بۈگۈنكى كۈندە تېلىفون كىشىلەرنىڭ ئالاقە ئىشلىرىغا ئىنتايىن زور قولايلىقلارنى ياراتتى ، ئەمما بەزى كىشىلەردە تېلىفوندىن قورقۇش كېسىلى مەۋجۇت .
ناۋادا ئۇلار تېلىفون بەرمەكچى بولسا ياكى باشقىلاردىن تېلىفون كەلسە شۇھامان ئېسىنى يوقىتىپ جىددىيلىشىپ كېتىدۇ ، قىلماقچى بولغان گەپلىرى ئېغىزىدىن چۈشۈپ قالىدۇ . ئەمەلىيەتتە تېلىفوندىن قورقۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ قورقىدىغىنى تېلىفۇن ئەمەس تېلىفون قوبۇل قىلىشنىڭ كەينىدىكى يوشۇرۇن ئىشلاردۇر .
پىسخىلوگلار مۇنداق دەيدۇ : << يۈز تۇرانە سۆزلەشكەندە بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ تۈرلۈك ئىپادىسى ۋە روھى ھالىتىگە قاراپ ، ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىنى تەخمىنىي بولسىمۇ ھۆكۈم چىقىرالايدۇ ، بىراق تېلىفوندا سۆزلىشىش بۇخىل ئەۋزەللىكنى مەلۇم دەرىجىدە سۇسلىتىدۇ ، شۇڭا ئادەمدە بىرخىل روھىي جىددىيلىك ئالامىتى كۆرىلىدۇ . چۈنكى ئۇلاردا قارشى تەرەپتە تۇرغان ئادەمگە نىسبەتەن ئېنىق بىر چۈشەنچە بولمىغاچقا ، ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلىفون بەرمەكچى بولغاندا كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى بۇ خىل ئېنىقسىزلىق تۈرلۈك ئەندىشە ۋە خىياللارنى پەيدا قىلىپ ، ئۇلارنى < ئەگەر قارشى تەرەپ ھەقىقەتەن ئالدىراش بولسا قانداق قىلغۇلۇق ؟ قارشى تەرەپ تەكلىپىمگە قىززىقمىسا مەن يەنە نېمە دەيمەن ؟ قارشى تەرەپ مىنى ئىنكار قىلىپ قالسا قانداق ھالەتكە چۈشۈپ قالارمەن ؟> دېگەندەك ئەندىشىگە مۇپتىلا قىلىدۇ >> .
مۇتەخەسىسلەر ئاخىرىدا مۇنداق دېيىشتى : << بولۇپمۇ باشلىق ياكى ئالاھىدە مېھمانلارغا تېلىفون بەرگەندە ، بۇ خىل يوشۇرۇن ھالەتتىكى ئەندىشە ئادەمنى ئارسالدى قىلىپ قويىدۇ ، بۇ ھال ئېغىرلاشسا ، تۈرلۈك روھىي كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا مىجەز خارەكتىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ . مەسىلەن ، توخۇ يۈرەك ، نومۇسچان ۋە تايىنىۋېلىش پىسخىكىسى كۈچلۈك كىشىلەردە تېلىفوندىن قورقۇش كېسىلى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ >> .