تونۇش : بۇ ، پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قىزىل سەندەلنىڭ ياغاچلىق قىسمىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ياز ۋە كۈزدە يېغىۋېلىنىدۇ .
ئەسلى ئۆسۈملۈكى قىزىل سەندەل ئۆسۈملۈكىدىن ئىبارەت ، بۇ ئىگىز دەرەخ بولۇپ ، ئىگىزلىكى 15 مىتىردىن 20 مىتىرغىچە ، دىئامىتىرى 40cm غا يېتىدۇ .
چىقىش ئورنى : مەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ، يۈننەن قاتارلىق جايلىرىدىن ھەمدە ھىندىستان ، فىلىپىن ، سېرلانكا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ .
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياغىچى تىبابىتىمىزدە ‹‹سەندەل ئەھمەر›› نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .
دورا ئەشياسىنىڭ شەكلى : بۇ ، ئۇزۇن سىلىندىر شەكىللىك بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100cm ، دىئامېتىرى 7-15cm غىچە كېلىدۇ . پوستى قىسمى ۋە پوستىنىڭ ياغاچلىرى ئىشلىتىلىدۇ . ئىچى تېشى قىزىل ، ئۇزۇن ساقلانغانلىرىنىڭ رەڭگى توق ۋە تۇتۇق بولۇپ قالىدۇ . يېشىل رەڭلىك پارقىراق بولۇپمۇ قالىدۇ . ئۆزى زىچ ھەم ئېغىر ، لېكىن ئاسان كېسىلىدۇ .
ئاساسىي خىمىۋى تەركىبى : قىزىل سەندەل تەركىبىدە پىتتىرو كارپىن ، موپتېرو كارپىن ، ئانگو لېۋزىن ۋە ئۇچۇچان ماي ، يېلىم ماددىسى بار .
تەبىئىتى : ئىككىنجى دەرىجىدە سوغۇق ، ئۈچۈنجى دەرىجىدە قۇرۇق .
خۇسۇسىيتى : تۇتۇش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، تەرلىتىش ، قان تازىلاش خۇسۇسىيتىگە ئىگە .
ئىشلىتىلىشى : ئىچى ئۆتكۈر ، ھەيز كۆپ كىلىش ، قان سىيىش ، قان تۈكۈرۈش ، قىززىتما قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى : (1) سەندەلنىڭ سۇفۇپى قايناق سۇ بىلەن بىر قېتىمدا 5 گىرامغىچە ئىستېمال قىلىنسا يۇقۇردىكى بارلىق كېسەللەرگە شىپا قىلىدۇ .
(2) قىزىل سەندەق قايناتمىسىنى يالغۇز ياكى باشقا دورىلار بىلەن بىللە قاننى تازىلاش مەخسىتىدە بېرىلىدۇ .
زىيانىقى : باھقا ۋە ئۆپكىگە زىيانلىق .
تۈزەتكۈچىسى : ھەسەل ياكى ناۋات
ئورۇن باسارى: كافۇر ، مۇقەل ، ئاق سەندەل
مىقدارى : 1 ~ 5 گىرام
مۇرەككەپ ياسالمىسى : مەجۇنى ئەنجىباھار ، مەجۇنى نۇشبە