نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىن مۇۋاپىق تەنھەركەتنىڭ يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالايدىغانلىقى مەلۇم بولغان .
ھەركەت ئارقىلىق داۋالاش قان بېسىمنى تۇراقلاشتۇرالايدۇ ياكى تۆۋەنلىتەلەيدۇ ، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى مۇۋاپىق ھەركەت قىلىپ تۇرسا ، تىنىچ تۇرغان چاغلىرىدا قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ . ھەركەت قىلىۋاتقان چاغلىرىدا قان بېسىمىنىڭ ۋە يۈرەك رېتىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئازىيىدۇ . ھەركەت بىلەن داۋالىنىش قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرالايدىغان ۋە كۈچەيتىدىغان بولغاچقا ، دورا مىقدارىنى ئازايتىشقا بولىدۇ . بىراق ھەركەت بىلەن داۋالاش قان بېسىمى بەك يۇقىرى ئەمەسلەرگە ، كىرتىك قان بېسىمغا ، 1-2- دەرىجىدىكى قان بېسىمى يۇقىرىلارغا باب كېلىدۇ .
يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى چېنىقىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك :
1. ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن سىجىللىقتىكى ھەركەت بىلەن چېنىقىش ، ھەركەت مىقدارى ۋە سالمىقىنى ئاستا - ئاستا كۆپەيتىش كېرەك . يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا نىسبەتەن ھەركەت ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ھەركەت سىجىللىقىدىن مۇھىم . تۆۋەن سىجىللىقتا تەكرارلاپ ، ئۇزاقراق چىقىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك .
2. ھەركەت قىلىۋاتقاندا كۈچەپ نەپەسلىنىش كېرەك . بۇنىڭدا كۆكرەك بوشلۇقىدىكى ئىچكى بېسىم ئاجىزلايدۇ . مۇسكۇللارنىڭ ھەركەت جەريانىدىكى ئوكسىگىن سەرپىياتى ئازىيىپ ۋە قان بېسىم ئۆرلەپ كىتىش ئېھتىماللىقى ئاجىزلايدۇ .
3. بەسلىشىش خاراكتىردىكى ۋە كۈچىنىشلىك ھەركەتلەرنى قىلماسلىق كېرەك . چېنىقىشتا ھەركەتنى كۈچەپ تېز باشلاپ ، تېز توختىتىشقا بولمايدۇ .
4. چېنىقىۋاتقاندا پۇتكۈل بەدەننى بوش تۇتۇش ، دەم سىقىۋالماسلىق كېرەك . قان بېسىمى تېخى تىزگىنلەنمىگەن ياكى چېنىقىشقا دېگەندەك ماسلىشىپ بولالمىغان ئەھۋالدا بەلنى ئەگسە ، ئىگىشكە باشنى تۆۋەن قىلىشقا بولمايدۇ . باشنى تۆۋەن قىلغاندىمۇ يۈرەكتىن تۆۋەن قىلىۋەتمەسلىك كېرەك .
5. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى چېنىقىۋاتقان ياكى چېنىقىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ، يۈرەكتە ئاسانلا تاساددىبىي ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ ؛ مەسىلەن : يا يۈرىكى سانجىپ ئاغرىيدۇ ، يا يۈرەك مۇسكۇلى ھەركەتتىن توختاپ قالىدۇ ، ياكى پالەچلىنىدۇ . چېنىقىۋاتقاندا بولۇپمۇ چېنىقىشتىن توختىغاندىن كېيىن مۇسكۇللاردىكى ئورگانىزىمدىكى ئىنكاسلارغا ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇش كېرەك .
ئۇنداق بولسا ، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا قانداق ھەركەتلەر باب كېلىدۇ ، ئۇلار ھەركەت سىجىللىقىنى قانداق ئىگىلەش كېرەك ؟
ئوكسىگىنلىق (نەپەسلىك) ، رېتىملىق ، بەدەننى جىددىيلەشتۈرۈۋەتمەي ئازادە قۇتقۇزىدىغان ھەركەتلەر ئەڭ مۇۋاپىق ، جىم تۇرۇپ ، نەپەس چىقارماي قىلىدىغان ھەركەتلەر زىيانلىق ، پىيادە يول يۈرۈش ، گىمناستىكا ئويناش ، ئاستا يۈگۈرۈش ، ئۇسۇل ئويناش ، سۇ ئۈزۈش ، بېلىق تۇتۇش قاتارلىق ھەركەتلەر تازا باب كېلىدۇ .
چېنىقىشتىكى ھەركەت سىجىللىقى ئوتتۇرا ھال ياكى تۆۋەن ھالەتتە ، ۋاقتى ئۇزاقراق بولغىنى ياخشى ، ئوتتۇراھال سىجىللىقتىن تۆۋەن دەرىجىدىكى ھەركەتلەر ئادەتتە تومۇرنىڭ يىغىلىش بېسىمىنى 10 دىن 20 مىلىللىمىتىر سىماپ تۈۋرۈكى ، بوشاش بېسىمىنى 16 ، مىللىمېتىر سىماپ تۈۋرىكى تۆۋەنلىتەلەيدۇ . ھەركەت سىجىللىقى كۈچەيتىلسە ، يۇقۇرقى ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ . ھەركەت سىجىللىقى بەك كۈچەيتىلسە ياكى بەك چارچاپ كەتكەندە قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ . ھەركەت سىجىللىقى ئادەتتە يۈرەك رېتىمىدىكى ئەڭ يۇقىرى چەك (220 دىن ئەمەلىي ياشنى ئېلىۋەتكەندىكى قالدۇقنىڭ %70 ) دىن ئېشىپ كەتمىسىلا بولىدۇ . يېشى 50 دىن ئاشقانلار 170 تىن ئەمەلىي يېشىنى ئېلىۋەتكەندىكى قالدۇقچىلىك يۈرەك رېتىمىنى ساقلاپ قالسىلا كۇپايە ، شارائىتى يار بېرىدىغان ھەركەت مىقدارى ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بېرىپ ، ھەركەت سىجىللىقى ۋە ۋاختىنى جىسمانىي ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق بېكىتىۋالسا بولىدۇ .
يۈگۈرۈپ توختىغاندىن كېيىن باش قايمىسا ياكى ئاغرىمىسا ، يۈرەك سالمىسا ، نەپەس بوغۇلمىسا ، ھارغىنلىق بىلىنمىسە ئەڭ مۇۋاپىق بولغىنى ، بىردەم مېڭىپ بىردەم توختاش ، بىردەم مېڭىپ بىردەم يۈگۈرۈش ، ئالماشتۇرۇپ نۆۋەتلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك . ھەركەت بەك تېز بولۇپ كەتمەسلىكى ، ۋاقىت ۋە ئارلىقنى ھەركىم ئۆزىنىڭ جىسماني ئەھۋالىغا يارىشا بېكىتىشى كېرەك . يۇقىرى قان بېسىمى تېخى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىگەنلەر ياكى قان بېسىمى تۇراقسىزلار ؛ ئىككىنجى قان بېسىمىدىكى بىرلەمچى كېسەللەكلەر تېخى تىزگىنلەنمىگەنلەر ؛ يۈرەك رېتىمى بۇزۇلۇش ، يۈرەك تېز سوقۇپ كېتىش ، يۈرەك تۇراقسىز سانجىپ ئاغرىش ، مېڭە تومۇرلىرى تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ئېغىرراقلار .