تونۇش : يۇپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ ، ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدۇ ، كۆپ شاخلىنىدۇ ، غول ۋە يوپۇرماقلىرى سۇندۇرۇلسا ، ئاق سۈت چىقىدۇ ، يوپۇرماقلىرى تۆۋەنلىشىپ ئۆسىدۇ ، قېلىنراق ، شەكلى ييۇمۇلاقراق ، تۈۋى تۈۋرۈكسىمان بۇلۇپ ، ئادەتتە بەشكە يېرىلىدۇ ، گۈللىرى تۇخۇمسىمان ياكى شار شەكىللىك گۈل تېگىگە يۇشۇرنۇپ ، يۇشۇرۇن باشلىق گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ ، گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ ، گۈل تېگى تەدرىجى چوڭىيىپ تەتۈر تۇخۇم شەكىلدىكى گۆشلۈك يالغان مېۋىگە ئايلىنىدۇ ، مېۋىسى خام چېغىدا يېشىل ، پىشقاندا تەدرىجى سارغۇچ ۋە سارغۇچ قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ . ئەنجۈر بىر يىلدا ئۈچ قېتىم مېۋە بېرىدۇ ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆستۈرىلىدۇ ، قىزىلسۇ رايۇنىدا كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ .
ئەنجۈر - ئۈجمە ئائىلىسى، ئەنجۈر ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بولۇپ، دۇنيادا ئۆستۈرۈش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مېۋىلىك دەرەخ. ئۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان. 1999 – يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يېتىلگەن ئەنجۈر كۆلىمى 3900 گېكتار، بىرلىك مەھسۇلاتى 2126 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلات 8290 توننا، ئاساسلىق ئشلەپچىقىرىش رايونى ئاتۇش، قەشقەركونا شەھەر، قەشقەر، قاغىلىق، خوتەن، ئاقسۇ. كورلا ۋە تۇرپان قاتارلىق ناھىيە – شەھەرلەرگە جايلاشقان. شىنجاڭ ئەنجۈرلىرىنىڭ سورتى ئەلا، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتۇشتىن چىقىدىغان چىقىدىغان ئەنجۈر ئەڭ ياخشى. ھۆل مېۋىسىنىڭ قەنت تەركىبى 14 ~17 گىرادۇس، يۇقىرى بولغاندا 19.3 گرادۇسقا يېتىدۇ. بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭكىگە قارىغاندا 3 ~5 پىرسەنت پوئېنتى يۇقىرى. ئاقسىل تەركىبى %4.3، مېنرال ماددا تەركىبى %2.4؛ يەنە كاراتون ۋە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، ئامىنو كىسلاتاسى، كالتىسىي ۋە تۆمۈر قاتارلىق تەركىبلەر بار. ئەنجۈر بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەينى نەملەش، ئىشتەينى ئېچىش، سۈت كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قىزىتما قايتۇرۇش، ياللۇغنى يوقىتىش، تولغاقنى، يۆتەلنى توختىتىش، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق روللارغا ئىگە. شىنجاڭدا ئەنجۈرنىڭ يەتتە خىل سورتى بار، چىلگە ئەنجۈر، سېرىق ئەنجۈر، كىچىك يۇمىلاق سېرىق ئەنجۈر، تۇخۇمسىمان سېرىق ئەنجۈر ۋە جاغدا ئەنجۈرى قاتارلىقلار.
تەركىبى : ئەنجۈر تەركىبىدە سۇ ، شېكەر ، فىروكتوزا ، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار .
تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق
خۇسۇسىيتى : ئوزۇق بۇلۇش ، بەدەننى سەمرىتىش ، يۈرەكنىڭ قىززىقلىقىنى سوۋۇتۇش ، قەۋزىيەتنى يۇمشىتىش ، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە .
****
ئەكىس تەسىرى :
ئەنجۈرنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلسا ، ئاشقازاننى ئاجىزلاشتۇرىدۇ . بۇنداق ۋاقىتتا سىركە ، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلسا ئەكىس تەسىرىنى كېسىدۇ .