رەئىس ئەزالاردىن - يۈرەك بىلەن تۇنۇششنى خالامسىز ؟
يۈرەك - كۆكرەك قەپىزى ئىچىگە جايلاشقان قۇۋۋىتى ھايۋاننىڭ مەركىزى بولغان ، رەئس ئەزا .
مىزاجى - ھۆل ئىسسق، يۈرەك ئىچى كاۋاك،يۈرەك مۇسكۇلىدىن تۈزۈلگەن مۇسكۇلسىمان ئەزاا بولۇپ،ئۇنىڭ ئىچكى يۈزىنى يۈرەك ئىچكى پەردىسى،سىرتقى يۈزىنى ئورىغوچى پەردىسى ئوراپ تۇرىدۇ. يۈرەك قىپى بوشلوقى ئىچىدە ئاز مىقداردا سۇيۇقلۇق بولۇپ،يۈرەك سوققاندا توقۇلمىلار بىلەن بولغان پاسسىپ سۈركىلىشى ئازىيدۇ.
يۈرەك ئىچىدە تۆت بوشلۇق بولۇپ ، يۇقىرىقى ئىككى بوشلۇق ئايرىم-ئايرىم يۈرەك سول دالانچىسى ۋە يۈرەك ئوڭ دالانچىسى،تۆۋەن تەرەپتىكى ئىككى بوشلۇق ئايرىم-ئايرىم يۈرەك سول قىرىنچىسى ۋە يۈرەك ئوڭ قىرىنچىسى دەپ ئاتىلىدۇ .
قان سۇيۇقلۇقىنى ئۆپكىدىن يۈرەككە يەتكۈزۈپ بىرىدىغان ئۆپكە ۋىناسى يۈرەك سول دالانچىسىغا بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىن كەلگەن قان سۇيۇقلۇقىنى،يۈرەككە يەتكۈزۈپ بىرىدىغان يۇقىرىقى ۋە تۆۋەنكى كاۋاك ۋىناسى يۈرەك ئوڭ دالانچىسىغا تۇتىشىدۇ.يەنى قان سۇيۇقلىقىنى بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزۈپ بىردىغان ئائورتا يۈرك سول قىرىنچىسىغا، قان سۇيۇقلىقىنى يۈرەكتىن ئۆپكىگە يەتكۈزۈپ بىرىدىغان ئۆپكە ئارتېرىيىسى يۈرەك ئوڭ قىرىنچىسىغا تۇتىشىدۇ.
يۈرەك روھى ھايۋانى،قۇۋۋىتى ھايۋانى ۋە ئۆتكۈزۈش سىستىمىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۈزلۈكسىز قىسقىراپ،كېڭىيىپ،قاننى ھەركەتلەندۈرۈش،پۈتۈن بەدەندىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە روھى ھايۋانى ۋە ئوكسىگىن يەتكۈزۈپ بىرىش،شۇنداقلا پۈتۈن بەدەندىكى چىقىپ كىتىشكە تىگىشلىك ماددىلارنى مۇناسىپ چىقىرىش ئەزالىرىغا يەتكۈزۈپ،بەدەننى ھەم ئوزوقلاندۇرۇش ھەم تازلاشتىن ئىبارەت ئاساسلىق ۋەزىپىنى ئۆتەيدىغان مۇسكۇلسىمان ئەزادىن ئىبارەت.