دانىخورەكنى يوقۇتۇشنىڭ ئاددىي چارىسى
تەسۋى قوناقتىن 50 گرام ئېلىپ، قوناقنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، شېكەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى مۇشۇ ئۇسۇلدا بىر قېتىمدىن ئۇدا بىر ئاي ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئاپېلسىن ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقانلاپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىلمان قايناق سۇ بىلەن تەڭشەپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈز تېرىسىگە سۈركەپ، ئەتىگىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىلىدۇ.
كۈندە كەچتە ئىلمان سۇ بىلەن يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن لۆڭگىنى قايناق سۇغا چىلاپ بوش سىقىۋېتىپ، يۈزگە تەكشى تەگكۈزۈپ 13 مىنۇت ئىسسىق ئۆتكۈزۈش لازىم. بۇ خىل ئۇسۇل تېرە تۆشۈكچىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يۇقىرىقى ئۇسۇلدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى رېتسىپنى ئىشلىتىش لازىم.
گۈڭگۈرت پوقى بەش گرام، مارگانسوپ 0.1 گرام،ۋازىلىن 150 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ۋازىلىننى ئوتقا قويۇپ ئېرىتىپ، يېرىم قىزىق ھالەتكە كەلگەندە گۈڭگۈرت پاراشوكى، مارگانسۇپ سېلىنىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ.
كۈندە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دانىخورەك بار ئورۇنغا ئاز مىقداردا تەكشى سۈرۈپ، ئەتىگەندە يۇيۇپ بەرسە، دانىخورەك تېز ساقىيىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۈندە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئۈزۈم سىركىسى ياكى 70% لىك ئىسپرىتنى يۈزگە سۈرتسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
دانىخورەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەركىبىدە گۇڭگۈرت بار يۈز سوپۇنلىرىنى ئىشلىتىش، ماي تەركىبى كۆپ بولغان سوپۇنلارنى ئىشلەتمەسلىك، تېرە تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، دانىخورەك چىققان ئورۇننى قول بىلەن تاتىلىماسلىق ھەم سىقماسلىق، تەركىبىدە ماي، قەنت بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، سەي، كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش. لازا، ئاچچىقسۇ، پىياز، سوغۇق ئىچىملىك قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىش.
بۇرنىڭىزنىڭ ئۈستىگە قارا دانىخورەك چىقىپ قالسا، سىزنى بىئارام قىلىدۇ. دانىخورەكنى قول بىلەن سىقىۋەتسىڭىز ئىز قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق چاغدا يۈزىڭىزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، بارمىقىڭىزنى تۇزغا تەگكۈزۈپ، بۇرنىڭىزنىڭ ئىككى تەرىپىدىن يېنىك سۈرۈپ، ئاندىن يۈزىڭىزنىڭ پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسىڭىز قارا دانىخورەك پاكىز يوقايدۇ. تەر تۆشۈكچىلىرىمۇ تارىيىدۇ.