بەدىنىمىزدە بەزى غەلىتە ئەھۋاللار بۇلۇپ تۇرىدۇ ، تىببىي ئىلىم نۇقتىسدىن قارىغاندا ، بۇ خىل ئەھۋاللار ساغلاملىقىمىزدا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
جىددىيلەشلەندە قولنىڭ ئالقىنى تەرلەش
كۈچلۈك بېسىم نېرۋا مەنبەلىك تەڭشەش ۋە بەدەن سۇيۇقلۇق مەنبەلىك تەڭشەشنى تەڭلا قوزغاپ ئادەمنى تەرلىتىدۇ ، بۇلۇپمۇ ئالقان بەكرەك تەرلەيدۇ ، بۇنداق چاغدا چۇڭقۇر نەپەس ئېلىپ ، بويۇننىڭ ئارقىسىنى بېسى پ بەرسە پايدىسى بۇلىدۇ .
قاپاق توختىماي تارتسا
ئادەمدە قاپاق تارتىش بۇلۇپ تۇرىدىغان ئەھۋال ،بىراق بۇ كۆز كېسەللىكلىرىدىن باشقا يەنە روھىي جەھەتتىن جىدد ىيلىشىش ، كۆز مۇسكۇلى چارچاش ، ئۇيقۇ يىتەرلىك بولماسلىقنىڭ بىشارىتى.
ئورنىدىن تۇرغاندا يۈرەك رېتىمى تېزلىشىش
ناۋادا روھىي بېسىم ئېغىر بۇلۇپ كەتسە ، ئادەم سەھەر ئورنىدىن تۇرغاندا يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ كىتىدۇ ، شۇڭا ئورنىدىن تېز تۇرماسلىق بۇلۇپمۇ قان بېسىم يۇقىرى ۋە يۈرەك كېسىلى بارلار كارۋاتتا بىردەپ تۇرۋېلىپ ، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك .
ئېڭەكتىن قاس چىقىش
بۇ ئالامەت ئېڭەك مۇسسۇللىرى چارچاپ كەتكەنلىكىنى ياكى يىمەكلىك چايناش ئۇسسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن ، بۇغۇم ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، بىراق بۇ ئەھۋال قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ، پەقەت ئەسنىگەندە، قاتتىق كۈلگەندە ئېغىز بەك چوڭ ئېچىلمىسا ، قاتتىق يىمەكلىكلەرنى مەجبۇرىي چاينىمىسىلا بۇلىدۇ.
تىرناقتا ئاق داغ پەيدا بۇلۇش
ساغلام تىرناق پارقىراق ھال رەڭ كىلىدۇ ، ناۋادا تاشقى يارلىنىش بولمىغان ئەھۋالدا تىرناقنىڭ ئۈستىدە ئاق داغ پەيدا بۇلۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ قان ئازلىق ياكى قان ئايلىنىش ناچار بۇلىشنىڭ ئالامىتى.
ئورنىدىن تۇرغاندا باش قېيىش
كۆز قاراڭغۇلىشىش، ئادەم زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا قان ئادەمنىڭ تۆۋەنكى بەدەنىگە يىغىلىدۇ، ناۋادا تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرغاندا قان چوڭ مېڭىگە يىتىپ بارالماي ، باش قېيىپ كۆز قاراڭغۇلىشىپ كىتىدۇ ، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال دائىم كۆرۈلسە ، بۇ قان ئازلىق ياكى يۈرەك- قان تۇمۇر كېسەللىكنىڭ ئالامىتى.
ئوخلاۋاتقاندا پەي تارتىشىش
بۇ مۇسكۇل نېرۋىسى نورمالسىز ھاياجانلىنىش پەيدا قىلغان مۇسكۇل يىگىلەشنىڭ بىشارىتى، ئۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلار ۋە ھەيىز كېسىلگەن ئاياللارنىڭ بەدىنىدە كالتىسى كەم بولسىمۇ پەي تارتىدۇ.
بەدەن قىچىشقاندەك بولسا
تېرە قۇرغاقلىشىپ كەتسە ياكى نېرۋا تالاسى غىدىقلانسا ، ئادەمدە قىچىشقاندەك تۇيغۇ پەيدا بۇلىدۇ.
يانچە ياتقاندا نەپەس راۋان بولماسلىق
بۇ يېتىشتىكى مەسىلە ، سول ياننى بېسىپ ياتقاندا ، پۇتنى ئازراق ئىگىپ ياتسا ، يۈرەك ھېچقانداق بېسىمغا ئۇچىرىمايدۇ.
بەدەندە قىسقا ۋاقىتلىق ئاغرىق پەيدا بۇلۇش
ناۋادا قورساقتا ئاغرىق سىزىمى پەيدا بولسا ، بۇنى قەۋزىيەت ياكى سانجىق پەيدا قىلغان بۇلىدۇ ، پۇت سانجىپ ئاغرىسا ، ئادەم پەي ياللۇغى ياكى پەي تارتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بۇلىدۇ