ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەمسىز ؟
.1 ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج، ئۇ بىرەر ئىش قىلغاندا ياخشى قىپسىز دەپ قويسىڭىز، تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىشى ، ئەگەر ياخشى قىلماپسىز دېسىڭىز ، ياخشى قىلىشقا كۆڭۈلشىمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ
.2 ئۆي بىلەن سىرتنىڭ پەرقى بولىدۇ . شۇڭا ئۆيدە قىلىشقان بەزى چاقچاقلارنى سىرتلاردا دەپ يۈرمەڭ.
.3 ئەرلەر ئادەتتە كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ . شۇڭا ئۇنداق ئىشلارنى سىزمۇ قايتا تەكىتلەپ ئولتۇرماڭ ، بولمىسا ئۆزىڭىزنىڭ يارىسىغا ئۆزىڭىز تۇز سېپىۋالىسىز.
.4 دەسلەپكى مۇھەببەت ئەرلەرگە نىسبەتەن پاك ھەم گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگەن قىزى بەلكى بەزى جەھەتلەردە سىزدىن تۆۋەن تۇرۇشى مۇمكىن . ئەمما سىز بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنى كۆتۈرۈپ ، قارشى تەرەپنى چۈشۈرىمەن دەيدىكەنسىز ، چوقۇم يامان نەتىجىگە قالىسىز.
.5بىر قىسىم ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشىنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىۋالماڭ.
.6 ئەگەر سىز ئېرىڭىزنىڭ سىزگە دېمىگەن بىرەر كەمچىلىكىنى تۇتۇۋىلىپ ، ئەتىدىن - كەچكىچە يۈزىگە سېلىپ مازاق قىلسىڭىز ،
بارا - بارا ئۇ سىزدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ۋە سىزگە ھىچقانداق سىرىنى دىمەيدىغان بولۇۋالىدۇ.
.7 ئەرلەر ئادەتتە يۈز - ئابرۇيغا بەك دىققەت قىلىدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئالدىدا گەپ سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ . ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە داد ئېيتىشتىن ساقلىنىڭ.
.8 بالىڭىز ياكى قىينانىڭىز ئالدىدا ئېرىڭىز بىلەن تاكاللىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ . ئۇنداق بولمىغاندا ئۈچ تەرەپنىڭ كۆڭلى ئازار يەيدۇ.
.9ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، سىز مەڭگۈ بالىڭىزنىڭ ئانىسى بولغىنىڭىزغا ئوخشاش ئېرىڭىزمۇ مەڭگۈ ئانىسىنىڭ بالىسى .
بۇ خىل قانداشلىق مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق نەرسە ئېگىلىيەلمەيدۇ . ئەرلەر ئادەتتە ئايالىنىڭ ئانىسى بىلەن تاكاللىشىپ قېلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ .شۇڭا قىينانىڭىز بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشىڭ.
.10 سىز ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن تەقدىردىمۇ ، ئۇنىڭ قەلبىنى پۈتۈنلەي ئېگىلەپ كېتەلمەيسىز . شۇڭا ئۇنىڭغا قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئازراق ۋاقىت بېرىڭ.
.11 بەزى ئاياللار ئەرلەردىن گۇمانلىنىپلا يۈرىدۇ . ئەرلەر ئادەتتە باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئورۇنسىز گۇمانلىنىشىدىن بىزار . شۇڭا بۇ ئىشقا بەك دىققەت قىلىڭ.
ئەمەلىيەتتە ئەرلەر ناھايىتى ئاجىز كېلىدۇ . شۇڭا ئۇ سىزنىڭ مۇھاببىتىڭىز ۋە كۆڭۈل بۆلىشىڭىزگە مۇھتاج.