بالىلارنىڭ ئىچ سۈرۈشىنى داۋالاش
1. پۇرچاقچىلىك زەمچىدىن ئىككى تال ئېزىپ ، ئىككى چىش سامساقنىڭ سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىچۈرسە ، بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ .
2. بالىلارنىڭ تاماقنى تۇلۇق ھەزىم قىلالماي ئىچى سۈرگەن بولسا ، كىندىكىگە ئاغرىق توختىتىش پلاستىرىدىن كىچىك بىر پارچە كېسىپ چاپلاپ ، ئالتە سائەتتە بىر قېتىمدىن ئالماشتۇرۇپ بەرسە ، بىر قانچە قېتىمدىلا ئىچى سۈرۈش توختايدۇ .
3. بالىلارنىڭ ئىچى يېنىك دەرىجىدە سۈرسە ، ئالمىنى پىشۇرۇپ پوستىنى سويۇپ ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ، ئېزىپ ، ئىككى ياش ئەتراپىدىكى بالىلارغا يېرىم تالدىن ، ئىككى ياشتىن ئاشقان بالىلارغا بىر تالدىن كۈنىگە بەش قېتىم يېگۈزسە بولىدۇ . داۋالاش مەزگىلىگە باشقا يېمەكلىك بەرمىسىمۇ بولىدۇ . قۇسۇش ، ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى تۈگىگەندىن كېيىن ، سۇيۇق - سەلەڭ تاماقلارنى بېرىپ ، ئاستا - ئاستا نورمال تاماققا كۆندۈرسە بولىدۇ .
4.تىرىك لاييېگەكتىن تۆت تالنى پاكىز يۇيۇپ ، ئىچ باغرىنى ئېلىۋېتىپ ، 30 گرام جىڭمى گۈرۈچى بىلەن پىل - پىل ئوتتا قاينىتىپ ئۇماچ قىلىپ ، تۇز سېلىپ ، لاييېگەكنىڭ قىلتىرىقىنى ئېلىۋېتىپ ، ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ يېگۈزسە بولىدۇ . ئۇدا ئىككى - ئۈچ كۈن يېگۈزسە ، بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ .
5. ھالۋاۋىدىتنى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ ، ئېزىپ ، جىڭمى گۈرۈچى بىلەن ئۇماچ قاينىتىپ بىر قانچە قېتىم ئىچۈرسە ، بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈشىنى توختىتىدۇ .
6. تۈگمەندىن ئىككىنچى قېتىم ئۆتكەن ئاق قوناق كېپىكىنى قورۇپ سارغايتىپ ، كۈنىگە بەش گرامدىن تۆت قېتىم يەپ بەرسە ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ .
7. بالىلارنىڭ ئىچى يېنىك دەرىجىدە سۈرسە ، بالىغا گۈرۈچنى سۇيۇق قىلىپ قاينىتىپ ئىچۈرسە بولىدۇ .
8. ئون دانە تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى قۇمقازانغا سېلىپ كۆيدۈرۈپ يېغىنى چىقىرىپ ، كۈندە ئۈچ ۋاخ يېگۈزسە ، بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈشنى ناھايىتى تېز توختىتىدۇ .
9. قەلەمپۇر بىلەن دارچىننى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ چايناپ ئېزىپ ، بالىلارنىڭ كىندىكىگە چېپىپ بەرسە بولىدۇ . ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك .
10. تۆت- بەش تال ئاقمۇچنى يانجىپ ، بالىلارنىڭ كىندىكىگە سېلىپ ، پلاستىر بىلەن چاپسا قويسا ، بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈشىگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ .