سەمىرىشتىن ئىلگىرى مۇنداق بولىسىز !
سەمىرىشنىڭ بىشارەتلىرى
1. قوساققا ئامراق بولۇش، ئىشتىھاسى ئېشىپ كىتىش بولۇپمۇ سۇ ۋە ئىچىملىك قاتارلىقلارنى ئىچىشكە ئامراق بولۇپ كېتىش دىئابىت كېسەللىكىگە ۋە قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردىن سىرت كىشىلارگە نىسپەتەن كۆپىنچە سەمرىشنىڭ بىشارىتى ھېسابلىنىدۇ.
2.ئۇيقۇسى كۆپ كىلىش، قېنىپ ئۇخلىغاندىن كىيىنمۇ كۆزىنى ئاچالماسلىق ياكى داۋاملىق ئۇيقۇسى كىلىش ۋە توختىماي ئەسنەش ، زىيادە چارچاپ كەتمىگەنلەرگە نىسپەتەن سەمرىشكە باشلىغانلىقنىڭ بىشارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
3.ئايىغى يىنىك ئادەمنىڭ ھورۇنلىشىپ كىتىشى، روھسىزلىنىپ كىتىشى كىسىلى يوق كىشىگە نىسپەتەن سەمرىشكە باشلىغانلىقنىڭ بىشارىتى ھىسابلىنىدۇ.
4.كۆپ ھاللاردا ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغان، كۆپرەك ھەرىكەت قىلسىلا ھاسىراپ تەرلەپ كىتىدىغان ، كىسىلى يوق كىشىگە نىسبەتەن سەمرىشكە باشلىغانلىقنىڭ بىشارىتى ھىساپلىنىدىكەن.
5.ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق، ھەرىكىتى كۆپ كىشىلەرنىڭ بارغانسىرى ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدىغان ،تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى ياقتۇرمايدىغان بوپ قېلىشى سەمرىشكە باشلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى ھىسابلىنىدىكەن.
6.سۇنى كۆپ ئىچىش ،ئادەم بەدىنىدىكى ياغنىڭ خورىشىغا توسالغۇ بولىدىغان بولۇپ ، ماي زاپىسىسنى ئاشۇرۋىتىدىكەن ،سۇنى كۆپ ئىچىش بولسا ، كۆپ سىيىش كېسەللىكى ۋە دىئابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالمىغانلاردىن سىرتلارنىڭ سەمرىشكە باشلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى ھىسابلىنىدىكەن.
تەۋسىيە: سەمرىشنى خالىمايدىغانلار يوقارقى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ، دەرھال تەدبىر قوللىنىپ ، بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلىشى كېرەك.