پۇشايمان ئادەمنىڭ زېھنى كۈچىنى خورىتىپلا قالماستىن، يەنە ئادەمنى ئۆتمۈشتىكى ئازاپ ئۇقۇبەتتىن قۇتۇلالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ، كانادالىق مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەيدۇ؛ ياشانغانلار پۇشايمان قىلغان چاغدا بەدەندىكى ھورمۇن بىلەن ئېمونىت سېستىمىسى قالايمىقانلىشىدۇ-دە، ئادەم ئاسان زۇكامدايدۇ ،باشقا كېسەللىكلىرى ئېغىرلىشىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى؛ پۇشايمان ياشانغانلاردا بۇرنى پۈتۈپ قېلىش، يۆتىلىش ،چۈشكىرىش، قىزىش ، بېشى ئاغرىش ئالەمەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇخلىيالماسلىق، دېققىتىنى يىغالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ.ئۆتكەن ئىشلارغا پۇشايمان قىلىۋەرسە، ئاخىرىدا ئادەم يەنە خامۇشلۇق ۋە تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بۇلىدۇ.