ئانتىبىيوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش؛
مۇتەخەسىسلەر يېقىندا مۇنداق دوكىلات ئېلان قىلدى، ئادەتتە ككپ ئىشلىتىدىغان ئانتىبىيوتىك دورا ئاچىڭمېيسۇ بىلەن يۈرەك كېسىلى مەنبەلىك ئۆلۈپ كىتىش بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىكەن .
كالتىسى تۇلۇقلاش دورىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىش؛
مۇتەخەسىسلەر 23 ئادەم ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتىن مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشكەن، كالتىسى تۇلۇقلايدىغان دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىدىغان كىشىلەردە يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى بۇلىدىكەن ، شۇڭا كالتىسىينى يىمەك- ئىچمەك ئارقىلىق تۇلۇقلاش ئەڭ توغرا ئۇسسۇل ئىكەن،
نەپەس يولى ياللۇغلىنىش؛
نەپەس يۇلى ياللۇغى ئېغىرلاشقاندا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىدۇ ياكى مېڭە پالەچلىنىدۇ، ئامىركىلىق تەتقىقاتچىلار مۇنداق ئەھۋالنى بايقىدى، يۇقۇشچان زۇكام ياكى باشقا نەپەس ياللۇغى كېسەللىكى يۈرەك كېسىلىنى 3 كۈندىلا قوزغىتىدۇ، شۇڭا زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش يۈرەك مەنبەلىك يۇقۇشچان زۇكام كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك چارە.
بۆرەك ئاجىزلاش؛
گوللاندىيەلىك مۇ تەخەسىسلەر بۆرەك ئاجىزلىشىشنىڭ يۈرەك كېسىلىنى قوزغايىدىغان ئامىل ئىكەنلىكىنى بايقىدى، شۇڭا قورامىغا يەتكەنلەر يىلدا بىر قېتىم بۆرەك ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرغىنى تۈزۈك.
ياخشى سۈپەتلىك خولىتسىرىننىڭ ئازىيىشى؛
ئامىرىكىلىق مۇتەخەسىسلەر 7000 ئادەمنى تەكشۈرگەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ قېنىدىكى زىچلىقى يۇقىرى ياغ ئاقسىلنىڭ مىقدارى بىلەن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش ئارىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى بايقىدى، شۇڭا چېنىقىش ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق زىچلىقى يۇقىرى ياغ ئاقسىلنى كۆپەيتىش كېرەك.
ئەسەبىيلىشىش؛
ئامىرىكىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات دوكىلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن، ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ ئېھتىماللىقى نورمال ئاياللاردىن ئىككى ھەسسە كۈچلۈك، ھەتتا يۈرەك كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بۇلىدىكەن. بۇ كەيپىياتنى ياخشىلاپ ، روھىي بېسىمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى بىلدۈرىدۇ.
نىكاھ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش؛
ئەنگىلىيەلىك مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دېيىشتى؛
نىكاھ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولغان ئادەمدە يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەتىرى%34 يۇقىرى بۇلىدىكەن، شۇڭا ئەر- خوتۇنلارنىڭ بىر- بىرىگە كۆڭۈل بۈلۈشى يۈرەكنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسسۇلى.
خىزمەت بېسىمى؛
ئەنگىلىيەلىك مۇتەخەسىسلەر مەمۇرلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كىيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى، باشلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن، تەدبىر بەلگىلىش ھۇقۇقى يوقتەك ھېس قىلىدىغان خىزمەتچىلەر باشلىقىغا يېقىن خىزمەتچىلەرگە قارىغاندا يۈرەك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بۇلىدىكەن