تونۇش : بۇ لونخور قۇش ئائىلىسىدىكى ھايۋانات ئاق قۇچقاچنىڭ مېڭىسىدۇر .
4-5- ئايلاردا يېغىۋېلىنىدۇ .
ئاق قۇچقاچنىڭ مېڭىسىنى ۋاختىدا ئېلىپ شىكەر ياكى ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ قويىلىدۇ ياكى كاللىسىنى سويۇپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ .
چىقىش ئورنى : مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقانداق يېرىدىن چىقىدۇ ، بۇ ھايۋاناتنىڭ گۆشى ۋە مېڭىسى دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ .
تەبىئىتى : ئىككىنجى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .
خۇسۇسىيتى : مېڭىنى قۇۋەتلەش ، بەدەننى قىززىتىش ، سەمىرىتىش ، باھنى قوزغاش ، مەنى كۆپەيتىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە .
ئىشلىتىلىشى : مېڭە ، يۈرەك ، بۆرەك ، جىنسىي ئاجىزلىق ، جىگەر مەنبەلىك يەرقان ، پالەچ ، لەقۋا ، ئىستىرخا ، قالايمىقان چۈش كۆرۈش ، تۇغماسلىق ، قۇلاق گاسلىق كېسەللىرىگە ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى : قۇچقاچ مېڭىسى كۆپىنچە مۇرەككەپ دورىلار تەركىبىگە قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ .
(1) گۆشىنى قورۇپ ياكى كاۋاپ قىلىپ ئىستىمال قىلسا پالەچ ، لەقۋا ، ئىستىرخا ، قول -پۇت قولۇشۇش ، يەر قان ، بۆرەك ۋە جىنسى ئاجىزلىىقلارغا شىپا قىلىدۇ .
(2) قۇچقاچ باچكىسىنى بادام يېغى ياكى زەيتۇن مېيى بىلەن قورۇپ ، تۇخۇم سېرىغى قوشۇپ بېرىلسە مەنى كۆپەيتىدۇ ، باھنى قۇۋەتلەيدۇ ۋە قوزغايدۇ .
زىيانىقى : ئىسسىق مىزاجلىقلارغا زىيان قىلىدۇ .
تۈزەتكۈچىسى : ئانار ، غورا سۈيى .
ئورۇن باسارى: ئەركەك قۇشلارنىڭ مېڭىسى .
مىقدارى : 1 ~ 5 گىرام ، گۆشى ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ .
مۇرەككەپ ياسالمىسى : لوبوبى كەبىر ، مۇقەۋۋى باھ .