160622944@189.cn | ۋاقتى:2015-08-10 04:18:08 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم ھەپتىدىن ئاشتى پۇت قولۇمنىڭ ھەركەتلىنىدىغان بۇغۇملىرى ئاغرىپ پەقەت ماڭالماي قالدىم ، دوختۇردا يېتىپ تەكشۈرتسەم قاندا ھېچ قانداق مەسىلە يوق، رېماتتىزىممۇ چىقمىدى، شەخسى دوختۇرخانىلاردا ياللۇغ قايتۇرۇش ھوكۇلى ئۇرغۇزسام بىر ئىككى كۈن ياخشى بولۇپ قېلىپ يەنە شۇنداق بولۇپ قالىمەن. مەن قومغا بېرىپ پەرز تۇتالمىغان شۇنىڭ ئىشىمىدۇ پەقەت بىلەلمىدىم ، مەسلىھەت بەرسىڭىز ئۇستاز | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: بەدەن ۋە سۆڭەكلىرىڭىز بەكلا ئاجىز ئوخشايدۇ ، پەرھىز تۇتۇشمۇ ، يىمەك - ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم . سىزگە قۇۋۋىتى مۇرەككەپ بىلەن سۆرۈنجان كاپسۇلىنى تەۋىسسىيە قىلاي ، ئىچىپ سىناپ بېقىڭ . |
ئىسىم-فامىلىسى:ئابدۇسوپۇر | ئېلخەت :1045429045@qq.com | ۋاقتى:2015-08-10 03:08:45 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مىنىڭ ئىنىمنىڭ دىيىشىچە ئۇ جەلەق قىلىشقا ئادەتلىنىپ قىلىپ ھازىرجىنسىي ئەزاسى يىگىلەپ ،جىنسىي ئەزاسى بارغانسىرى ئورۇقلاپ بوشاپ كىتىپتۇ تۇۋى ئىنچىكە، بىشى توم بولۇپ نورمال ھالەتتە تۇرغاندا جىنسىي ئەزاسى بىر تەرەپەك سىڭايان بولۇپ قاپتۇ،مۇشۇ دورىنى ئىشلەتسە راستىنلا ئۇنۇمى بۇلامدۇ ناۈادا ۇنۇمى بولماي كالسا قانداق قىلىش كىرەك | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئانانىزىم (جەلەق) بىلەن ئۈزۈن ۋاقىت شۇغۇللانغانلارغا نىسپەتەن ئىچى - سىرتىدىن سېستىمىلىق داۋالاش لايىھىيسى بىلەن دورا ، شەربەتلەرنى قوشۇپ ئىشلىتىمىز ... ھازىرچە ئۈنۈمىنى كۆرمىگەنلەر يوق دىيەرلىك ، داۋالاشقا ماسلىشالمىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا ... |
ئىسىم-فامىلىسى:ئاينۇر | ئېلخەت : qq.com@85899419 | ۋاقتى:2015-07-27 23:49:34 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: چاي تەركىبى ئىسسقمۇ ياكى سوغۇقمۇ ؟ ئاشقازانغا تەسىرى بارمۇ ؟ بىر ئايدا تەخمىنەن قانچىلىك ئورۇقلىغىلى بولىدۇ ؟ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: چاي تەركىنى ئىسسىق ، ئاشقازانغا تەسىرى يوق ، ئۈچەي ھەركىتىنى ياخشىلاپ ، قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈنۈمىمۇ بار . سۆللۈكتىن سەمىرىپ كەتكەن كىشىلەرگە بەكرەك ماس كىلىدۇ ، ھەر كىشىنىڭ مىزاج ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمىغان ياخشى نەتىجىلەرنى بېرىۋاتىدۇ ... |
ئىسىم-فامىلىسى:سۇلايمان بەكرى | ئېلخەت :3127343197@چ چ | ۋاقتى:2015-07-25 18:10:12 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: پۇتۇمىنىڭ ئوشۇقتىن بارماق ئۇچىغىچە بولۇپمۇ ئوشۇق ئەتراپى ۋە پۇت دۇمبە قىسىمى ئىششىۋالدى.ئەمما ئاغىرىمايدۇ. بارمىقىم بىلەن بېسىپ قويسام بېسىلغان ئورۇن نەچچە مىنۇتقىچە ئەسلىگە كەلمەي ئويمان پېتى تۇرىدۇ. بۇ قانداق كېسەللىك ئالامەتلرىدۇ؟مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئۆزىڭىزنىڭ يېشى ، ئۆيلىنىش ، پەرزەنىتلىك بۇلۇش ئەھۋالى ، خىزمەت ھەم يېمەك - ئىچمەك ئادىتىڭىزدىن ئۇچۇر بېرىشىڭىزنى سورايمىز .. |
ئىسىم-فامىلىسى:ئالماس | ئېلخەت :15276490959@163.com | ۋاقتى:2015-07-24 12:11:11 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەن ئانانىزىم بىلەن شۇغۇلانغىلى خىلى بولۇپ قالدى شۇڭا زەكەرنىڭ بەك سەزگۈرلىكى ئىشىپ كىتىپتۇ.شۇ سەزگۈرلىكنى تۆۋەنلىتىش رىتسىپىنى دەپ بەرسەڭلا بوپتىكەن.رەھمەت | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: تىللائى ئەلا بىلەن داۋائى مىشكىنى تەڭ ئىشلىتىپ كۆرىشىڭىزنى تەۋىسسىيە قىلىمىز ... |
ئىسىم-فامىلىسى:asman | ئېلخەت :2625837440@qq.com | ۋاقتى:2015-07-16 21:19:35 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: تىللائى ئەلا دىن سېتىۋالاي دىگەن | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: بەتنىڭ ئۈستىدىكى ئالاقىلىشىڭ ياكى مەھسۇلاتلىرىمىز دىگەن سىتونغا ئىچكىرلەپ كىرسىڭىز سېتىۋېلىش ئۇچۇرى ، مال يەتكۈزۈش ۋە پۇل سېلىش ھەققىدە تۇلۇق چۈشەنچىگە ئېرىشەلەيسىز . |
ئىسىم-فامىلىسى:نۇرمامات | ئېلخەت :2069414240 | ۋاقتى:2015-07-11 17:25:03 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: kan dak se ti wa li miz uni | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: بەتنىڭ ئۈستىدىكى ئالاقىلىشىڭ ياكى مەھسۇلاتلىرىمىز دىگەن سىتونغا ئىچكىرلەپ كىرسىڭىز سېتىۋېلىش ئۇچۇرى ، مال يەتكۈزۈش ۋە پۇل سېلىش ھەققىدە تۇلۇق چۈشەنچىگە ئېرىشەلەيسىز . |
ئىسىم-فامىلىسى:بىمارجان | ئېلخەت :1303269150@qq.com | ۋاقتى:2015-06-29 16:53:57 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن سىلەرنىڭ تىللاھى ئەلا دېگەن دورىنى سېتىۋالاي دېگەن ئىدىم، ئۈرۈمچىدە ساتىدىغان ئورۇن بارمۇ؟ مەندىكى بەزى ئالامەتلەرگە شۇ دورا بەك ماس كېلدىكەن، شۇڭا سېتىۋالاي دېگەن ئىدىم، بولسا ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىلىشىش ئادرېسىنى چ چ غا ئىۋەت بەرسىڭىز بۇلامدۇ. رەخمەت. | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ھازىرچە بىۋاستە خوتەندىن مال ئەۋەتىمىز . پات ئارىدا باشقا شەھەرلەردىكى ئىستىمالچىلارمۇ ئۆز ئورنىدىن سېتىۋالالايدۇ ... كەچۈرۈڭ ! |
ئىسىم-فامىلىسى:يارقىن | ئېلخەت :1793568872@qq.com | ۋاقتى:2015-06-28 20:05:29 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ؛ مەندە يىقىندىن بىرى ئەستەتۇتۇش قابىليىتىم توۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۇنەرلىك توۋەنلەپ كەتتى ،ئۇندىن باشقا زەكەر تۇلۇق قاتماسلىق ،تىز كىتىش ،ئازراق يىگىلەش ئەھۋالى بىر قەدەر ئىغىر ،ئەڭ ئىغىر بولغىنى ئازراقلام ھىسياتلانسام تۇخۇمنىڭ ئىقىغا ئوخشاش سۇيۇقلۇق كىلىۋالىدۇ بۇنىڭغا 10يىلدىن ئاشتى مۇشۇنى ئۇزۇل كىسىل ساقايتىش مەخسىتىگە يەتكىلى بولامدۇ ؟ مىنىڭ يىگەن دارىلىرىم لۇبىبى كەبىر ،ماتەدۇل ھايات، قاتارلىق دارىلارنى بەك كوپ يىدىم ئەپسۇس ئۇنىمىنى كورەلمىدىم .ھە راس سىناپ بىقىش مەخسىتىدە تۇتقۇچى تىبابەتنىڭ ،ھەم دارىخانانىڭ دارىسىنىمۇ يەپ باقدىم ،يىگەندىكى تەسىرى زەكەرگە پايدا قىلماي گەجگەمنى ئاساس قىلىپ بىشىمنى ئاغرىتىپ ئىككى چىكە تۇمۇرۇمنىكوپتۇرۇپ پاچاق قىسمىمغا نەزلە چۇشۋالغاندەك تىلىپ ئاغرىتتى مەن بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىگىنى بىلمىدىم ،شۇڭا رەنجىمەي مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز رەھمەت ، | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بەزى كىشىلەردە نىرۋا خارەكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق پەيدا بولغاندا كۆپىنچە بۆرەك قۇۋۋەتلەشكىلا كۈچەپ نىرۋىنى قۇۋەتلەشكە سەل قارايدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئىقتىدار جەھەتتە رېفلىكىس پەيدا بولىدۇ ، ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەن قۇۋۋەت دورىلىرىنىڭ تەسىرىدىن قان بېسىمى ئۆرلەش ، ئۆت ياللۇغى قوزغۇلۇشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ ... شۇنىڭ ئۈچۈن دىئاگىنوزنى ئېنىق بىكىتىپ سېستىمىلىق داۋا قىلىش ، ئاۋال ياللۇغ قايتۇرۇش ، نىرۋىنى قۇۋۋەتلەش ئاندىن ئەزا خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەرتىۋى بويىچە چارە قىلىش كېرەك . قالايمىقان دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش تولىمۇ مۇھىم . |
ئىسىم-فامىلىسى:ئەكرەم ئابلىز | ئېلخەت :akramabliz@163.com | ۋاقتى:2015-06-27 18:57:05 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەن بۇيىل 28ياش توي قىلغان 2يىل بۇرۇن ئوپكە كىسەل بوپقېلىپ ھازىر ساقىيىپ بولدۇم. لىكىن ھازىر تىنىم سەل ئاجىز ئۇرۇق شۇڭا قاندا سەۋەپ قىلسام سەمىرىشكە تىزراق ئۇنىمى بۇلا . | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئۆپكە كىسىلى بەدەننى ئۇرۇقلىتىدۇ ، ھالسىزلاندۇرىدۇ ... سىز ياخشى پەرۋىش قىلىپ ، بەدەن سۈپىتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنسىز .. سىزگە قۇۋۋىتى مۇرەككەپنى تەۋىسسىيە قىلىمەن . قالغان ئەھۋالنى تېلفۇندا سۆزلىشەيلى ... سالامەت بولۇڭ ! |
ئىسىم-فامىلىسى:مەممەتجان | ئېلخەت :1535636506@qq.com | ۋاقتى:2015-06-25 11:44:35 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بۇيىل33 ياش تىۋ ىپ بەدىنىڭىزڭ ھۈللىكى ئېشىپ كىتىپتۇ دەيدۇ..... مەسلھەت بەرگەن بولسىڭىز...... رەھمەت | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بەدەننىڭ ھۆللۈكى ئادەتتە بەدەننىڭ بەلغەم مىزاجى ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ، ئاساسلىقى بەدەن قۇبۇل قىلغان سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەكلىك ۋە ئىچىملىكنىڭ كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ .. . بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتتىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ، سوغۇق ئىچىملىك ۋە يىمەكلىكلەردىن مۇۋاپىق پەرھىز قىلىش زۆرۈر . ئىمكانىيەت بولسا ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى ، قۇۋۋەت بولغۇچى ، ئىسسىق تەبىئەتلىك چايلىق ھەم دورىلاردىن ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ ! |
ئىسىم-فامىلىسى:زۇلخۇمار | ئېلخەت :yok | ۋاقتى:2015-06-24 11:19:47 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەن بۇ يىل 15 ياشقا كىردىم بوي ئگىزلىكىم 1مىتىر 58 سانتى ئېغىرلىغىم 52 كىلو مەن ئۇرۇقلاي دىگەن ئەكىس تەسىرى بولارمۇ بولماسمۇ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: مىنىڭچە سىز ئۆسۈپ يىتىلىش باسقۇچىدا .. بوي ئىگىزلىكىڭىز ، ئېغىرلىقىڭىز تېخى تۇراقلاشمىغان ...ئاستىدىكى ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك جاۋابلارنى ئوقۇشىڭىزنى تەۋىسسىيە قىلىمەن ... |
ئىسىم-فامىلىسى:خۇشتار | ئېلخەت :371951547@qq.com | ۋاقتى:2015-06-22 11:45:47 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مېنىڭ ئايالىم 27 ياش ، ھامىلدار بولغىلى 2 ئايچە بولۇپ قالدى ، خېلى كۈن بولۇپ قالدى ، تۈزۈك تاماق يىمەيدۇ ، كۈندە پەقەت كىچىككىنە نان بىلەن ئازراق ھەسەل چايلا ئىچىدۇ ، دائىم كۆڭلى ئېلىشىپ قۇرۇق ھۆ بولىدۇ ، ئاندىن تولا كېكىرىدۇ . يەنە پات - پاتلا ئاشقازىنى ئاغرىپ بەك بىئارام بولۇپ دۈم بولۇپ تۈگىلىۋالىدۇ ، ئاشقازىنىم ئاغرىدى دەپ يىغلايدۇ ، دوختۇرغا ئاپىراي دىسەم ئاپپاراتقا سېلىپ تەكشۈرتسە بالىغا تەسىر بولىدۇ دەپ پەقەت ئۇنىمايدۇ ، بەك بېشىم قاتتى ، بولسا مەسىلھەت بەرگەن بولسىڭىز ؟ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئايالىڭىزنىڭ ئاشقازىنى ئاجىزدەك قىلىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە سېزىكى قاتتىق ئوخشايدۇ ، ئايالىڭىزغا بىھى شەربىتى ، ئامىلە نۇشدارى ، نار فىننە ئىچىملىكى (شەربىتى ) قاتارلىق دورا ، شەربەتلەرنى ئۈچۈرۈپ سىناپ بېقىڭ ، سېتىۋالغان دورىڭىزنىڭ سۈپىتى ياخشىلا بولسا چوقۇم ياخشى ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز ~! |
ئىسىم-فامىلىسى:ئاي گۈل | ئېلخەت :1353095556@qq.com | ۋاقتى:2015-06-22 09:34:19 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەمچەك كىسەللىكىدىن مەسلىھەت سورايمەن | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: خەت يېزىشنى بىئەپ كۆرسىڭىز ، تېلفۇن قىلىپ ئايال دوختۇرنى ئىزدەيىتتىم دىسىڭىز ، مۇۋاپىق بولسا ئايال دوختۇر بىلەن شۇئان كۆرۈشسىڭىزمۇ ياكى شۇ ۋاقىتتا ئايال دوختۇر ئالدىراش بولسا مۇۋاپىق ئۇچرىشىش ۋاختىنى كىلىشىپ سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ . |
ئىسىم-فامىلىسى:ئاينىگار | ئېلخەت :1936651583@qq.com | ۋاقتى:2015-06-21 15:02:31 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن بۇ يىل 18 ياش، بوي ئېگىزلىكىم 1.60، بەدەن ئېغىرلىقىم 57كىلوگىرام،. نەچچە ئاي بولدى، تۈرلۈك ئاماللارنى ئىشلىتىپمۇ يەنىلا ئورۇقلىيالمىدىم. شۇڭا سىلەرنىڭ بۇ ئورۇقلىتىش چېيىنى سېتىۋېلىشنى ئويلىغان ئىدىم. بۇ مەھسۇلات ماڭا ماس كېلەرمۇ؟! | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىز سېمىز ئەمەس ئىكەنسىز ! |
ئىسىم-فامىلىسى:ئابدۇلىتىپ | ئېلخەت :qq.com@www.526427229 | ۋاقتى:2015-06-17 14:38:34 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: بۇ چاي تويقىلمىغان بىزدەك 19 ياش ئەتىراپىدىكى ئەتگەندە ناشتا قىلماسلىقتىن سەمىرىپ كەتكەنلەرگە پايدا قىلامدۇ قانچىلىك ۋاقىت ئىچىدە كۆڭۈلدىكىدەك ئۇرۇقىلاش مەخسىتىگە يىتەلەيمىز؟ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ياخشىمۇ سىز ؟ توي قىلمىغان ، ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقانلارغا ھەر قانداق ئۇرۇقلاش مەھسۇلاتىنى تەۋىسسىيە قىلمايمىز ، كۆپرەك ھەركەت قىلىش ، سۇنى مۇۋاپىق ئاز ئىچىش ، ئەخلەت يىمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك ! ناشتا قىلماسلىقتىن سەمىرىپ كەتتى دەيدىغان گەپ يوق ! تۇرمۇش تەرتىۋىڭىزنى قايتا تەكشۈرۈپ ، تەرتىپكە سېلىڭ ! |
ئىسىم-فامىلىسى:ئابلىكىم | ئېلخەت :210990370@qq.com | ۋاقتى:2015-06-04 20:41:46 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مىنىڭ مۇسكۇلۇم تېلىپ ئاغرىپ ھھېرېپ چارچاش پۇت قول تېلىش ھەم ئاغرىش ئالامەتلەر ھەم ئالدى قوۋرۇغام ئاغرىش بەزى بەزى ئاغرىيدۇ يەنە كۆڭلم ئايلىنىدۇ بېشىم ئاغرىيدۇ مىڭەم ئاغرىيدۇ بۇنىمەسەۋەپ مەسلەھەت بەرگەن بولساڭلار!! | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ كۆپ قىسمى نى نورمال ئاغرىۋاتقان بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ ! (5.ئاينىڭ 20. كۈنىدىكى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ سۇئالىغا مىسال سۈپىتىدە تەستىقلاندى .. .) |
ئىسىم-فامىلىسى:مەلخۇش | ئېلخەت :malhux@sina.com | ۋاقتى:2015-05-23 18:54:18 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھكام قېرىندىشىم . مەن كىچىكىمدىن مېيىپ بولغاچقا تەنھەرىكەت قىلىپ ئۇرۇقلاش ئىمكانىيىتىم يوق . مەن ھازىر 25 ياش بوي ئىگىزلىكىم 1.7 ئەتراپىدا ئېغىرلىقىم 85 كىلوگىرام . مەن ھاسىدا ماڭغاچقا سىمىزلىكىم مېڭىشىمغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ . تىز ئۇرۇقلاش ئۈچۈن بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز . | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن . بىزنىڭ ئۇرۇقلىتىش چېيى تەبئى چايلىق بولغىنى ئۈچۈن تەسىرى ئۇنداق تىز ئەمەس ، ئۇزۇنراق ئىچىپ ئۇرۇقلاشنى خالايدىغانلارغا تولىمۇ ماس كىلىدۇ . بىراق تېز ئۇرۇقلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز - راستچىللىق بىلەن ئېيىتقاندا زىيانسىز ، تېز ئۇرۇقلىتىدىغان مەھسۇلات ھازىرچە بىزدىلا ئەمەس بازاردا يوق بۇلىشى مۇمكىن . ئەگەر كىيىنچە يەنە سەمىرىپ ، ھەركىتىمگە قولايسىز ئېلىپ كەلمىسۇن دەپ ئارزۇ قىلسىڭىز - ئىلمىي ئۇزۇقلىنىش بىلەن بەدەن ئېغىرلىقڭىزنى كونتىرول قىلسىڭىز ياخشىراق بولار دىگەن ئۇمىدتىمىز ... بۇ ھەقتە - كىتابخانىلاردا ئىلمى ئۇزۇقلىنىش ھەققىدە مەخسۇس بىر كىتاب بولىدىغان ... ئىزدىنىپ ئوقۇپ كۆرگەيسىز ! |
ئىسىم-فامىلىسى:تۇرسۇنمۇھەممەت | ئېلخەت :630484224@qq.com | ۋاقتى:2015-05-20 01:00:37 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مىنىڭ ئازراق دورىغا ئھتىياجىم بارلىغى ئۈچۈن ، مۇۋاپىق مەسلەھەت سورىماقچىتىم ، لىكىن بۇ مۇنبەردە خىزمەتچى خادىم بار مۇ ؟ بۇ خىل ئالاقىلىشىش مۇتلەق مۇكەممەلمۇ ؟ يەنە مەھسۇلاتىڭلا ئىشەنچلىكمۇ ، مال سىتىۋىلىشتا قانداق شەرتەلەنى ھازڭرلايمەن ، تىزدىن ئالاقىلىشىڭ ـ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەسلەھەت سورىماقچى بولغىنىڭىز ياخشى بوپتۇ ، مەرھابا ! سوئالىڭىزغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز ۋە رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز . ئەلۋەتتە بۇ خىل ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى مۇتلەق مۇكەممەل دىيىشكە بولمايدۇ . ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش جەھەتتە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش مېڭىۋاتقىنىنى ، مەلۇم نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگىنىدىن ھەم خەۋىرىڭىز بار ئېھتىمال ، بىزنىڭ تور بېتىمىزدىكى مەھلەھەت سوراش كۆزنىكى ناھايىتى ئىپتىدائى بىر ئۇسۇل ، سەۋەبى : 1. سوئال سورىغۇچى مەسلىھەت سورىغاندىن كىيىن بىكەت باشلىقىنڭ تەستىقىدىن ئۆتىدۇ ، بۇنىڭغا ۋاقىت كىتىدۇ . 2. بۇرغۇن سۇئاللار تەستىقتىن ئۆتمەسلىكى مۇمكىن ، بەزىلىرىنىڭ نىمە ھەققىدە مەسلىھەت سورىغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ ، بەزى سورىغۇچىنىڭ مۇھىم بولغان جىنسى ئايرىمىسى ، يېشى ، كىسەللىك تارىخىدىن ئېنىق مەلۇمات يوق ... ، بەزىلەرنىڭ سورىغان سۇئالىدا ھاياسىز ئىبارىلەر بەكلا كۆپ ... 3. تىزدىن ئالاقىلىشىڭ ! ، مەسلىھەت سوراي دىگەن ، مىنىڭ ** دىگەن ئىسمىم يالغان ، تېلفۇن قىلىڭ .... دىگەندەك تېتىقسىز ياكى نا ئېنىق ، ئەخلەت ئۇچۇرلارمۇ ساماندەك .... 4. |
ئىسىم-فامىلىسى:ئىخپال | ئېلخەت :kaxkar | ۋاقتى:2015-05-17 15:47:41 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ياخشىمۇ سز دوختۇر ئىسمم ئخپال سزگە ىەت يېزىپ سزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم مىنى ئەپۇ قىلارسز مىنڭ يېشىم 30ياش مەن توي قىلغىلى 10 يىل بولدى 3 بالاممۇ بار مەن توي قىلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئايالىم بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەم جىنسى مۇناسىۋەت ۋاختىم ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت داۋاملىشىدۇ دىمەك 1مىنۇتقىمۇ بارماي مەنى بالدۇركىلىپ جىنسى مۇناسىۋەت ئاياغلىشىدۇ سزدىن سوراپ باقسام مەندىكى بۇ خىل ئالامەتلەر بىرخل كىسەللكمۇ ئەگەر كىسەللك بولسا سىلەرنىڭ دوراڭلاردىن ئىستىمال قىلسام ئۈزۈل كىسىل ساقىيالامدىم مەن بۇ داۋالىنىش يولدا ئىستىمال قىلغان دورلارنىڭ ئەكىس تەسىرى تۈپەيلىدىن كىيىنكى جىنسى مۇناسىۋەتلەرگە زىيانلىق تەرەپلىرى بارمۇ بۇنداق دىيشىمدىكى سەۋەپ مەن بۇرۇن بىرنەچچە تىپلارغا كۆرنۈپ دورا ئستىمال قىلغان ئىدىم لىكن ئازراقمۇ ئۈنۈمىنى كۆرەلمىدىم ئەگەر سىلەرنىڭ دوراڭلاردىن ئىستىمال قىلسام مەندىكى بۇ كىسەللك ۋاقتلق ساقىيىپ كىيىن ئەسلى ھالتىمگە قايتىپ قالامدىم ياكى بۇ كىسەلدىن ئۈزۈل كىسىل ساقىيىپ كىتەمدىم | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ياخشىمۇ سىز ، ئىخپال ئەپەندىم ، مەسلىھەت سورىغىنىڭىزدىن خۇشالمەن ، ئەلۋەتتە بۇ سوراش - ئۆزىڭىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق . سىزدىكى ئەھۋال ھەقىقەتەن كىسەللىك ، بىراق سوزۇلما خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرنى ۋاختىدا بايقاپ داۋالىمىغاندا ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاپ كەتمىدى دىگەن ھالەتتىمۇ نىرۋا خارەكتىرلىك رېفلىكىسقا ئايلىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ ... دېمەك : ئۈنۈملۈك داۋالاشقا قىيىنچىلىك ، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئېلىپ كىلىدۇ ، شۇ سەۋەپلىك سىز ئېلىپ يىگەن ئاز مىقتاردىكى دورىلارنىڭ ئۈنىمىنى كۆرۈپ بەدەن ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغۇچە تاقىتىڭىز يەتمەيدىغان ياكى دورىنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىشتىن زىرىكىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ ... بۇ جەھەتتە چوقۇم كاللىڭىزدا ئېنىق سان بولۇشى كېرەك ! ئەلۋەتتە داۋالاشقا ماسلىشىپ سېستىمىلىق داۋالانسىڭىز ياش بەدىنىڭىز چوقۇم تىز ئەسلىگە كىلىشىدە ئۈمۈد يەنىلا زور .. |
ئىسىم-فامىلىسى:مۇھەممەت | ئېلخەت :1716524973@qq.com | ۋاقتى:2015-05-14 18:48:08 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؛ ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. مەن بۇيىل 40ياش بوي تۇرقۇم نۇرمال ئېغىرلىقىم 82 كىلوگىرام.مىنىڭ مىجەزىم بەك سوغۇقمۇ قانداق ئادەتتە 6-ئاينىڭ كۇنىدىمۇ سوغۇق سۇ ئىچسەم شۇزامات دىمىغىم پۇتۇپ زۇكاندايمەن دوغ دىگەننى قوقاپ ئەسلا ئىچمەيمەن.بۇبىرسى.يەنە2يىل بولدى ئەرلىك ئىختىدار ناھايىتى ئاجىز ھىسيات قوزغالغان ھامان مەنى يۇرۇپ كىتىدىغان ئەھۋال با،جىنسى مۇناۋەت ۋاختى قىسقا يوق دىيەرلىك.جىنسى مۇناسىۋەتتىن كىيىن بەل ئاغرىيدۇ.لىكىن ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا سۇيدۇك قىستايدىغان تامچىلايدىغان ئەھۋال يوق.دەسلىۋىدە مۇشۇ كىسەل چاپلاشمىغان چاغلاردا ئازراقلا شەھۋانى تۇسنى ئالغان فىلىم ياكى رەسىملەرنى كورسەم مەنى ئاقىدىغان ئەھۋاللار بارتى.مۇشۇ كىسەلنى ساقايتقىلى بولامدۇ،قانچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ .نەچچە باسقۇچ دورا ئالامەن. بىر باسقۇچ دۇرا نەچچە پۇل .ئاشۇ كىسەللىك ئەھۋالغا قاراپ مەن قېشىڭىزغا بارماي دۇرا ئالساممۇ بولامدۇ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىزدە ئىمونىت كۈچى تۆۋەنلەش خارەكتىرىلىك ئومومى بەدەن ئاجىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ ، ۋاختىدا سېستىمىلىق داۋالاش قىلىشىڭىزنى ، كىسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىزنى تەۋىسسىيە قىلىمىز . (تەپسىلىي ئەھۋاللارنى يېزىش قولايسىز بولغىنى ئۈچۈن تېلفۇندا ئالاقىلىشايلى .) |
ئىسىم-فامىلىسى:ئالمجان | ئېلخەت :almjan001@sina.com | ۋاقتى:2015-05-02 13:59:44 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەن 25 ياش بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقان ،ئوخشاش ياشتكى بالارغا قارغاندا مەن بەك ئۇرۇق ، بەدەن چېنقتۇرۇشقا بەك قىزقمەن ، شۇڭلاشمقىن كۆپرەك ئېغىر ھەركەتلەرنى قىلسام بېلىم سەل ئاغرىيدۇ. لىكىن مۇشۇ ئشلارنى يېسابقا ئالمغاندا باشقا كېسلىم يوق ، ھەم باشقا ئالامەتلەرمۇ يوق | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سىزدىكى ئەھۋالغا نىسبەتەن ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ئىشتاھانى ئاچىدىغان ۋە قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ بەدەننى تەبىئى سەمىرىتىدىغان دورىلاردىن مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىشىڭىزنى تەۋىسسىيە قىلىمىز ، يېمەكلكلەردىن قۇۋەتلىك ، ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىشىڭىزنى ، سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەر ھەم ئىچىملىكلەرنى ئازراق ئىچىشىڭىزنى سورايمىز . شۇنداق بولغاندا ياخشى بەدەن ھالىتىڭىزنى ساقلاپ ، مۇۋاپىق سەمىرىشىڭىزگە پايدىسى بولغۇسى .. |
ئىسىم-فامىلىسى:ئېلىىياس | ئېلخەت :1479912451@qq.com | ۋاقتى:2015-05-02 10:39:53 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بۇيىل 22 ياش بوي ئىگىزلىكىم 1.65 ئېغىرلىقىم 80 كىلو گىرام مەن ئۇرۇقلاي دىگەن سىلەنىڭ سىلەنىڭ ئۇرۇقلىتىش چېيى ماس كىلەمۇ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئەلۋەتتە ماس كىلىدۇ ، بىراق بىز مەھسۇلاتىمىزنى توي قىلمىغان ئەر -ئاياللار ، ھامىلدار ۋە بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئىستىمال قىلىشىنى تەۋىسسىيە قىلمايمىز . بۇ قانداقتۇر مەھسۇلاتنىڭ ‹‹ بىرەر تەسىرى بار ›› دىگەنلىك ئەمەس .توي قىلمىغانلارنىڭ بەدىنى ھەركەت ئارقىلىق ئورۇقلاشقا تېخىمۇ ماس كىلىدۇ . بالا ئىمىتىۋاتقان ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلدە ياخشى ئۇزۇقلىنىش ، ئورۇقلاشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك دەپ قارايمىز . |
ئىسىم-فامىلىسى:ئەخمەتجان | ئېلخەت :123456 | ۋاقتى:2015-04-29 22:16:59 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەن ئۇرۇق لااش نى خاليمان | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، كۆپلىگەن سەمىرىپ كەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش ئارزۇدا ئىكەنسىز . ئۇرۇقلىتىش چېيىنى سىناپ بېقىڭ ! بىراق شۇنى ئۇنۇتماڭكى : مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ھەركەت قىلىش - سېمىزلىكنىڭ ئەڭ قۇرقىدىغان دورىسى ... |
ئىسىم-فامىلىسى:ئالمجان | ئېلخەت :almjan001@sina.com | ۋاقتى:2015-04-28 23:31:27 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مىنڭ خىزمتم سەل سەھەر قۇپۇپ قىلدغان خىزمەت بولغاچمكىن بەدىنىم ئاجىز ، ھەم بەك ئۇرۇق بەدەنى قۇۋەتلەپ ،سەمىرتدغان دوراڭلار بارمۇ مۇشۇ ئشقا مەسلھەت بەرسەڭلار | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئەلۋەتتە بار ، ئەمما سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك تەپسىلاتلارنى تەمىنلىشىڭىزنى كۈتىمىز ... مەسىلەن : قانچە ياش ؟ توي قىلغانمۇ ؟ يەنە قانداق ئالامەتلەر بار .. ؟ دېگەندەك . تېلىفۇن قىلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىزمۇ ياكى مۇۋاپىق سۆز جۈملىلەر بىلەن قايتا خەت يېزىپ قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ . |
ئىسىم-فامىلىسى:نامسىز | ئېلخەت :3184512309@qq,com | ۋاقتى:2015-04-28 21:38:25 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەن ئەر كىشى 22 ياش توي قىلغان، زەكىرىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 سانتا ، مايماق بۇلۇپ قالغان ، جىنسى ھىسياتىم سۇزراق سىلەرنىڭ ئىلان قىلغان ، تىللائى ئەلا پايدا قىلارمۇ ؟ مال تاپشۇرۋىلىش ۋاقتى قانچىلىك . | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئەلۋەتتە پايدا قىلىدۇ ، سىزگە ئىچىدىن ئىچىدىغان دورىلارنى بىللە ئىشلىتىش تەكلىۋىنى بېرىمىز ... مەسىلەن : قۇۋۋىتى مۇرەككەپ . |
ئىسىم-فامىلىسى:تۇرسۇن30 | ئېلخەت :15999386338@139.com | ۋاقتى:2015-04-27 00:30:57 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەھكام دوختۇر مەن ئالى ئمساك دىگەن دورىنى ئۇخلاشتىن ئاۋال يەمدۇ ياكى ........دورىنى يىگەندىن كىيىن قانچىلىك ۋاقىتتا ئۇنۇمى كۇرىلڭدۇ تەپسىلىرەك مەسلەت بەرسىڭىز سېتىۋالاي دىگەن | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالامۇ ، بىزنڭ ئالىي ئىمساك ، قانداقتۇر ۋاقىتلىق قوزغاتقۇچى ئەمەس ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق قوشۇمچە تەركىپ بولمىغىنى ۋە رېتسىپ تەركىبى قىممەت باھالىق دورىلاردىن تەركىب تاپقىنى ئۈچۈن كۈندە بىرۋاخ ، ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىپ تاناسىل ئەزالارنىڭ تۇتۇش قۇۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەخسەت قىلىدۇ . بىر باسقۇچى 3 قاپ (كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغاندا ) ، ئىمكان بار مەسلەھەت سوراپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋىسسىيە قىلىمىز ، چۈنكى ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ باشقا دورىلار قوشۇمچە قىلىنىشى مۇمكىن . |
ئىسىم-فامىلىسى:ئەركىنجان | ئېلخەت :abulaidi@qq.com | ۋاقتى:2015-04-26 13:06:39 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن مەجۇن سىتىۋالاي دىگەن . 250 يۇەن گە 3-قۇتا بىرەمسىز رەسسىمدىكى قۇتىدىكىگە ئوخشاشمۇ ،قۇتىسى | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، بىزدە مەجۈن يوق قېرىندىشىم ! كەچۈرۈڭ ! ئىمكان بار ئۇ نەرسىدىن يىراق تۇرۇڭ ! بىزنىڭ ئومومى بەدەن قۇۋۋەت دورىسى : مەجۈنى فىلاسىفەنى ، مەجۇن دەپ خاتا چۈشىنىۋالغان ئوخشايسىز ... |
ئىسىم-فامىلىسى:obulqasim | ئېلخەت :obulqasim@126.com | ۋاقتى:2015-04-16 17:25:07 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: چۈمۈلە يېغى(ھەقىقىي ياسالمىسى) كەلتۈرۈلگەن دورىلاردىن ئەركەك بىلىق مېيى جەۋھىرى سىلەردە بارمۇ سېتىۋالاي دىگەن | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: چۈمۈلە يېغىنىڭ ئالدىنقى يىللىرى تەييارلىغىنىمىز تۇلۇق تۈگەپ كەتتى ، يەنە 2 ئاي ئەتراپىدا تەييار بولىدۇ (ئاپتاپتا تۇرمىسا بولمايدۇ دە ؟!) ھازىرچە زۇپتى رۇمى مېيىنىڭ ھەقىقىسىنى ئىشلىتىشىڭىزنى سورايمىز ، ساختىسىدىن ھەزەر ئەيلەڭ ! |
ئىسىم-فامىلىسى:رەشىد | ئېلخەت :reshid@163.con | ۋاقتى:2015-04-15 16:54:25 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەن بۇيىل 19 غا كىردىم بوي ئىگىزلىكىىم 1.76 ئېغىرلىقىم 80 كىلوگىرام ئۈزۈمگە سەل سېمىزدەك كۈرىنىۋاتىمەن شۇڭا كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرغاچ تاماقنى تەڭشەپ يەپ ئۇرۇقلاي دىگەن قايسى -قايسى تاماقلارنى يەيمەن قايسىسىدىن پەرھىىز تۇتىمەن ھەم نىمىلەرگە كۆپراق دىققەت قىلىمەن مەسلەھەت بەرسەڭلار ئۇستاز | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: تىببى مەسلەھەتلەر ئىچىدە سىزنىڭكىگە ئوخشاش ئەھۋالغا قايتۇرغان جاۋابىمىز بار ، ئىزدىنىپ كۆرۈڭ ! |
ئىسىم-فامىلىسى:ئالىم | ئېلخەت :956387621@mhmail.com | ۋاقتى:2015-04-09 13:38:45 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: نۇرغۇن گەپلەرنى يازغان ئېدىم تور بېكەتنڭ مەزمۇن سۆز چەكلىمىسى بولغانلىقى سەۋەبدىن قېسقارتىپلا يازدىم ! زەكەر ئوڭغا ئەگىش بار ، مەنى بۇرۇن كېتىش ھادىسىلىرىمۇ ئاساسەن يۇق دېيەرلىك ، كەيپىم ياخشى ۋاقىتلاردا(ئالدىنقى تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ) 7 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە بەرداشلىق بېرەلەيمەن ، كەيپىم ياخشى ئەمەس ۋاقىتلار ئوخشاش ئەمەس ! بۇرۇنقىدەك يوغان ئەمەس ! يات جىنسلار بىلەن سەل يېقىنچىلىق قىلسام ئۇ يەردىن ئازراق سۇيۇقلۇق كەلگىنى ھېس قىلىپ قالمەن . مۇشۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز تىللائى ئەلا مۇشۇ دورىنى ئىشلەتسەم ئۈنۈمى بولارىمۇ ياكى يەنە ئېچىكى جەھەتتىن باشقا دورىلارنى ئىستېمال قىلامدىم . | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سىزدىكى ئەھۋالغا تىللائى ئەلانى ئەمەس بەلكى زۇپتى رۇمى مېيىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن ، ئىچىدىن دورىخانىمىز تەمىنلىگەن ئۇرۇقدان گۆھىرىنى قوشۇپ ئىستىمال قىلسىڭىز يۇقارقى ئالامەتلەردىن ياخشى بوپكەتكەيسىز ... تەپسىلاتىنى تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ بلگەيسىز ... |
ئىسىم-فامىلىسى:مىسكىن | ئېلخەت :4564512315@qq.com | ۋاقتى:2015-04-04 11:38:53 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالام-ئەلەيكۇم مەن بۇيىل 26گە كىردىم بۇيۇم 170 ئېغىرلىقم ئاران 46كىلوگىرام.ئاشقازىنىىم ئاغرىمايدۇ لىكىن ئىشىتىھايىم بەك ناچار .گېلىمدىن تاماق بەك تەستە ئۈتىدۇ.ھەم ئازراقلا تاماق يىسەم قۇرسۇقۇم تۇيۇپ قالدۇ .كۆپ دۇرا قىلدىم شىپاسىنى كۆرمىدىم.ئادەتتە تىبابىتىمىزنىڭ دۇرىسنى 10كۈن ئەتراپىدا ئىستىمال قىلسام يۈزۈمگە ئۇششاق نەرسىلەر چىقىپ كىتىدىكەم.ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار دورىخاناڭلاردىكى لوبوبى كەبىرنى ئىستىمال قىلسام ماڭا ماس كىلەرمۇ؟ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بوي ئىگىزلىكىڭىزگە نىسبەتەن ئېغىرلىقىڭىز تولىمۇ ئۇرۇق كىشىلەر تىپىغا كىرىدىكەنسىز ، سىزگە لوبوبى كەبىر سەل ماس كەلمەيدۇ ، چۈنكى سىزنىڭ ئاشقازىنىڭىزمۇ سەل ئاجىزدەك قىلىدۇ . لوبوبى كەبىر تەسرەك ھەزىم بولىدىغان قۇۋۋەت دورىسى ، ئاشقازان كۈچلۈك بولغاندا ئاندىن ياخشى ھەزىم بولۇپ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە قۇۋۋىتى مۇرەككەپ نى تەۋىسسىيە قىلىمىز ، بۇ دورا ئومۇمى بەدەنلىك قۇۋۋەت دورىسى بولغاندىن سىرىت يەنە سىزنىڭ ئىشتىھايىڭىزنىمۇ مۇۋاپىق ئېچىپ ، ھەزىم سېستىمىسىنىمۇ ياخشىلايدۇ . |
ئىسىم-فامىلىسى:غوپۇرھاجى | ئېلخەت :budunya@126.com | ۋاقتى:2015-03-21 13:55:25 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەن بۇ يىل 34 ياشتىن 35 كە قاراپ ماڭدىم ئېغىرلىقىم 122 كىلوگىرام كىلىدۇ.! مەن سىلەر دىگەن ئورۇقلىتىش چىيىنى ئىچسەم راستىنلا ئورۇقلامەنمۇ ؟ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئىچىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ ، باشقا خىلدىكى ئۇرۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش زىيانلىق تەرپى بولمىغاندىن كىيىن خاتىرجەم ساناپ بېقىشىڭىزنى تەۋىسسىيە قىلىمىز . كۆپ قىسىم خىېرىدارلىرىمىزغا ياخشى تەسىر قىلىۋاتىدۇ .... |
ئىسىم-فامىلىسى:مېھر | ئېلخەت :343054367@qq.com | ۋاقتى:2015-03-15 16:35:56 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالام ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز مېنىڭ يۈزۈمگە تۇيۇقسىزلا داغ چۈشۈپ قالدى، تەكشۈرۈتسەم كۈن دېغىكەن دېدى، شۇنىڭ بىلەن داغنى يوقىتىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلەتسەم قەتئىي پايدا قىلماي داغ تېخىمۇ قېنىقلاپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى، شۇڭا داغنى ئىتتىك يوقىتىدىغان ئامال بارمىدۇ دەپ مەسلىھەت سورىغان ئىدىم | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈش ھەرخىل سەۋەپلەردىن بولىدۇ . دىققەت قىلمىغاندا ياكى ۋاختىدا ، توغرا سەۋەب قىلمىغاندا ئەھۋال ئېغىرلاپ كىتىشى ... مۇمكىن . سىزگە ئۆزىمىزنىڭ زىيانسىز ، ئەكىس تەسىرى يوق ، خىمىۋى تەركىبلەردىن خالى .. بولغان مەرۋايىت داغ يوقىتىش مەلھىمىنى تەۋىسسىيە قىلىمىز . سىناپ كۆرۈپ ئۈنۈمىدىن رازى بولغايسىز ... رەھمەت ! |
ئىسىم-فامىلىسى:ئەزھەر | ئېلخەت :496478209@qq.com | ۋاقتى:2015-03-12 11:50:56 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەسلىھەت سوراي دىگەن سورىسام بۇلامدۇ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئەلۋەتتە بولىدۇ ، تېلفۇن : 13070083435 چ چ : 309107850 |
ئىسىم-فامىلىسى:ئاتەش1 | ئېلخەت :1848976049@qq.com | ۋاقتى:2015-03-08 23:30:12 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن سىلەرنىڭ دۇكىنىڭلارنى بىلىمەن؛لېكىن ئۇ يەرگە بېرىپ ئانانىزىم توغرۇلۇق ئشلانى دىيىشكە خىجىل بولىدىكەنمەن. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، خىجىل بولماڭ ! كەسپى ئەخلاق قائىدىسى بويىچە سىزنىڭ مەخپىيەتلىكىڭىز چوقۇم ساقلايمىز . زادى دىيەلمەيمەن دىسىڭىز : تېلفۇندا ياكى چ چ دا ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ . كىسەللىك ئەھۋالى قانچە ئېنىق بولسا داۋالاشقا ۋە ياخشى تىببى مەسلىھەت ئېلىشقا كۆپ پايدىسى بار . ئىمكاننىڭ بارىچە كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز . ئاتا - بوۋىلاي تولىمۇ توغرا ئېيىتقان : كىسەلنى يۇشۇرسا ، ئۆلۈمى ئاشكارە ! |
ئىسىم-فامىلىسى:ئاتەش1 | ئېلخەت :1848976049@qq.com | ۋاقتى:2015-03-03 17:46:59 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن 18 ياشقا كىردىم مەن بۇرۇن ئانانىزىمنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەي 4-5 يىل قىلىپ ساپتىكەنمەن ھازىر تاشلىغىلى 1 ئاي بولدى مەندە زەكەر يىگىلەش ھەم سولغا مايماق بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى بار شۇنىڭغا قارىتا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، مىنىڭچە ئانانىزىمنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى تور بېتىمىز تەمىنلىگەن مەزمۇندىن كۆرۈپ بولدىڭىز ، بۇ ھەقتە قايتا توختالمايمىز . بۇ خەتەرلىك ۋە زىيانلىق بولغان قىلمىشتىن قانچە بالدۇر قول ئۈزۈش ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسى سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە ! ئەمدى سىزدىكى مەسىلىگە كەلسەك : 1. شۇ يامان ئادەتنى قايتا قىلماسلىق ، ئاۋالقى شەرىت ! 2. يىمەك - ئىچمەكلەرنى تەرتىپكە سېلىشىڭىز كېرەك ، سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك - ئىچمەكلەردىن يىراق تۇرىشىڭىز ، قۇۋۋەت بولىدىغان سۈت ، تۇخۇم ، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك . 3. يات جىنىسلار بىلەن ئارلىق ساقلاش ، ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىپ زىھنىڭىنى ئۈگۈنۈش ، خىزمەت ئىشلىرىغا سەرىپ قىلىشىڭىز كېرەك . 4. مەيلى تېلىۋىزور ياكى توردىن بولسۇن شەھۋانى فىلىم ياكى شۇ مەزمۇندىكى قېلىقسىز كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك . ئۇندىن باشقا ، ئەگەر خالىسىڭىز بىزنىڭ ئانانىزىمغا قارىتا تەييارلاپ ، بىمارلارغا بېرىپ ئۈنۈم قازانغان بىر يۈرۈش مەسھۇلاتلىرىمىزنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋىسسىيە قىلىمىز . مايلاردىن تىللائى |
ئىسىم-فامىلىسى:فاخرى | ئېلخەت :example@icloud.com | ۋاقتى:2015-03-02 17:23:47 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...مەن بۇيىل 23 ياش ئېغىرلىقىم 61 كىلو بوي ئىگىزلىكىم بىر مىتىر 60 شۇڭا بۇيۇمنى ئازراق ئۇستۇرەي دىگەنتىم ....ئوزلىرىچە بۇيۇم ئۇسەرمۇ ياكى بوي ئۇسۇشۇم توختىغانمىتۇ ...ئۇنۇملۇك دۇرىسى بارمىدۇ ..... | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، نورمال ئەھۋال ئاستىدا 24 ~ 25 ياشلارغىچە ئادەمنىڭ بويى ئۆسىدۇ دەپ قارىلىدۇ ، بەزىدە ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئۆسۈش ئېھتىمالى بار بىراق ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆسۈش سۈرئىتىمۇ ئاستا بولىدۇ . ئۈمۈتسىزلەنمەڭ ، سىزنىڭ يەنە ۋاختىڭىز بار ... بۇ جەرياندا سىز : 1. ياخشى ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ . 2. كالتىسىي تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ . 3. يىنىك تەن - ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىڭ ، كۈچ مەشىقى قىلماڭ ، مەسىلەن : ۋاسكىتبول ئويناش ، تورنىكقا سىلكىنىش ، بەدەن قىززىتىپ پەي سوزۇش ، .. قاتارلىق ھەركەتلەرنى قىلسىڭىز ياخشى . يەنە دورىخانىمىزنىڭ كالتىسى تۇلۇقلاش ۋە ئۇزۇقلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ... تەسىرى بولغان كالتىسىي تۇلۇقلاش مەھسۇلاتىنى سىناپ بېقىشىڭىزنى تەۋىسسىيە قىلىمىز . ئامان بولۇڭ ! ئۇتۇق قازىنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز ! |
ئىسىم-فامىلىسى:ئابدۇكىرىم | ئېلخەت :1165145292@qq.com | ۋاقتى:2015-02-27 20:30:04 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: مەن بۇيىل 16ياشقا كىردىم مەندە زىيادە سىمىزلىك بار شۇڭا قانداق قىلسام بولار ماڭا ئورۇقلاشنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولسا دەپ بەرسەڭلار؟ | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇرۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرىمدىن بىرقانچە خىللىرى بار ، بىراق 18 ياشقا توشمىغان كىشىلەر ئۈچۈن بېرىلمەيدۇ ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە يىمەكلىكنى تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق ئۇرۇقلاشنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ . ئامان بولۇڭ ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . |
ئىسىم-فامىلىسى:ئوغۇل | ئېلخەت :869430677@qq.com | ۋاقتى:2015-02-11 11:32:47 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ... چچ دا ئايرىم مەسلىھەت سوراي دېگەن... | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: 309107850 : q q |
ئىسىم-فامىلىسى:ھىممەت | ئېلخەت :teskin@sohu.com | ۋاقتى:2015-01-11 15:54:21 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: سىلەرنىڭ دۇكان مالىيە سودىنىڭ ئەتراپىدىما؟ شۇ يەردە كۆرگەندەك قىلغان. دۇكان ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار ئۆزۈم بېرىپ تەپسىلى سۆزلىشىپ سىستىمىلىق داۋالىناي دىگەنتىم. | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دۇكاننىڭ ئادرىسى : ئۇزۇن يوللۇق يولوچى توشۇش بىكىتى (چوڭ بىكەت) نىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا ، يەنى تولۇنئاي توي مەرىكە زالىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كىلىدۇ . ھەر ۋاقىت كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ... |
ئىسىم-فامىلىسى:نۇرئەلى | ئېلخەت :el1620378835 | ۋاقتى:2015-01-07 00:18:47 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامئەسسالامۇ ئەلەيكۇئەلەيكۇم ياللۇغى باتى يىقىندىن بىرى بەكلا بىئارام بوپ ئارام بەرمەيۋىتىپتۇ شۇڭا سىلەردە مۇشۇ كىسەلگە قارتا ياخشىراق ئۈنۈم بولدىغان دورىلار ۋە داۋالاش ئۇسۇلى بولسا مەسلەھەت بەرگەن بولساڭلا | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، كۆپچىلىك مەسلىھەت سورىغان قېرىنداشلارغا تەۋىسسىيە : مەسلىھەت سورىغاندا ئەھۋاللارنى تەپسىلى يازغان بولساڭلار ، نۇرغۇن سوئاللارنى ئۆچۈرۈشكە مەجبۇرى بولدۇق ... يەنە بەزى قېرىنداشلارغا تېلفون قىلدۇق ، بىراق تېلفون نۇمۇرى خاتا ياكى مەۋجۇت ئەمەس ، بىز سىزلەر ئۈچۈن شۇنچە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىش ئۈمۈدىدە .. ئەپسۇس سورالغان مەزمۇن تەپسىلى بولمىغىنى ئۈچۈن جاۋاب بېرىش تولىمۇ مۇشكۈل بولىدىكەن . مەسىلەن : مۇشۇ سوئالنى ئالساق ، ئىسمىدىن ئەر ، ئىكەنلىكىنى بىلدۇق ، بەزىلەرنىڭ ئىسمىدىن بىلگىلى بولمايدۇ (مىھمان) دىگەندەك .. ئەمما قېرىندىشىم سىزنىڭ يېشىڭىز ، ياللۇغنىڭ قايسى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلمىگىنىمىز ئۈچۈن ، جاۋاب بېرىشكە ئامالسىزمىز .. |
ئىسىم-فامىلىسى:ۋىروس | ئېلخەت :18082828910@189.com | ۋاقتى:2015-01-06 23:38:56 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: توي قىلغىلى 6 يىل بولدى توي قىلىشنىڭ ئالدىدا 5 يىلدەك ئانالىزىم بىلەن شۇغۇللانغان تۇرمۇشۇم تازا كۆڭۈللۈك ئەمەس ھەر دائىم 2 مىنۇتقا بارمايدۇ ئىككىنجى قېتىم ئايالىم بىلەن ھەرخىل ئاماللارنى قىلساممۇ قايىم بولمايدۇ . قۇۋەتلىك تائام، قۇۋەت دارىسى يىسەممۇ ئۇخشاش. مۇشۇ ئىـشلارغا مەسلەھەت بەرساڭلا! | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: تەپسىلى ئەھۋالنى بىلىش ۋە تېخىمۇ ياخشى مەسلىھەت بېرىش زۆرۆرىيىتى بىلەن تېلىفۇندا مەسلىھەت بېرىلدى ... |
ئىسىم-فامىلىسى:ئابدۇللا | ئېلخەت :753699491@qq.com | ۋاقتى:2014-07-10 19:56:48 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ، دوختۇر مەن 25 ياشقا كىردىم توي قىلغىلى 3 يىل بولدى ...ئەمما تېخىچە بالىمىز يوق. تەكشۈرۈتسەم چاتاق مەندە ئىكەن . تويدىن بۇرۇن بىر مەزگىل ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان ئىدىم . شۇ سەۋەپتىن جىنسى ئەزا يىگىلەپ كىچىكلەپ كىتىپتۇ . ھەم ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى تۆۋەن دەيدۇ..... جىنسى ئەزا نى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامۇ.مەسلىھەت بەرسىڭىز ؛ رەخمەت. | |||
مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەلۋەتتە بولىدۇ . سىز ئەھكام ئەپەندىمگە تېلىفۇن قىلىپ ، تەپسىلىي ئەھۋالىڭىزنى ئېيتىپ ، بىۋاستە مەسلىھەت ئېلىڭ ! |
ئىسىم-فامىلىسى:مۇھسىن | ئېلخەت :1584119182@qq.com | ۋاقتى:2014-07-10 11:11:54 | |
مەسلىھەت سوراش مەزمۇنى: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز مەن ئوقۇغۇچى كۆپىمچە كەچ 12 لەردە ئۇخلايمەن مېنىڭ چېچىم ،ئۆزۈم چۈشىۋاتقىنىنى ھېسقىلغىلى بىر يىل بولدى (ئۆتكەن يىلى مۇشۇۋاقىتتا چېچىمنى چۈشۈرۈپ ،تەتۈرقىر |