گۈرۈچ
تەبىئىتى:مۆتىدىل،تاتلىق
خۇسۇسىيىتى : بەدەننى
قۇۋۋەتلەپ ، مىزاجنى تەڭشەيدۇ،
تال ۋە ئاشقازانغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
نومى گۈرۈچ
تەبىئىتى:مۆتىدىل،تەمى تاتلىق
خۇسۇسىيىتى:تال،ئاشقازانغا ۋە
ئۆپكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تېرىق
تەبىئىتى:سوغۇق،تەمى تاتلىق،تۇزلۇق
خۇسۇسىيىتى:مىزاجنى تەڭشەپ،تالغا مەنپەئەت قىلىدۇ،ئىسسىقلىق قايتۇرىدۇ،تال ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئېشىشتن بولغان زەئىپلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.كۆڭلى ئاينىپ قەي قىلىش،ئىچى سۈرۈشكە پايدا قىلىدۇ.بۆرەككە مەنپەئەت قىلىپ قۇۋۋەتلەيدۇ،زەئىپلىكنى تۈگىتىدۇ،سۈيدۈك ھەيدەپ،ئىششىق ياندۇرىدۇ.
بۇغداي
تەبىئىتى:ئازراق سوغۇق،تەمى تاتلىق
خۇسۇسىيىتى:بۆرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ،يۈرەكنى كۈچەيتىدۇ،مېڭىنى تىنچلاندۇرىدۇ،ئىسسىقلىقنى تۈگىتىپ،ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.ئاشقازان-ئۈچەي خىزمىتىنى تەڭشەيدۇ،سۈيدۈكنى ھەيدەيدۇ،بۇغداي ئۈندۈرمىسى بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ،تەر توختىتىدۇ.بۇغداي كېپىكى پۇت تەرلەش،پۇت ئىششىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارپا
تەبىئىتى:1-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق،تەمى تاتلىق،تۇزلۇق
خۇسۇسىيىتى:بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ،ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ،ئۈچەيلەرنى تازىلاپ،توسالغۇلارنى ئاچىدۇ،تالنى كۈچەيتىپ،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ،ئىششىق تۇتۇشنى تۈگىتىپ،ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ،سۈيدۈك ھەيدەيدۇ،بۇنىڭ بىەن يەنە بارلىق توسالغۇلارنى ئېچىش،مىزاجنى تەڭشەش،
سۈت كۆپەيتىش،ئاشقازاننى ياخشىلاش،تېرىنى سۈزۈكلەشتۈرۈش تەسىرى بار.
قوناق
تەبىئىتى:مۆتىدىل،تاتلىق
خۇسۇسىيىتى:مىزاجنى تەڭشەپ،ئىشتىھانى ئاچىدۇ،تەرەتنى راۋان قىلىدۇ،ھۆللۈكنى يوقىتىپ،سۈيدۈك ھەيدەيدۇ.
قىزىل قوناق
تەبىئىتى:مۆتىدىل،تەمى تاتلىق،قېرىق
خۇسۇسىيىتى:مىزاجنى تەڭشەيدۇ،تالغا مەنپەئەت قىلىدۇ،ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
قارا بۇغداي
تەبىئىتى:سوغۇق،تەمى تاتلىقراق
خۇسۇسىيىتى:ئاشقازان-ئۈچەيلەرنى تازىلايدۇ،يەل ھەيدەپ،توسالغۇلارنى ئاچىدۇ،ئىسسىق ئېشىشنى پەسەيتىپ،ھۆللۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ.