كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن لۆڭگىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ ئىككى قۇلاققا يېقىپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈشنى كۈنىگە ئىككى ، ئۈچ قېتىمدىن ، ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە داۋاملاشتۇرسا ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
غولپىياز شىرنىسىگە چىلانغان پاختىنى ئوڭ - سول بۇرۇن تۆشۈكىگە ئالماشتۇرۇپ تىقىپ بەرسە ، جىددىي خاراكتىرلىك ۋە ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
بىر تال سامساقنى بۇرۇن تۆشۈكىگە پاتقۇدەك قىلىپ پاكىزە ئاقلاپ ، دورىلىق پاختا بىلەن ئوراپ كۈنىگە ئۈچ تۆت قېتىم ئوڭ - سول بۇرۇن تۆشۈكىگە ئالماشتۇرۇپ تىقىپ بەرسە بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
قوغۇن شاپىقىنى يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن ئېزىپ ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم بۇرۇننىڭ ئىچكى قىسمىغا سۈركەپ بەرسە بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ .