زاماننىڭ زامانىسىدا بىر دانىشمەن سەپەرگە چىقماقچى بولۇپ ، مڭ تىللانى بىر ئەتتارغا ئامانەت قويۇپ كېتپتۇ. بىر قانچە ئايدىن كېين قايتىپ كېلىپ ئەتتاردىن مىڭ تىللانى سوراپتۇ، لىكىن ئامانەت ئالغۇچى تېنىۋاپتۇ.ئۇنىڭ بىلەن دانىشمەن جدەللىشپ بوغۇشۇپ قاپتۇ. ئادەملەر توپلىشىپ، دانىشمەنگە نەسھەت قىلىپ :6 o: {4 j# u! H: Z8 H$ S( s" `
- بۇ ئادەم ئنتايىن ئنسابلىق ، ئەگەر سىزدىن مىڭ تىللا ئالغان بولسا، ھەرگىزمۇ تېنىۋالمىغان بولاتتى،- دېيىشىپتۇ.
بەزىلەر :
- ئەگەر يەنە جېدەللەشسەك ،ئۆزۈڭ زىيان تارتىسەن ،- دەپ دانىشمەننى قورقىتىپتۇ. دانىشمەن نائىلاجلىقتىن ئۆز ئەھۋالىنى يېىزىپ پادىشاھقا سۇنۇپتۇ. پادىشاھ ئەھۋالنى ئۇقۇپ :
-سىز ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئۈچ كۈن ئولتۇرۇڭ، تۆتىنچى كۈنى مەن شۇ جايدىن ئۆتۈپ سىزگە سالام قىلىمەن، سىز گەپ قىلماي ئولتۇرىۋېرىڭ . مەن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىېين پۇللىرىڭىزنى تەلەپ قىلىڭ، ئۇ نېمە دېسە ، دەرھال كىلىپ ماڭا خەۋەر قىلىڭ، -دەپتۇ.
دانىشمەن پادىشاھنىڭ دېگنى بويىچە ئامانەت ئالغۇچىنىڭ دۇكىنى ئالدىدا ئۈچ كۈن ئولتۇرغانىكەن ،تۆتىنچى كۈنى پادىشاھ ناھايتى ھەيۋەت بىلەن ئۆتۈپ كىېتىۋىتىپ دانىشمەننى كۆرۈپتۇ- دە،ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ بۇرۇلۇپ دانىشمەنگە ھۆرمەت بىلەن سالام بىرىپتۇ ۋە:
-ئى بۇرادىرىم ، كەچ كىرگەندە مېنىڭ قېشىمغا بىرىڭ ،قانداق دەرد -ئەھۋالىڭىز بولسا ،ماڭا ئېيتىڭ ،- دەپ يولىغا راۋان بوپتۇ. دانىشمەن بىشىنى لىڭىشتىپ قويۇپلا جايىدا ئولتۇرىۋىېرىپتۇ. ئامانەتكار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ ، دانىشمەنگە:* U( n0 ^% V4 ~5 n+ X4 q: Z
-ئى تەقسىر ، ئۆتكەن ئىشلارنى ماڭا قايتىدىن سۆزلەپ بېرىڭ . ماڭا ئامانەتنى بەرگەندە كىم بار ئىدى ؟ قەيەردە بەرگەنىدىڭىز؟ ئېھتىمال ئۇنتۇپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن،-دەپ يىلىنىپتۇ. دانىشمەن مىڭ تىللانى ئامانەت بېربش جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كىين ،ئامانەت ئالغۇچى :
-سىز راسىت دەۋاتىسىز ،ئەمدى يادىمغا كەلدى، - دەپ دانىشمەنگە مىڭ تىللانى بېرىپ ،ئۈستىلەپ كۆپ ئەپۇ سوراپتۇ.
: b4 C5 x( `, w; n% i
مەنبەسى : ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن ئىلىندى.