ئۇيغۇر تىبابىتى خام ( يەككە ) دورىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات !
تەبىئەت دۇنياسىدىن بىۋاستە يېغىۋېلىنغان مەلۇم دەرىجىدە ساپلاشتۇرۇش ، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان ، مۇئەييەن داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغان خام ، يالغۇز ھالەتتىكى دورىلارنى يەككە دورا دەيمىز .تىبابىتىمىزدە ئېيتىلىپ كىلىۋاتقان خام دورا ،چۆپ دورا دىگەن دورىلار ماھىيەتتە ئوخشاش بۇلۇپ ھازىر خام دورا دىگەن نام ئومۇملاشماقتا .ئۇ مۇكەممەل دورىگەرلىك نەزىرىيسىگە ، ئىلمىي ئاساسقا ئىگە بۇلۇپ ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئىلمىي نەزەرىيەلىرىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئالاھىدە بىر يۈرۈش نەزىرىيە سېستىمىسىنى ۋە دورا ئىشلىتىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولغان ھالدا رايۇنىمىزنىڭ تەبىئىي بايلىقى ، تارىخى ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .

ئۇيغۇر تىبابىتى يەككى دورىلىرىنىڭ كىلىش مەنبىيى ۋە ئۇنى يىغىۋىلىش
1. ئۇيغۇر مىللى تىبابەت دورىلىرنىڭ كىلىش مەنبەسى
ئۇيغۇر مىللى تىبابىتىدە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ئاساسەن ئۈچ مەنبەدىن ئېلىنىدۇ .
(1) ئۇسۇملۇك دورىلار : مەسىلەن تۇرلۇك ئۇسۇملۇكلەرنىڭ پۇتۇن تېنى يەنى غۇلى ، يىلتىزى ، گۇل ۋە چېچېكى . قوۋزىقى ، يىلىمى ، سۈتى ، مېۋىسى ، ئۇرۇغى ، مېغىزى ، ئۇرۇغى ۋە مېغزىدىن ئايرىلاغان يىغى قاتارلىقلار دورا سۇپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ .
(2) ﻫايۋانى دورىلار : قۇندۇز قەررى ، بۇغا مۇڭگۇزى ، بوقا چۇيىسى ، سەقەنقۇر ، كىرپە ، يىلان ، چايان، سەدەپ ، مارجان ۋە باشقىلار
(3) مەئىدەنى ( مىنرال ) دورىلار : مەسىلەن - ئالتۇن ، كۇمۇش ، قوغۇشۇن ، قەلەي ، تۇمۇر ، گۇڭگۇرت ، نوشۇدۇر ، ياقۇت ، قاشتېشى ۋە باشقىلار
يۇقارقىلاردىن باشقا ﻫازىرقى زامان مىدىتسىناسىدىن بىر قىسىم جەۋﻫىرى دورىلار ۋە كۇشتە قىلىنغان دورىلارمۇ ئۇيغۇر مىللى تىبابىتىدە قوللىنىلىدىغان بولدى .
مەسىلەن : لىمۇنجەۋﻫىرى ، تۈز تىزاپى . ئاق سىماپ كۇشتىسى ، ﻫەجىرى جەﻫەننەم ، سىر سۇلايمانى دىگەنگە ئوخشاش .
2. مىللى تىبابەت دورىلىرنى يغىۋىلىش
2. مىللى تىبابەت دورىلىرنى يغىۋىلىش
(1) يۇپۇرماق ۋە گۇل چېچەك دورىلىرىنى يېغىۋىلىش : بۇ خىلدىكى دورىلارنى ئۇزىنىڭ مەخسۇس ئۇسۇش ئورۇنلىرىدا ئوبدان ئۇسۇپ يىتىلگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ ئۇزلىكىدىن چۇشۇپ كىتىش ﻫەم شەكلى ، رەڭگى ، پۇرۇقى ۋە تەمى ئۇزگۇرۇپ كىتىشتىن بۇرۇن ھۇشيارلىق بىلەن يىغىۋىلىپ سايىدا قۇرۇتۇش ، قۇرۇتۇشتا ئۇنىڭغا تۇپا - چاڭ ۋە باشقا نەرسىلەر قۇنۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك . ئەمما بەزى يۇپۇرماق ۋە گۇللەر بار بولۇپ ئۇنىڭغا كۇن نۇرى ئانچە تەسىر قىلىپ كىتەلمەيدۇ ، بۇ خىلدىكىلىرنى ئاپتاپتا قۇيۇپ قۇرۇتسىمۇ بولىدۇ . دورىلار قۇرۇغاندىن كىيىن ئۇنى نەملىك ۋە ھۆللۈكتىن خالى ئورۇندا ئوبدان ساقلاش لازىم .
(2) ئۇرۇغ دورىلارنى ئوبدان پىشقاندىن كىيىن يۇپۇرماقلىرى سارغىيىپ چۇشۇپ كىتىشتىن بۇرۇن يىغىۋىلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ نەملىكتىن خالى جايدا ئوبدان ساقلاش لازىم .
(3) شاخ ۋە قوۋزاق دورىلارنى يغىۋىلىشتا : ئوبدان پىشقاندىن كىيىن قۇرۇشتىن ۋە بۇزۇلۇشتىن ، ئەگىرى - بۇگۇرى بۇلۇشتىن بۇرۇن ئېلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ ساقلاش لازىم .
(4) يييىلتىز دورىلارنى يىغىشتا : مېۋىلىرى يىغىۋىلىنىپ بولغاندىن كىيىن يۇپۇرماقلىرى چۇشۇشكە باشلىغاندا يىغىۋىلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ ساقلاش لازىم .
(5) ئوت- چۆپ دورىلارنى يىغشتا : دورىلار پىشىپ كامالىغا يەتكەندىن كىيىن ﻫۆل ۋاختىدا سۇغۇق ﻫاۋا تەسىرىدىن زەرەر يىتىشتىشىن بۇرۇن يىغىۋىلىپ سايە ياكى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ساقلاش لازىم .
(6) مېۋە دورىلارنى يىغىۋىلىشتا : ئوبدان پىشقاندىن كىيىن تۇكۇلۇپ بۇزۇلۇپ كىتىشتىن بۇرۇن دەرەخنىڭ ئۈستىدىن يىغىۋىلىپ قۇرۇتۇپ ساقلاش لازىم . ئەمما خام ياكى چالا پىشقانلىرىنى ئىشلىتىش توغىرا كىلىپ قالسا ئۇنى پىشىشتىن بۇرۇن يىغىۋىلىش لازىم . مېۋىلەرنى يىغىۋالغاندىن كىيىن پوستى بىلەن قۇرۇتىدىغانلىرىنى ئۇز پىتىچە ، پوستى ئېلىنىدىغانلىرنىڭ پوستىنى ئېلىپ ، يالپاق قىلىنىدىغانلىرنى يالپاقلاپ چاڭ ، تۇپا ۋە باشقا نەرسىلەردىن ساقلاپ قۇرۇتۇش لازىم ، قۇرۇتۇلغان مېۋىلەرنى نەم ، ﻫۇللۇك يەردىن ، رەڭگى ، پورىقى ئۇزگۇرۇرشتىن ، قۇرۇت چۇشۇپ بۇزۇلۇشتىن ساقلاش لازىم . ئېسىپ قۇرۇتۇلىدىغان مېۋىلەرنى سايىدا ياكى ئاجىز ئاپتاپتا قۇرۇتۇش لازىم .
(7) تاش ، لاي ۋە مەدەن دورىلارنى ئۇزلىرىنىڭ مەشﻬۇر بولغان كان ياكى چىقىش ئورۇنلىرىدىن كۇز پەسلىنىڭ ئاخرىلىرىدا يىغىۋىلىش لازىم .
دورىلارنى ﻫاۋا ئۇچۇق ۋە ئىسسىق ، سۇغۇق ۋە يامغۇر بولمىغان چاغلاردا يىغىۋالغان ياخشىراق .
2§. ئۇيغۇر تىبابىتى يەككە دورىلىرىنىڭ سۈپىتى
ئۇسۇملۇك دورىلىرىنىڭ تاغدىن چىقىدىغىنى جاڭگالدىن چىقىدىغىنىدىن قۇۋەت جەﻫەتتە ئارتۇقراق بولىدۇ، جاڭگالدىن چىقىدىغان ئۇسۇملۇك دورىلارنىڭ قۇۋىتى باغدىن چىقىدىغان ئۇسۇملۇك دورىلارنىڭكىدىن ئارتۇقراق بولىدۇ . شۇنىڭدەك قۇرۇق قاتتىق ۋە ئىگىز يەردىن چىقىدىغان دورىلارنىڭ قۇۋىتى نەم ، پەس ، يۇمشاق يەرلەردىن چىقىدىغان دورىلارنىڭكىدىدىن نىسپىتەن ئارتۇقراق بولىدۇ .
گۇل ۋە چېچەك دورىلارنىڭ ئوبدان تۇلۇپ ئېچېلغىنى ، بۇزۇلمىغىنى ، خۇشبۇي بولغىنى ياخشىراق ، لىكىن قىزىلگۇلنىڭ پۇتۇنلەي ئېچىلىشتىن بۇرۇن يىغىۋالغىنى ياخشىراق ، يۇپۇرماق دورىلارنىڭ سېمىز ، خۇشبۇي ، يىڭى ، رەڭگى ۋە تەمى ئۇزگەرمىگىنى ياخشىراق ، ياغاچ ۋە يىلتىز دورىلارنىڭ ئەگىرى - بۇگۇرى بۇلۇپ بۇزۇلمىغىنى ياخشىراق ، ئۇرۇغ دورىلارنىڭ دانىسى چوڭ ، سېمىز ، ۋەزنى ئېغىر ، ياغلىق كەلگىنى ياخشىراق . مېۋە دورىلارنىڭ سۇلۇق ، ئەتلىك ، ئېغىر ، تەمى ، رەڭگى ، پوسىقى ئۇزگەرمىگىنى ياخشىراق .
3§. ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرنى ساقلاش
دورىلارنى ساقلاشتا ﻫەر بىر دورىنى ئۇز جىنسى بىلەن ئايرىم - ئايرىم قۇيۇپ ساقلاش لازىم ، بارلىق گۇل ۋە يۇپۇرماق ﻫەم يىلتىز دورىلارنى نەم ۋە ئۇتكۇر ئاپتاپلىق جايلاردىن يىراق قۇيۇپ ساقلاش لازىم ، ئەگەر بەزى دورىلارنى مۇناسۋەتلىك دورىلار بىلەن قۇشۇپ ساقلىسا ئۇزگەرمەستىن تۇرىدۇ مەسىلەن : كاپۇرنى پىلپىل بىلەن ، تۇمۇر كىپىكى سۇپۇپىنى ماگىنىت بىلەن ، تۇخۇمىنى تۇش بىلەن ، سازەجنى زەنجىبىل بىلەن ساقلىسا ئوبدان تۇرىدۇ . كاندىن چىقىدىغان دورىلارنىمۇ غەيرى جىنىسقا قۇشۇپ ساقلىماسلىق لازىم ، ئۇسارە ۋە يىلىم دورىلارنى قەلەي ياكى كۇشتىن ياسالغان قاچىلاردا ساقلاش لازىم . ئەرىق ۋە ئىسسىق سۇ دورىلىرنى ئېغىز تار شىشىلەردە ساقلاش لازىم . ياغ دورىلارنى ئاليومىن قاچىلاردا ساقلىغان ياخشىراق .
4§. يەككە دورىلار قۇۋىتىنىڭ تۇرۇش مۇددىتى
1) مەئىدەن دورىلار قۇۋىتىنىڭ تۇرۇش مۇددىتى : كانلاردىن چىقىدىغان ﻫەر خىل دورىلار قۇۋىتىنىڭ ئۇمۇرى شۇ دورىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ۋە جەۋﻫەر جىسمىدىكى ياخشىلىق ۋە تازلىققا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ ، مەسىلەن : ئالتۇن ، ئاماس ، ياقۇتقا ئوخشاشلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تۇرىدۇ ، چۇنكى ئۇلارنڭ قۇرۇلۇشى ، جەۋﻫەر جىسمىنىڭ ساپ ۋە تازلىقى ياخشىلىققا نىسپىتەن ئەلە دەرجىدە ياخشى . شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تۇرىدۇ . ئەمما كۇمۇشنىڭ ئۇمۇرى ئالتۇننىڭكىدىن ئازراق ، مىس ، تۇمۇر ، قۇغۇشۇنىڭ ئۇمۇرى كۇمۇشنىڭكىدىن ئازراق . ئۇلارنىڭ قۇۋىتى ئاز مۇددەتتە يۇقۇلىدۇ . دانىكارنىڭ ئۇمۇرى بىر يىلغىچە تۇرىدۇ بىر يىلدىن كىيىن بارا - بارا تۇۋەنلەپ يۇقۇلىدۇ ، سەپىداب كاشغىرىنىڭ ئۇمۇرى 6 يىلغىچە تۇرىدۇ، ئاندىن كىيىن تۇۋەنلەپ تۇگەيدۇ . مۇرداسىڭ ، ئېقلىمىيا ، مىرقىششا تۇتىيا قاترلىقلارنىڭ ئۇمۇرى ئۇزۇن مۇددەت تۇرىدۇ ، ئەمما مەرۋايىتنىڭ ئۇمۇرى بۇلارنىڭكىدىن ئازراق . داغىستان لېيى ، گىلى مەختۇم ، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خۇشپۇراق لايلانىڭ ئۇمۇرى مەرۋايىتنىڭكىدىن ئازراق بولىدۇ .
2) ئۇسۇملۇك دورىلار : ئۇسۇملۇك دۇرا 11 تۇرلۇك بولۇپ ئۇلار يىلىم ، ئۇسارە ، گۇل ، چېچەك ، ياغ ، سۈت ، شىرە ، يۇپۇرماق ، مېۋە ، ئۇرۇغ ، ياغاچ ، قوۋزاق ، يىلتىز ، ۋە رىشەلەردىن ئىبارەت ، مەسىلەن : يىلىم دورىلار ئەرەب يىلىمى ، كەتىرا ، ئۇشەق ، جاۋاشىر ، سەكبىنەج ، لەكى مەغسۇلى ، خۇنسىياۋشان قاتارلىقلار قۇۋىتىنىڭ ئۇمۇرى تۇلۇق 3 يىلغىچە تۇرىدۇ ، ئاندىن كىيىن بارا بارا تۇۋەنلەپ تۇگەيدۇ . ئۇسارە شەكلىدىكى دورىلار مەسىلەن : ئاقاقىيا ، ﻫۇزۇر ياۋا ، خەشخاش ئۇسارىسى ۋە كات ﻫىندىلارنىڭ قۇۋىتى يىلىم دورىلارنىڭكىدىن تۇۋەنرەك تۇرىدۇ .
3) گۇل ۋە چېچەك دورىلار : مەسىلەن - بىنەپشە گۇلى ، نىلۇپەر ، قىزىلگۇل ، گازىبان گۇلى ، ئىزخىر چېچېكى ، گۇلى قەيسۇم ۋە شۇلارغا ئوخشاشلار ، يۇپۇرماق دورىلار مەسىلەن : سانا ، گازىبان ، مازىرىيۇن، سازەج ﻫىندى ، ئاس يۇپۇرمىقى ، پىرسىياۋشان ۋە شۇلارغا ئوخشاشلار ، بۇلارنىڭ قۇۋىتىنىڭ ئۇمۇرى ئۇزىنىڭ كۇچلۇك ۋە ئاجىزلىقىغا قاراپ بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە تۇلۇق تۇرىدۇ ئاندىن كىيىن بارا بارا تۇۋەنلەپ يۇقايدۇ .
4) سۈت ۋە شىرە ( شىرنە ) خاراكتىرلىق دورىلار : مەسىلەن سۇقمۇنىيا ، پەرپىيۇن ، ئەپيۇن ۋە شۇلارغا ئوخشاش دورىلار بولۇپ بۇلاردىن سۇقمۇنىيانىڭ قۇۋىتى 20 يىل ، پەرپىيۇنىڭ قۇۋىتى 4 يىل ، ئەپيۇننىڭ قۇۋىتى 50 يىلغىچە بەلكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق تۇلۇق تۇرۇپ ئاندىن كىيىن بارا بارا تۇۋەنلەپ تۇگەيدۇ .
5) ياغلار : مەسىلەن - زەيتۇن يىغى . بىلىسان يىغى ، پىننە يىغى ، قەتىران يىغى ۋە شۇلارغا ئوخشاش ياغلار بولۇپ ، بۇ ياغلاردىن تەبىيىتى سۇغۇق ۋە ﻫۇللىرىنىڭ قۇۋىتى 3 ﻫەپتىگىچە تۇرىدۇ ، ئاندىن كىيىن ئۇزگۇرىدۇ . تەبىيىتى قۇرۇق ئىسسىق ياكى ﻫۇل ئىسسىق بولغانلىرىنىڭ قۇۋىتى ئۇزىنىڭ دەرجىسىگە قاراپ بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە تۇرىدۇ ئاندىن كىيىن ئۇزگۇرىدۇ . ئەمما بىلىسان يىغىنىڭ قۇۋىتى ئۇزۇن مۇددەتكىچە تۇرىدۇ . پىشقەدەم تېۋىپلىرىمىزنىڭ قارىشىچە بىلىسان يىغى قانچە كونىرىسا ئۇنىڭ قۇۋىتى شۇنچە ئاشىدۇ ۋە ياخشى بولىدۇ . كاپۇر يىغى ، زەيتۇن يىغى ۋە ئىزخىر يىغىنىڭ قۇۋىتى ئىككى يىلغىچە تۇرىدۇ ئاندىن كىيىن ئۇزگۇرىدۇ .
6) مېۋىيلەر : مەسىلەن -چىلان ، سەپىستان ، ﻫەببى بىلىسان ، مۇزا ، بەللۇت ، ئالۇچا ، ئالما ، بىيە، ئانار ، بادام ، ياڭاق ، جۇيۇز بۇۋا ، قەلەمپور ، لاچىندانە ، قارىمۇچ ، ئامىلە ، ﻫىلىلە ، بەلىلە ۋە شۇلارغا ئوخشاشلار قۇۋىتىنىڭ تۇرۇش مۇددىتى ئوخشاش بولمايدۇ . مەزكۇر مېۋىلەرنىڭ كۇپلىرىنىڭ يىغى مەسىلەن ياڭاق مېغىزى ، بادام ، پىستە ، چەلغۇزە ، نارجىل ، كۇنجۇت ، خەشخاش ، پەتىنگان ئۇرۇقى ، قۇغۇن ئۇرۇقى ، تاۋۇز ئۇرۇقى ، قاپاق ئۇرۇقى ۋە شۇلارغا ئوخشاشلار پوستى بىلەن تۇرسا قۇۋىتى بىر يىلغىچە تۇرىدۇ ، پوستىدىن ئاجرالسا ئۇنىڭ قۇۋىتى بىر يىلغا يەتمەستىن بارا بارا تۇۋەنلەپ يۇقايدۇ ، بولۇپمۇ پىستە بىلەن ياڭاق مېغىزى بىر قانچە ﻫەپتە ئۇتمەستىن ئۇزگۇرىدۇ .
7) ئۇرۇغ دورىلار : مەسىلەن - ئارپابېدىيان ، زىرە ، روم زىرىسى ، كاسىنە ئۇرۇغى ، يۇمغاقسۇت ئۇرۇغى ۋە شۇلارغا ئوخشاشلاردىن يىغى ئازلىرى مەسىلەن ﻫۆلبە ، قىچا ، زاغۇن ، ئارپابېدىيانغا ئوخشاش ئۇرۇغلارنىڭ قۇۋىتى قايدە بۇيىچە ساقلانسا 2-3 يىلغىچە تۇرىدۇ ، ئەمما بۇلارنىڭ يىغىنىڭ قۇۋىتى بىر يىرىم يىلرىدىن ئىككى يىلغىچە تۇرىدۇ .
8) شاخ-ياغاچ ، جامىكا ، يىلتىز ۋە قوۋزاق دورىلار : مەسىلەن - ئۇدبىلىسان ، زەرنەب ، شىتىرەنج ، شۇكائى ، ئارپابېدىيان يىلتىزى ، باد ئاۋەر ، كاسىنە يىلتىزى ، رېنسىڭ ، چىڭسەي يىلتىزى ، ئىزخىر ، جىنتىيانا ، ئاقىرقەرﻫا ، تۇربۇت ، دارچىن ، خىرپە ، سەلىخە ، بۆرە سۆيمىسى يىلتىزىنىڭ پوستى ، ئەنجىبار ۋە شۇلارغا ئوخشاشلار قۇۋىتىنىڭ تۇرۇش مۇددىتى ﻫەر بىرىنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىقى ، جەۋﻫىرىنىڭ كۇچلۇك-ئاجىزلىقىغا قاراب ئوخشاش بولمايدۇ . مەسىلەن قۇستە ، زىراۋەندە ، ئېگىر ، دورنەج ، زەردجىۋە ، دارچىن ، قىرپە ، سەلىخە ، زەنجىبىل ۋە شۇلارغا ئوخشاشلارنىڭ قۇۋىتى 10 يىلغىچە تۇرىدۇ ، خەربەقنىڭ قۇۋىتى 10 يىلدىن ئارتۇقراق تۇرىدۇ . لىكىن ئارتۇق ﻫۆللۇكى بار دورىلار مەسىلەن چۇبىچىنى ، زەنجىبىل ، زۇرەنباد ، يۇمىلاق زىراۋەند ، ئاق بەﻫمەن ، قىزىل بەﻫمەن ، بوزىدان ، شاقاقۇل ۋە شۇلارغا ئوخشاشلارنى تىز قۇرۇت يەيدۇ ، بۇنىڭ بىلەن قۇۋىتى ئاجىزلاپ بارا بارا يۇقايدۇ . جامىكا ۋە رىشەلەردىن بولغان دورىلارنىڭ قۇۋىتى 3 يىلغىچە تۇرىدۇ ، ئاندىن كىيىن بارا بارا ئاجىزلاپ يۇقايدۇ .
9) ﻫايۋانلاردىن چىقىدىغان دورىلار : مەسىلەن -چاۋا ياغ ، ئۆت ، پەنىرمايە ، مۇڭگۇز ، تۇياق ، ماياق ، قان قاتارلىقلار بولۇپ ، تۇزلانغان ياغنىڭ قۇۋىتى بىر يىل تۇرىدۇ ، لىكىن بۇنى مەلﻬەم دورىلارغا ئىشلىتىلىدۇ، ئۆتنىڭ قۇرۇتۇلۇشى ياخشى بولۇپ ئوبدان ساقلانسا قۇۋىتى ئۇزۇن يىل تۇرىدۇ ، پەنىرمايەنىڭ قۇۋىتى بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە تۇرىدۇ ، مۇڭگۇز ، تۇياق ۋە باشقىلارنىڭ قۇۋىتى 3-5 يىلغىچە تۇرىدۇ . ماياق ۋە قاننىڭ قۇۋىتى بىر يىل تۇرىدۇ ، لىكىن قۇندۇز قەررىنىڭ قۇۋىتى 20 يىلغىچە تۇرىدۇ .
5§. يەككە دورىلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرنى بەلگۇلەش پىرىنسىپى
ئۇيغۇر مىللى تىبابىتىدە يەككە دورىلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ( مىزاجى ) ئالاﻫىدە ئەﻫمىيەتكە ئىگە ، كىسەللەرنى داۋالاش مەخسىدىگە يىتىشتە بىمارنىڭ مىزاجى بىلەن دورىنىڭ مىزاجىگە ئاساسلىنىش زۇرۇر ، دورىلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ( مىزاجى ۋە تەبىيىتى ) خىلى كۆپ تۇرلەرگە بۆلۇنگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ مۇﻫىملىرى تۇۋەندىكىلەردىن ئىبارەت .
(1) ئەككال ] Corrasiva . Eschartie [ تۇقۇلمىلارنى زىدىلۇگۇچى ، ئويغۇچى .
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ ئۇتكۇرلۇكى ۋە تارقاتقۇچى قۇۋىتىنىڭ ئارتۇقلۇقىدىن تۇقۇلما ۋە ئەزالارنى يۇق قىلىدۇ . ۋە گۇشنى يەيدۇ ، مەسىلەن : زەنىكار ، ئەنزۇرۇت ، مۇرداسىڭ ، ئاﻫاك قاتارلىقلار .
(2) جازىب ] Absorbeht [ تارتقۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئىسسىقلىقى ۋە لەتىپلىقى تۇپەيلىدىن خىلىت ياكى ﻫۆللۇكنى تارتىپ چىقىرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ماددا بەدەندىن ئاسان چىقىدۇ مەسىلەن : قۇندۇز قەررى ، غارىقۇن ، سامساق قاتارلىقلار
(3) جالىي ] Detergent ؛ Cleaner[ تازلىغۇچى ، جۇلا بەرگۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى تىرىنىڭ يۈزىدىن چاپلاشقان ﻫۆللۇكنى تازلاپ رەڭگىنى پاكىزە ، سۈزۈك ۋە ساپ قىلىدۇ مەسىلەن : ﻫەسەل ، شۇرا ، جىن كېۋىزى ، ئاقىرقەرﻫا ، ﻫەببى بىلىسان ، بىنەپشە يىلتىزى ، زەردجۇۋە قاتارلىقلار .
(4) جامىد ] Solid [ قۇيالتىپ قىتىشتۇرغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى سۇيۇق ماددا ۋە خىلىتلارنى قۇيالتىپ ئۇيۇتىدۇ ، مەسىلەن ، نىشاستە ، مۇم ، ئەرەب يىلىمى ، كەﻫرىبا قاتارلىقلار
(5) ﻫالىق ، ﻫەللاق ] depilator [ چاچ ۋە موينى چۇشۇرگۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى چاچ ۋە مويلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ چۇشۇرىدۇ مەسىلەن : كۈل ، زەرنىخ ، ﻫاك قاتارلىقلار
(6 ) ﻫەككاك ، مۇﻫەككىك ] Pruritic [ قىچىشىش پەيدا قىلغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە ئۇتكۇرلۇكى بىلەن قۇيۇق خىلىتلارنى تېرە تۈشۈكچىلىرى تەرەپكە تارتىپ غىدىقلاش بىلەن قىچىشىش پەيدا قىلىدۇ مەسىلەن : مۇشكىدانە ، چاققاق ئوت قاتارلىقلار
(7) دابىق ] Adhesive [ چاپلاشتۇرغۇچى ، يىپىشتۇرغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى شىرىلىك بولغانلىقتىن ماددىلارنى بىر بىرىگە يىپىشتۇرىدۇ مەسىلەن : ﻫەسەل ، لاك قاتارلىقلار
(8) دافىئىي خۇمارى ] Antiinebriety [ خۇمارنى كەتكۇزگۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىدىكى خۇسۇسىيەت ئارقىلىق نەشە خۇمارىنى كەتكۇزىدۇ مەسىلەن : تەمرىﻬىندى، ئەينولا ، قىزىلگۇل ( قىزىلگۇلنى پۇرايدۇ ) ئاچچىق ئانار . ئەرقىي لىمۇن ، ئەرقىي گۇلاپ ۋە باشقا بارلىق ئاچچىق چۇچۇك چۇچكۇرۇك كەلتۇرگۇچى دورىلار
(9) رادئ ، تارتىشىشنىڭ ئەكسى ] Repalant[ قايتۇرغۇچى ، ئەكسىگە ياندۇرغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى تەبىيىتىنىڭ سۇغۇقلۇقى ۋە تۇتقۇچى خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ماددى كىسەللەنگەن ئەزاغا چۇشۇشتىن تۇسۇپ توختىتىدۇ مەسىلەن : ئىشت ئۈزۈمى ، ئىسپىغۇل ، ئانار گۇلى ، گىلى مەختۇم قاتارلىقلار
(10) ئاسىر ] Expressive [ يىغقۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ قابىزلىقى ۋە قورۇش خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئەزانى قورۇپ سۇيۇق ماددىلارنى بىر يەرگە يىغىدۇ مەسىلەن : تەمرىﻬىندى ئۇرۇغى ، ﻫېلىلە ، ئانار پوستى قاتارلىقلار
(11) غەسسال ] Cleanser [ يۇغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ماددىلارنى ئەزالاردىن يۇيۇپ چىقىرىدۇ مەسىلەن : قىزىقسۇ ، ئارپا ئېشى ، مائۇلﻬەسەل قاتارلىقلار
(12) قاتىل ] Depressant [ ئۆلتۇرگۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ تەسىرى بىلەن بەدەندىكى ئۈچ خىل روﻫنى يۇقۇتىدۇ مەسىلەن : ئەپيۇن ، سەنگىيا ، بىيىش ، سىماپ ، كۇچىلا ، ۋاڭ ئۇرۇقى قاتارلىقلار
(13) قاتىل دىدان ] Anthelmentic؛Vermicide [ئۈچەي قۇرۇتلىرىنى ئۆلتۇرگۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۈچەيدىكى قۇرۇتلارنى ئۆلتۇرۇپ چىقىرىدۇ مەسىلەن : بەرەنگى كابۇلى ، تاغ يالپۇزى، شاپتۇل يۇپۇرمىقى ، ئانار يىلتىزى پوستى ۋە باشقىلار
(14) قابىز ] Astringentis [ تۇتقۇچى ، قورىغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرىنىڭ تەبىيىتى قۇرۇق بولغانلىقى ئۇچۇن ئەزالارنى قۇرۇتۇپ ئۇنىڭدىكى سۇيۇقلۇقلارنى توختىتىدۇ مەسىلەن : ئۇترۇج ، تۇخۇ تاشلىقى ، بەللۇت ، ﻫەببۇلئاس ، باقىلا ، تۇرمۇس ، مۇزا ، نوقۇت ، گۇرۇچ ، مەستىكى ۋە باشقىلار
(15) قاشىر ] ؟ [ قاسىراقلاشتۇرغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى كۇيدۇرۇش خۇسۇسىيىتىنىڭ ئارتۇقلۇقىدىن بۇزۇق ماددىلارنى قاسراقلاشتۇرۇپ چۇشۇرىدۇ مەسىلەن : قۇستە ، زىراۋەند ، كۆكنار قاتارلىقلار ۋە داغ ، سەپكۇنلەرنى چۇشۇرگۇچى دورىلارمۇ قاسىراقلاشتۇرغۇچى دورىلارغا كىرىدۇ ،
(16) كاۋى ] Caustic [ داغلىغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ ئۇتكۇرلۇكى ۋە كۇيدۇرۇش خۇسۇسىيىتى بىلەن جاراﻫەت ئۈستىدىكى تېرىنى كۇيدۇرىدۇ ۋە داغلايدۇ مەسىلەن : قەلەي كۇشتىسى ، سامساق ، قىچا ، ﻫاك ، ﻫەر خىل كىسلىتالار ۋە باشقىلار
(17) كاسىر رىياﻫ ] Carminative [ يەلنى سۇندۇرغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ ئىسسىق قۇۋىتى ئارقىلىق قۇيۇق يەللەرنى شالاڭلاشتۇرۇپ ﻫەيدەيدۇ مەسىلەن : قارا تۇز ، پۆدىنە ، نانىخا ، زىرە ، نوشۇدۇر ، قىچا ۋە باشقىلار .
(18) لازىﮌ ] rritant [ غىدىقلۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە ئۇتكۇرلۇكى بىلەن ئەزالارغا سىڭىپ كىرىپ ئېچىشىش ۋە غىدىقلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ مەسىلەن : سىركە ، لىمۇن ، شور ، تۈز ، قىچا ، تىزاپ قاتارلىقلار
(19) لازىج ] Adhesive [ يىپىشقۇچى ، يىپىشتۇرغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە يىپىشقاقلىق خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ئەزالارنى بىر بىرىگە يىپىشتۇرۇپ ئاجىراپ كىتىشتىن ساقلايدۇ مەسىلەن : خۇببازى ، ماش ، گۇرۇچ ، يىلىم قاتارلىقلار
(20) ﻫابىس دەم ] Styptic [ قان توختاتقۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تۇمۇرلاردا تۇسالغۇ پەيدا قىلىپ ئىچكى يارىلارنى قورۇپ قان ئېقىشنى توختىتىدۇ مەسىلەن : مەستىكى ، قۇرۇق يۇمغاقسۇت ، زىرىق ، كاپۇر ، سۇرمە ، گىلى ئەرمىنى ، مۇقەل قاتارلىقلار
(21) مۇبەررىد ] Refregerant [ سۇۋۇتقۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى تەبىيىتىنىڭ سۇغۇقلۇقى بىلەن ئەزالارغا سۇغۇقلۇق يەتكۇزىدۇ مەسىلەن : سەندال ، كلاپۇر ، نىلۇوەر ، ئەينولا ، كاسىنى ، ئەپيۇن قاتارلىقلار
(22) مۇبەﻫﻬى ] Aphrodisiae [ قۇۋىتى باﻫنى پەيدا قىلغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىدىكى تەبىي خۇسۇسىيەت ئارقىلىق باﻫنى قۇۋەتلەيدۇ مەسىلەن : تۇخۇم ، ئۈزۈم ، سەۋزە ئۇرۇغى ، ئىپار ، ئەنبەر ، قۇم بىلىقى ، جاۋتىرى ، چامغۇر ، بادام مېغىزى ، ياڭاق مېغىزى ، چەلغۇزە مېغىزى ، پىندۇق ، پىستە ، نوقۇت ، پىياز ئۇرۇغى ، بەﻫمەن ، بۇغا مۇڭگۇزى قاتارلىقلار
(23) مۇجەففىف ]Desiccant[قۇرۇتقۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى تەبىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇقى ئارقىلىق ئەزالاردىكى ﻫۇللۇك ۋە جاراﻫەتلەرنى قۇرۇتىدۇ مەسىلەن : ماندا يۇپۇرمىقى ، كەﻫرىبا ، كۇيدۇرۇلگەن قەغەز ، كاتﻬىندى ، زەمچە ، ئانار پوستى قاتارلىقلار
(24) مۇجەممىد ]Solidify [قاتتۇرغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ قورۇغۇچى قۇۋىتى ئارقىلىق خىلىت ۋە ﻫۇللۇكلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئۇيۇتىدۇ .
(25) مۇﻫەررىق ] Corrosive ؛ Escharotic[كۇيدۇرگۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئىسسىق ۋە سىڭىش قۇۋىتىنىڭ ئارتۇقلۇقى بىلەن ئەزالاردىكى ﻫۇللۇكلەرنى يۇقۇتىدۇ مەسىلەن : كۇمۇش كىسلاتاسى ، تۈز ، شورا ، گۇڭگۇرت ۋە باشقىلار
(26 ) مۇﻫەللىماتى رەددىيە ] چۇشنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى [
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ بۇخارات پەيدا قىلغۇچى خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق مىڭىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ئۇيقۇدا قورقۇنۇچلۇق چۇش كۇرسىتىدۇ مەسىلەن : ﻫاراق ، خام پىياز ، چەيزە ، جۇسەي ، باقىلا ، كاللەك بەسەي ، ماش قاتارلىقلار
(27) مۇﻫەللىل ] Resolvant [ تارقاتقۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ تارقىتىش قۇۋىتى ۋە ﻫارارىتى ئارقىلىق ئەزالاردىكى يىپىشقاق خىلىتلارنى پارغا ( گازغا) ئايلاندۇرۇپ تۇگىتىدۇ مەسىلەن : زىراۋەند ، مەرزەنجوش ، قۇندۇز قەررى ، نەرگەز ، بىدىمىشكى، تاغ يالپۇزى ، ئەنجۇر ، زەپەر قاتارلىقلار
(28) مۇﻫەممىر ]Rubificiant [ قىزارتقۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزنىڭ ئىسسىقىلىقى ۋە تارتىش خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق قاننى ئەزالار تەرەپكە تارتىپ ئەزالارنى قىزارتىدۇ مەسىلەن : قىچا ، پۆدىنە ، ئۇترۇج پوستى ، سۇمبۇل ، دارچىن ، ﻫىڭ ، زەپەر قاتارلىقلار.
(29) مۇخەددىر ] Anaestetic [ بىﻬۇش قىلغۇچى ، سىزىمسىزلاندۇرغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزنىڭ قۇرۇش خۇسۇسىيىتى ۋە سۇغۇقلۇق ، قۇرۇقلۇق تەبىيىتى ئارقىلىپ تېرە تۈشۈكچىلىرى ۋە كانالچىلىرنى قورۇپ روﻫى نەپسانىنىڭ ئۇتۇشۇشىنى تۇساپ ئەزالارنى سېزىمسىزلاندۇرىدۇ مەسىلەن : ئەپيۇن ، ۋاڭ ، بەزۇرۇلبەنجى ، لوپاﻫ ، كۇچىلا ، تاماكۇ يۇپۇرمىقى قاتارلىقلار
(30) مۇخرىجاتى جىنىن ۋە مەشىمە ] Esbolic [ قۇرساقتىكى بالا ۋە بالا ﻫەمرىيىنى چۇشۇرگۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى بالاياتقۇ مۇسكۇللىرىنى قىسقارتىش ئارقىلىق تۇغۇشقا يارىدەم بىرىدۇ ، بالاياتقۇنى قىسقارتىپ مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغدۇرىۋىتىدۇ مەسىلەن : زېغىر ، قوۋزاق دارچىن ، ئارچا مېۋىسى ، ئاغچا ، پىرسىياۋشان ، سىيادان ، كېۋەز يىلتىزى ، ﻫۆل خېنە ، قۇمۇش يۇپۇرمىقى ، خىيارىشەنبەر پوستى ، ئۇتكۇر سۇرگى دورىلىرى ، ساراڭ بۇغداي ، ﻫەنزەل ، بىدەنجىر يىغى ، خىنىن قاتارلىقلار
(31) مۇخەششىن ] Roug hener [يىرىكلەشتۇرگۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ قورۇش ۋە قۇرۇقلۇق خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ئەزالارنىڭ سېرىتقى يۈزىنى يىرىكلەشتۇرىدۇ مەسىلەن : ئىكلىلمىلىك ، قىچا ، تەمرىﻬىندى ئۇرۇقى قاتارلىقلار
(32) مۇددىر بەۋل ]Diuretic [ سۇيدۇك كەلتۇرگۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ ئىسسىقلىقى ياكى سۇغۇقلۇقى بىلەن سۇيدۇك يوللىرىدىكى ماددىلارنى ﻫەيدەيدۇ مسىلەن : تەرخەمەك ئۇرۇقى ، قۇغۇن ئۇرۇقى ، تاۋۇز ئۇرۇقى ، ئارپا ئېشى ، شورا ، كاسىنە ئۇرۇقى قاتارلىقلار
(33) مۇددىر ﻫېيىز ] Emmenogoguo [ ﻫېيىز ماڭدۇرغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ مۇلايىملىقى ۋە ئىسسىقلىقى بىلەن ئۇيۇپ قالغان قاننى تەڭشەپ سۇيۇلدۇرۇپ چىقىرىدۇ ئەگەر قان ئاز كەلگەن بولسا تۇلۇق كەلتۇرىدۇ مەسىلەن : قوۋزاق دارچىن ، كاۋاۋىچىن ، سىيادان، ياۋا رەيﻬان ، قۇندۇز قەررى ، ئارچا مېۋىسى قاتارلىقلار
(34) مۇﻫەللىدى شىر ] Galactagoguo [ سۈت پەيدا قىلغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ ئالاﻫىدىلىكى سەۋەبىدىن سۈت پەيدا قىلىدۇ ۋە كەلتۇرىدۇ مەسىلەن : مۇسلى، ئارپابېدىيان ، ئەرەب يىلىمى ، كەتىرا ياڭيۇ ، بېدە ئۇرۇغى قاتارلىقلار
(35) مۇدەممىل ] plastics [ جاراﻫەتنى پۇتتۇرگۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى جاراﻫەتنىڭ ﻫۇللۇكىنى قۇرۇتۇپ پۇتتۇرىدۇ مەسىلەن سۈرمە ، كەتىرا ، سەبىرى ، ئەنزۇرۇت ، قەلەي كۇشتىسى ۋە باشقىلار
(36) مۇرەخخى ] Emollient [ بوشاشتۇرغۇچى ۋە يۇمشاتقۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ ئىسسسىقىلىقى ۋە ﻫۇللۇكى بىلەن تېرىنى يۇمشىتىپ تۈك تۈشۈكچىلىرىنى كىڭەيتىدۇ ، ئەزالارنى بوشاشتۇرىدۇ مەسىلەن : زېغىر ، خەتمى ، كاللەك بەسەي يۇپۇرمىقى ، ئۆدەك يىغى، گۇل يىغى ، بىﻬى ئۇرۇقى ، ئىسسىقسۇ ۋە باشقىلار
(37) مۇرەتتىپ ] Demulcent [ ﻫۇللەشتۇرگۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ ﻫۇللۇك خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ئەزالارنى ﻫۇللەشتۇرىدۇ ۋە يۇمشىتىدۇ مەسىلن : تاتلىق قاپاق مېغىزى ، بادام ، تاۋۇز ، قۇغۇن ، قاتارلىقلار ئۇرۇغى ، ئىسپىغۇل ، كالا سۈتى ، قاپاق يىغى ، قايماق ۋە باشقىلار
(38) مۇرەققىق ] Atenuant [ سۇيۇلدۇرغۇچى ۋە شالاڭلاشتۇرغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ ئىسسسىقلىقى ۋە ﻫۇللۇكى بىلەن خىلىتلارنى سۇيۇلدۇرىدۇ مەسىلەن : ﻫەسەل، سىركە ، ئەرقىي پۆدىنە ۋە باشقىلار
(39) مۇزلىق ] Inbreant [ سىلغايتقۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ شىرىلىكلىكى بىلەن ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىچكى يۈزىنى ﻫۇللەشتۇرۇپ سىلغايتىپ ماددىلارنى چىقىرىدۇ مەسىلەن : ئەينولا ، تەمرىﻬىندى ، رەيﻬان ئۇرۇقى ، تاتلىق بىﻬى ئۇرۇقى، تەرەنجىبىن ، سەپىستان ، خۇببازى ۋە باشقىلار
(40) مۇسەددىد ] Obstirnant [ تۇسالغۇ پەيدا قىلىغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ قۇرۇقلۇقى ۋە قۇيۇقلۇقى ئارقىلىق تېرە تۈشۈكچىلىرى ۋە كانالچىلىرىنى ئېتىدۇ مەسىلەن : ئاق كۆكنار ، ئىسپىغۇل ، نانىخا ، ئاچچىق سۇرۇنجان ، تەمرىﻬىندى ئۇرۇقى قاتارلىقلار
(41) مۇسەككىر ]narcotics [ مەست قىلغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇمۇمى بەدەننى مەست قىلىدۇ مەسىلەن نېشە ، كەندىر ۋە باشقىلار
(42) مۇسەككىن ] Analgesic ؛ sedatives[ ئاغىرىق پەسەيتكۇچى ، ئارام بەرگۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى خىلىتلارنىڭ قاينىشىنى پەسەيتىدۇ مەسىلەن ئەپيۇن ، لوپاﻫ ، تاماكۇ ، شەۋكىران ، بەزۇرۇلبەنجى ، ئۆردەك يىغى ۋە باشقىلار
(43) مۇنەۋۋىم ] Hipnatica [ ئۇخلاتقۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇخلىتىدۇ مەسىلەن : سېرىق چېچەك ، زۇپا ، بىنەپشە ، ﻫۇل يۇمغاقسۇت ، ئوسۇڭ، ئالما ، رەيﻬان ، لالىگۇل ۋە باشقىلار
(44) مۇسەممىن ] Fattening [ سەمرىتكۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ ئالاﻫىدە ﻫۇللۇكى ۋە ئۇزۇقلۇقىنىڭ كۆپ بۇلۇشى بىلەن بەدەننى سەمىرىتىدۇ مەسىلەن : گۇرۇچ ، ﻫەببى قەلقەل ، خاكىشى ، سۈت ، قايماق ، ئاق كۆكنار ، خۇرما ، شاپتۇل ، قاقىلە ، ئۈجمە قاتارلىقلار
(45) مۇسەﻫﻬىد ] Vigilant [ ئۇيقۇنى قاچۇرغۇچى ، روﻫنى قوزغاتقۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ قۇرۇقلۇقى ، ئۇتكۇرلۇكى ياكى غىدىقلىغۇچى خۇسۇسيىتى ئارقىلىق ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ مەسىلەن : قەﻫۋە ، چاي ، سىركە ، قارىمۇچ ، تۈز ، قەلەمپور ، پۆدىنە ، قىچا ، كاپور ، ئىپار ( پۇراش) ۋە باشقىلار
(46) مۇسﻬىل سەپىرا ] Cholegogue [ سەپىرانى سۇرگۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى سەپىرا ماددىسىنى تەرەت ئارقىلىق سۈرىدۇ مەسىلەن ؛ ئەينولا ، كونا تەمرىﻬىندى ، گۇلبىنەپشە ، سېرىق ﻫېلىلە پوستى ، ﻫۇل پالەك ، ﻫۇل كاسىنە ، سەبىرى ، ﻫەشقىپىچەك ، ئەپتىمۇن ، خىيارى شەنبەر قاتارلىقلار
(47) مۇسﻬىلاتى بەلغەم ] phlegmogogue [ بەلغەمنى سۇرۇپ چىقارغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى بەلغەم ماددىسىنى چوڭ تەرەت ئارقىلىق سۇرۇپ چىقىرىدۇ ( بەزى دورىلار يالغۇز بىرلا خىلىتنى چىقىرىدۇ ، شۇڭا شۇ خىلىتنىڭ خاس سۇرگۇچىسى ﻫېساپلىنىدۇ ، بەزى دۇرىلار سەپپىرا ، بەلغەم ۋە سەۋدا ئۇچۇن مەخسۇس بولسىمۇ لىكىن بۇنىڭ بىلەن يەنە باشقا خىلىتلارنىمۇ بىرگە چىقىرىدۇ ، ئەمما سۇرمەكچى بولغان ئاساسى خىلىت كۆپرەك چىقىدۇ ) مەسىلەن ئۇستىقۇددۇس ، ئەپتىمۇن ، رەۋەن ، سانا، قىزىل شىكەر ، دەند ، بالەنگو ، غارىقۇن ، ﻫېلىلە ۋە باشقىلار
(48) مۇشتەﻫى ] Appetizer [ ئىشتىﻬانى ئاچقۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئاشقازاننى قۇۋەتلەپ ئىشتىﻬانى ئاچىدۇ مەسىلەن : شاپتۇل ، ئەرقى لىمۇن ، سىركەنجىبىن ، قارامۇچ ، مەستىكى ، زىرە ، خۇلۇنجان ، پۆدىنە ، لاچىندانە ، سەپەرجىل ۋە باشقىلار
(49) مۇسەددىر ]Cephalalgic [ باش ئاغىتقۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ كۇچلۇكلۇكى ۋە بۇخارىتى ئارقىلىق باشنى ئاغىرىتىدۇ مەسىلەن : بەزۇرۇلبەنجى ، كۈدە ، سامساق ، پىياز ، مەسۇر ، زېغىر ، پالەك ، چەيزە قاتارلىقلار
(50) مۇسلىﻬ ] Corrigent [ تۇزەتكۇچى ، ئىسلاﻫ قىلغۇچى
بەزى دورا ئەيشالىرى ئۇزىنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن دورىلاردىكى بىر قىسىم زەﻫەرلەرنى كەتكۇزىدۇ ياكى ئۇزىنىڭ ئەكىس تەسىرى بىلەن تۇزىتىدۇ مەسىلەن : سانانى ئىستىمال قىلسا كۇڭۇلنى ئېلىشتۇرۇپ ئىچىنى سۇرىدۇ ، شۇڭا ئۇنى تۇزۇتىش مەخسىدىدە قىزىگۇل ياكى رومبېدىيان بىلەن بىرىلىدۇ ، خىيارىشەنبەرگە بادام يىغى ياكى بادام شىرنىسى قۇشۇلىدۇ ، تۇخۇمى شەﻫمىﻬەنزەلگە ئەرەب يىلىمى قۇشۇلىدۇ ياكى كەتىرا تۇزەتكۇچى قىلىپ قۇشۇلىدۇ ، ۋە باشقىلار