كۆپ يۇيۇنۇپ بەرگەندە ھۆسۈننى تۈزەپ ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ . ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدىكى يۇيۇنۇشنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . مەسىلەن : سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ئادەمنى تېتىكلەشتۈرىدۇ . يۇيۇنۇش ۋاختى ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە سەھەردە ياكى كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە بولسا ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
يۇزلۇق سۇدا يۇيۇنۇش قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . خۇشپۇراق نەرسىلەردە يۇيۇنۇش نېرۋىنى تېتىكلەشتۈرىدۇ ، جىددىيلىكنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يۇيىنىدىغان سۇغا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى قوشىۋەتسە ، كېسەل داۋالاشقىمۇ ياردىمى بولىدۇ . يەنى يۇيىنىدىغان سۇغا بىر قوشۇق قىچا ئۇۋۇقىنى قوشۇۋەتسە ، تۈرلۈك بوغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
سودا قوشۇلغان سۇدا يۇيۇنسا ، كۆيۈكتىن بولغان جاراھەت ۋە ھاشارەت چېقىۋېلىشتىن قالغان ئاسارەتكە پايدا قىلىدۇ .
ئارشاڭ سۈيىدە يۇيۇنۇپ بەرسە ، روھنى ئۇرغۇتۇپ ، كۆتۈرەڭگۈ ، تېتىكلەشتۈرىدۇ .
ئىلمان سۇدا يۇيۇنسا ، مۇسكۇللارنى بوشىتىپ ، ئاغرىق توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ .