تۇنۇش : تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك سۆلەپ مىسىرىنىڭ يىلتىزى بۇلۇپ ، سامساق چىشىغا ئوخشايدۇ . رەڭگى - ئاققا مايىل سېرىق ، سۈزۈك ، تاتلىق ھەم قاتتىق بولىدۇ .
چىقىش ئورنى : مىسىر ، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ .
ئاساسلىق خىمىيلىك تەركىۋى : 27% كىراخمال ، تەخمىنەن 50% يېپىشقاق ماددا بار . يېپىشقاق ماددا ئاساسەن يېرىم تالالىق مادىدىن تۈزۈلگەن .
فارماكولوگىيلىك تەسىرى : ئاشقازان ، ئۈچەي ، كاناي ۋە باشقا ئەزالارنىڭ شىللىق پەردە ياللۇغىنى يىنىكلىتىدۇ .سىرىتتىن كەلگەن ھەرخىل غىدىقلىنىشلارغا نىسپەتەن فىزىكىلىق ئاسراش رولىغا ئىگە ۋە باشقا ئۇلارنىڭ سۈمۈرلىشىنى پەسەيتىدۇ .تەركىۋىدىكى يىلىمسىمان ماددا قانىغان يەرلىك ئورۇنغا سۈركەلسە چىقىۋاتقان قان دەرھال توختايدۇ . سۇيۇقلۇقنى ئوكۇل قىلسا قان تۇمۇر ئۇچلىرىدىكى قان ھۈجەيرىلىرى ئۇيۇپ قالىدۇ ، بۇنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندە قان تۇمۇرلاردا توسولۇش شەكىللەندۈرگەنلىكى بايقىلىدۇ . بۇ تۆت - بەش كۈن ئۆتكەندە قان تۇمۇر تەرەپتىن سۈمۈرلۈپ كىتىدۇ .
تەبىئىتى : 2 - دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق
خۇسۇسىيتى : مىڭە ، باھنى قۇۋۋەتلەش ، بەدەننى سەمىرتىش ، سۈت ، مەنىي كۆپەيتىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە . ئىشلىتىلىشى : مىڭە ، جىنسىي ئاجىزلىق ، بەدەن ئاجىزلىق ، سۈت مەنىي كەملىك ، بۆرەك ئاجىزلىق ، بەل ئاغرىقى قاتارلىق كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى : (1) سۆلەپنى سوقۇپ ، تاماققا سېلىپ ئىستىمال قىلسا ، مېڭە ، جىنىسنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ ، سۈت مەنىنى كۆپەيتىدۇ .
(2) سۆلەپنى سوقۇپ تۇخۇم سېرىقى بىلەن ئىستىمال قىلسا باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ .
(3) سۆلەپ مىسىرى ، شاقاقۇل مىسىرى قاتارلىقلارنى تەڭ مىقتاردا ، نۇقۇت ئىككى ھەسسە ئېلىپ ، سوقۇپ تاماققا سېلىپ يىسە ياكى كاپ ئېتىپ ئىستىمال قىلسا قەنىت سىيىشكە شىپا بولىدۇ .
زىيانلىقى : ئاشقازان ئاجىزلارغا بېرىلمەيدۇ .
تۈزەتكۈچىسى : رۇم بەدىيان ، فىننە .
ئورۇن باسارى : بوزىيدان ، شاقاقۇل .
ئىشلىتىش مىقدارى : 1 - 10 گىرامغىچە .
مۇرەككەپ ياسالمىسى : مەجۇنى سۆلەپ ، داۋائى سۆلەپ ، سۆلەپ مۇرابباسى ، ماددەتۇل ھايات .