ئەزالار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
ئۇيغۇر تىبابىتى كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە <<ئەزا خىلىتلارنىڭ جەۋھەر قويۇق قىسمىدىن ھاسىل بولىدۇ >> دەپ كۆرسىتىلگەن بۇلۇپ ، ئەزا- خىلىتلارنىڭ قويۇق جەۋھىرى قىسمىدىن ھاسىل بولغان مەلۇم فىزىلوگىيلىك خىزمەتنى بېجىرەلەيدىغان توقۇلمىلارنىڭ يېغىندىسىدىن ئىبارەت .
ئەزالار - خىلىتلارنىڭ قويۇق جەۋھىرى قىسمىدىن ھاسىل بولغان توقۇلمىلارنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ ، ئۇنىڭ مۇئەييەن خىزمىتى ۋە مۇئەييەن مىزاجى بولىدۇ .
ئىنسانلار تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، مۇئەييەن مىزاجغا ئىگە بولغان ئوزۇقلۇقلارنى ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن ، بەدەندىكى مەخسۇس ئەزالار ئۇلاردىن ماس ھالدىكى خىلىتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن سەرىپ قىلىدۇ .
تەبىئىي خىلىتلار دەۋىر قىلىپ ئايلىنىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۇچۇچان لەتىف قىسمىدىن ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان روھ شەكىللەنسە ، خىلىتلارنىڭ قويۇق جەۋھەر قىسمى ئەزالارغا بېرىپ ئۆزلىشىپ ، ئۇلارنىڭ تۈزۈلىشىگە قاتنىشىپ ، ئەزالارنى مۇئەييەن مىزاجغا ئىگە قىلىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئەزالار ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتىنى بېجىرىپ ، ھاياتلىق پائالىيىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ . ئەگەر خىلىتلار تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ ، سان ، سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىپ ئۇلارنىڭ تۈزۈلىشىگە قاتناشمىسا ئەزالارنىڭ نورمال مىزاجى بۇزۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، ھەرخىل كىسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ۋە مىزاجى ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىلا ساقلىقنى ساقلاش ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەھەتلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ .
ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئەزالار ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ھازىرقى زامان ئاناتومىيسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ بىر قىسىم تەرەپلەردە ئۆزىگە خاس كۆز قاراشلارغا ئىگە بۇلۇپ ، ئەزالارنى تۈزۈلۈش جەھەتتە ئاددىي ئەزا ۋە مۇرەككەپ ئەزا دەپ چۈشەندۈرىدۇ . شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىبابىتى ئەزالار خىزمىتى ئىلمىنىڭ ھازىرقى زامان فىزىلوگىيسىگە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بار بۇلۇپ ، ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ خىزمىتى ، رولى ۋە ئۇلارنىڭ تەرىپى توغرىسىدىكى قاراشلارغا ئاساسەن رەئىس ئەزا ، خادىمى ئەزا ، غەيرى خادىمى ئەزا دىگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ .
1. رەئىس ئەزا :
رەئىس ئەزا - ئۆزى نورمال خىزمەت بېجىرەلەيدىغان ھەم باشقا ئەزالارنىڭ خىزمەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك ، باشقۇرغۇچىلىق رولىنى ئۆتەيدىغان ئەزالار بۇلۇپ ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :
يۈرەك ، مېڭە ، جىگەر
1. يۈرەك - ھاياتى قۇۋەتنىڭ ئورنىدۇر .
2. مېڭە - سەزگۈ ھەركەتنىڭ كىلىپ چىقىش ئورنىدۇر .
3. جىگەر - قۇۋىتى تەبىئىينىڭ ئورنىدۇر .
2. خادىمى رەئىس ئەزا
خادىمى رەئىس ئەزا - رەئىس ئەزالارنىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا باشقا ئەزالارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان ۋە باشقا ئەزالارنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى بېجىرىدىغان ئەزالاردىن ئىبارەت .
ئۆپكە
بۆرەك
ئاشقازان
ئۇرۇقدان
تۇخۇمدان
قاتارلىقلار خادىمى رەئىس ئەزالار بولۇپ ، ئۇلار مېڭىدىن چىققان نېرۋىلارنىڭ باشقۇرۇشى ، يۈرەكنىڭ ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلىشى ، جىگەرنىڭ خىلىت بىلەن تەمىنلىشى ئارقىسىدا ئاندىن ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بارالايدۇ ھەم باشقا ئەزالارنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلالايدۇ .
3. خادىمى ئەزا
خادىمى ئەزا - رەئىس ئەزا ۋە خادىمى رەئىس ئەزالارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى بېجىرىدىغان ئەزالاردىن ئىبارەت . خادىمى ئەزالار ئادەم ئورگانىزىمىنى ئۆز ئارا بىر- بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ ، شەكىل جەھەتتىن ئورگانىزىمنىڭ بىر پۇتۇنلىكىنى ساقلاش بىلەن تىرىكلىكتىكى جىسمانى ھەركەتلەرگە ۋاستە سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ .
كۆز
قۇلاق
بۇرۇن
ئېغىز
كالپۇك
چىش
چىش مىلكى
تىل
يۇتقۇنچاق
كېكىردەك
بادامسىمان بەز
قىزىلئۆڭگەچ
كاناي
تال
ئەمچەك
ئاشقازان ئاستى بېزى
ئۆت
ئۈچەي
دوۋساق
بالىياتقۇ
مەزى بېزى
جىنسىي يول
زەكەر
مەقئەت
سۆڭەك
(باش سۆڭىكى)
( ئومۇرتقا سۆڭىكى)
( قوۋۇرغا سۆڭىكى)
( داس سۆڭىكى)
( مۈچە سۆڭەكلىرى)
( بوغۇم ، كۆمۈرچەك)
تىرە
مۇسكۇل
پەي
قان تومۇر
4. غەيرى خادىمى ئەزا
چاچ
تىرناق