تونۇش : بۇ سۈزۈك تاش بولۇپ ، ھەرخىل رەڭدە بولىدۇ . يەنى كۆك ، ئاق ، يېشىل ، سېرىق رەڭلەردە بولىدۇ . سۈزۈك سېرىق ياكى كۆك بولغىنى ياخشى ھېساپلىنىدۇ . دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ .
چىقىش ئورنى : جۇڭگو - شىنجاڭ ، بۇلۇپمۇ خوتەن قاشتېشى ياخشى ھېساپلىنىدۇ .
تەبىئىتى : 2- دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق .
خۇسۇسىيتى : يۈرەك ، مېڭە ، ئاشقازاننى قۇۋەتلەش ، كۆرۈش قۇۋىتىنى ئاشۇرۇش خۇسۇسىيتىگە ئىگە .
ئىشلىتىلىشى : يۈرەك ، مېڭە ، ئاشقازان ئاجىزلىقى ، كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلىقى ، يۈرەك تىتىرەش ، سەرئى ، مالىخۇلىيا كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى : (1) قاشتېشىنى قىزدۇرۇپ سوقۇپ ، كۈمۈش داغمال سۈيى ياكى ئالتۇن داغمال سۈيىنى ئارلاشتۇرۇپ ، لاچىندانە ھىندى ، گاۋزىبان ھىندى ، زەفەرلەرنى قوشۇپ ئارلاشتۇرۇپ بېرىلسە يۈرەك ، مېڭىنى قۇۋەتلەيدۇ .
(2) ئاق سەندەل ھىندى ، مەرۋايىت ، قاشتېشى ، ناۋات قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق ئېلىپ سوقۇپ ، سىفوپ قىلىپ بېرىلسە يۈرەك تىتىرەش ئۈچۈن شىپا قىلىدۇ .
زىيانىقى : دوۋساققا زىيان قىلىدۇ .
تۈزەتكۈچىسى : ھەسەل
ئورۇن باسارى: ياقۇت
مىقدارى : 1 ~ 2 گىرام
مۇرەككەپ ياسالمىسى : مۇپەررىھ ياقۇت ، خېمىر مەرۋايىت ، داۋائى مىشكى