نىمىشقا بەزىلەر تاماكا چەكسىمۇ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولمايدۇ ؟ ب د ت خەلقئارا راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئاپاراتىنىڭ بىر دوكىلاتىدا مۇنداق دىيىلدى : << بىر قىسىم بەڭگىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولماسلىقىدىكى سەۋەب ئېھتىمال ئۇلارنىڭ قېنىدا ۋىتامىن B6 بىلەن ئامىنو كىسلاتا تەركىبىنىڭ موللىقىدا بولسا كېرەك . گەرچە ئالىملار ھازىرغىچە بۇ ئىككى ئوبىكىت ئارىسىدا مەۋجۇت مۇقەررەر باغلىنىشقا دەلىل تاپالمىغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇ تەتقىقات نەتىجىسى نېمىشقا قىسمەن بەڭگىلەرنىڭ ئۆپكە رەكىغا گىرىپتار بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە يەتسە كېرەك >> .
ئۆپكە راكى ھازىر دۇنيادىكى ئومۇملىشىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ راك كېسىلى بولۇپ قالدى ، تېخى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولمىغانلارنىڭ تاماكا چىكىدىغانلىقى بىزگە ئايان ، ھەر يىلى بۇ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كىتىدىغان ئادەمنىڭ سانى 1 مىلىيون 200 مىڭدىن كەم بولمايۋاتىدۇ ، خەلقئارا راك كېسەللىكى تەتقىقات ئاپاراتىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى تەخمىنەن 900 راك كېسىلى ئاغرىقىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ۋىتامىن B6 بىلەن <<مىتئونىن>> دەپ ئاتىلىدىغان ئامىنو كىسلاتا تەركىبلىك ماددىنىڭ كەملىكىنى بايقىدى ، بۇ خىل ئامىنو كىسلاتا ئادەتتە گۆش تۈرلىرى ، سۇ مەھسۇلاتلىرى ، قاتتىق پوسىتلىق مېۋىلەردە مول ؛ B6 بولسا گۆش تۈرلىرى ، كۆكتات ۋە باناننىڭ تەركىبىدە كۆپ .
بۇ دوكىلاتنى يېزىشقا قاتناشقان گېرمانىيە راك كېسەللىكى تەتقىقات ئاپاراتىنىڭ مۇتەخەسىسى پاۋىل بروننان مۇنداق دېدى : << بايقىشىمىزچە ، بۇ ئىككى خىل ماددىنىڭ ئازلىقى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇشتىن سىگىنال بېرىدىكەن ، ئەمما بىز بۇ ئىككى ئامىلنىڭ راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارغا تۈرىتكە بولىدىغانلىقىنى دەلىللەيدىغان پاكىتقا تېخى ئىگە بولالمىدۇق . بۇ نەتىجە بىزگە مۇنداق ئۇچۇر بېرىدۇ : يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ئۆپكە راكىنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن ، ئەمما ھازىر يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، ھەرخىل ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ ، دەپ تەكلىپ بېرىشكە تېخى بالدۇر >> .