60 ياشتىن ئاشقانلاردا بەزىلەرنىڭ قولى ، بەزىلەرنىڭ بېشى تىترەيدۇ . كونتىرول قىلالمايدۇ . بەزىلىرىنىڭ ئېڭىكى ، بەزىلىرىنىڭ قاپىقى ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ ، بولۇپمۇ ھاياجانلانغاندا ، سوغۇق ئۆتكەندە ، تاماكا چەككەندە ، چارچىغاندا تىترىشى ئېغىرلىشىدۇ . بۇ تىترەشنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا دەخلىسى بولىدۇ . بەزىلەرنىڭ قولى بەك تىترىگەچكە ، ئىنچىكە ئىش قىلغاندا ، مەسىلەن : خەت يېزىش ، ساقال ئېلىش ، يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزۈش ، چوكا تۇتۇش ، چاي ئىچىش قاتارلىق ئىشلارغا ئېغىر دەخلىسى بولىدۇ .
بۇ خىل كېسەللىكنىڭ تەرەققىيات ئاستا، چوڭ مېڭە ھەرىكەت سېستىمىسىنىڭ كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن ،ئوخشاش بولمىغان ئەزالار ئىختىيارسىز تىترەيدۇ .
بۇ مېڭىدىكى نېرۋا ھۆجەيرىلىرىنىڭ "قېرىشى"دىن كېلىپ چىققان ئالامەت بولۇپ ، ياشانغاندا كپ كۆرۈلىدۇ . بۇنى تېنچلاندۇرۇش ۋە ۋىتامىن B6 قاتارلىق نېرۋىنى كۈچلەندۈرۈش دورىلىرىنى ئىشلىتپ داۋالىغىلى بولىدۇ . ھەرخىل بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرى ، كىتاب ئوقۇش ، خەتتاتلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ، سەيلە قىلىش ، ، تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىشقا ئوخشاش پائالىيەتلەر بۇ خىل پۇت-قول تىترەش جەريانىنى ئاسلىتىدۇ ھەم ئالدىنى ئالالايدۇ