ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە يېڭى بىدە ھۆل ئىسسىق دەپ قارىلىدۇ . بىدە كۆكى تەركىبىدە كالىتسىي ،فوسفۇرقاتارلىق مىنىرال ماددىلار ۋە ھەرخىل ۋىتامىنلار خىلى مول بولۇپ ،ساقلىقىنى ساقلاش جەھەتتە موھىم رول ئوينايدۇ .
* بىدە كۆكىنى ئىزىپ ،سۇس ئوتتا قورۇپ ، قايماق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ،كۈندى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە ،سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ،پەي تارتىش ۋە دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
* بىدە كۆكىنى ئىزىپ پۇشۇرۇپ ،شىكەر بىلەن قوشۇپ بىر مەزگىل ئىستىمال قىلىپ بەرسە ،بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ،قاننى كۆپەيتىدۇ .
* يېڭى چىققان بىدە كۆكىنى قۇرۇتۇپ ،چاي بىلەن دەملەپ ئىچىپ بەرسە ،قورساقنى ئاچۇرۇپ ،ئىشتھانى ئاچىدۇ ،قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىدۇ .
* بىدە ئۇرۇقى ئۈندۈرمىسنى ھەرخىل تېتىتقۇلار بىلەن تەڭشەپ يەپ بەرسە ،ئادەمنى سەمرىتىپ مەيدىنى بوشىتىدۇ .يۆتەلنى توختىتىدۇ ،بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ سۈتىنى كۆپەيتىدۇ ،دىئابىت كىسەللىكىگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ .
* بىدە كۆكى كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ ،قورۇقنى يوقىتىدۇ .
* بىدە كۆكىنى ئىزىپ ،ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ ئىششىغان جايغا چاپسا ، ئىششىقنى يانديرۇپ ياللۇغنى قايتۇرىدۇ .
* بىدىنى ياغسىز ئىستىمال قىلسا ، قورساقنى كۆپتۈرىدۇ ،يەللىك كىسەللىكلەرگە زىيان قىلىدۇ .
* بىدىنى سوقۇپ سۈيىنى بەدەنگە سۈركىسە ،قان بۇزۇلىشتىن بولغان بەدەن قىچىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .تىرىنى پارقىراق قىلىپ گۈزەللەشتۈرىدۇ .
* بىدىنى ئەتىياز پەسلى كۆپ يەپ بەرسە ،چاچ چۈشۈش ،چاچ ئاقىرىش كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
* بىدىنىڭ قاينىتىلىپ تىندۇرۇلغان سۈيى بىلەن مەقئەت يۇيۇپ بىرىلسە قان توختايدۇ .
* يېڭى بىدە كۆكىنى بىر مەزگىل پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە ،پەي تارتىش كىسەللىكىگە شىپاھ بولىدۇ