جىگەر ئىقتىدارى ئاجىز ياكى جىگەر ياللۇقىغا گىرپتار بولغانلار ھەر كۈنى ئۈ زۈم يەپ بەرسە ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ ،
ئۈ زۈمنىڭ قەنىت تۇلۇقلاش ، قان كۆپەيتىش ، بۇلجۇڭ گۆشنى چىڭىتىش ، ،تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ، قاننى جانلاندۇرۇش، ئاشقازان ، تالغا ھۆللۈك يەتكۈ زۈش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش قاتارلىق رولى بار،
ئۈ زۈمنىڭ تەركىبىدىكى گىلوكوزا ، ئورگانىك كىسلاتا ، ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ۋېتامىنلار چوڭ مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇپ ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ ،
ئۈ زۈمنىڭ تەركىبىدىكى گىلوكوزا ۋە كۆپ خىل ۋىتامىن پۇتتىكى ئىششقنى ياندۇرۇپ قاندىكى ئاقسىل ماددىسىنى كۆپەيتىدۇ ،
ئۈ زۈمنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە كىسلاتاسى ھەزىمنى ياخشىلاپ ئىشتاھانى ئاچىدۇ ، جىگەر ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، تۈمۈر ماددىسى تۇلۇقلايدۇ.
150 گىرام ئۈ زۈم شىرنىسى بىلەن 100 گىرام نىلوپەر غولى شىرنىسىگە بىر قۇشۇق ھەسەل قۇشۇپ ، ئىلمان قايناقسۇغا سېلىپ ئىچىپ بەرسە ، سۈيد ۈك يوللىرى يۇقۇملىنىش ، كىچىك تەرەپ تېمىپ كىلىش ۋە ئاغرىتىپ كىلىشكە د اۋا بۇلىدۇ ،
100 گىرام ياۋا ئۈ زۈم پىلىكى بىلەن 50 گىرام كىشمىشنى سۇدا پىشۇرۇپ يەپ بەرسە رېماتىزىم مەنبەلىك بۇغۇم ئاغرىقى ، ۋە يەللىك ئىشىق ، سۈيدۈك ئاز بۇلۇش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.