يول ياقىسىدا بىر بالا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىنىڭ قولىنى تارتىپ دەپتۇ: - ساقچى تاغا ،تېزراق بېرىپ ئاپامغا ياردەملەشسىڭىز ،دادام ئاپامنى ئۇرۇۋاتىدۇ!
ساقچى سوراپتۇ:
- سەن مېنى دادامنى تۇتۇڭ دېمەكچىمۇ؟
- ياق، - بېشىنى چايقاپتۇ بالا، - سىز ئاپامنىڭ قولىدىكى ئۇكامنى ئېلىپ تۇرسىڭىز ،ئاپام دادامنى ئۇرۇپ يىقىتىۋېتەتتى... ئاپام شۇنداق دىگەن
بىر كۈنى ئىككى سۇ كالىسى سۇدا كېتىۋاتسا، بىرسى يەنە بىرىگە ئۈسۈپ ساپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كالا ئۈسكەن كالىغا:
ھەي، كۆزۈڭگە قاراپ ماڭساڭ بولمامدۇ؟ دەپتىكەن، ئاۋۇ ئۈسۈپ سالغىنى تۇرۇپ كېتىپ:
-كۆز دېگەن نېمە ئۇ؟ دېسە:
-بىلمەيمەن، مەنمۇ ماۋۇ كۈنى باشقىلارنى سوقۇپ سالغاندا شۇنداق دەپ ئاچچىقلىغانتى-دېگۈدەك.
بىر خانىم بىر كۈنى ماشىنىسىنى ھەيدەپ بازارغا بارماقچى بولۇپ كىتىۋىتىپ،بىر{ چەكلەنگەن رايۇن}غا كىرىپ قاپتۇ. قاتناش ساقچسى ئىسقىرتىپ ماشىنىنى توختىتىشقا بەلگە بىرىپتۇ،بىراق خانىم ئالدىغا قاراپ كىتىۋىرىپتۇ،قاتناش ساقچىسى موتوسىكىلىت بىلەن قوغلاپ ئۇنىڭ ئالدىنى توساپتۇ ۋە:
سىز مىنىڭ ئىسقىرىتقىنىمنى ئاڭلىمىدىڭىزما؟-دەپتۇ.
-ئاڭلىدىم.
-ئۇنداق بولسا نىمىشقا ماشىنىنى توختاتمايسىز؟
-چۈنكى ئاپام ماڭا ئەركىشىلەرنىڭ ئىسقىرىتقىنىغا پەرۋا قىلما،دەپ تەلىم بەرگەن
بىر كۈنى تومنىڭ مۇئەللىمى بىر تاۋۇزنى سىنىپقا ئېلىپ كىرىپتۇ-دە، ئوقۇغۇچىلاردىن پىچاق سورىسا ھېچكىم مەندە بار دېمەپتۇ .شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم ئۇلارغا :ئۇنداق بولسا سىلەر تۇرۇپ تۇرۇڭلار مەن پىچاق ئېلىپ كىرەي> دەپ چىقىپ كېتىپتۇ ..
پىچاق ئېلىپ كىرىپ قارسا تاۋۇزنىڭ قارسىمۇ قالماپتۇ .,
مۇئەللىم بالىلارغا مۇنداق دەپتۇ :تاۋۇز يىگەنلەر ئوڭ تەرىپىمگە،يىمىگەنلەر سول تەرپىمگە ئۆتۈڭلار دەپتۇ .
يىگەنلەر ئوڭ تەرىپىگە، يىمىگەنلەر سول تەرىپىگەئۆتۈپتۇ.لېكىن توم ئوتتۇردا تۇرىۋاپتىكەن .مۇئەللىم تومغا:سەن نىمىشقا ئوتتۇردا تۇرىۋالسەن ؟
توم بوش ئاۋازدا:مۇئەللىم شاپاق يىگەنلەر نەدەتۇرىدۇ دەپتۇ
توشقاندەريا بويىدا بىلىق تۇتىمەن دەپ بىر كۈن ئاۋارە بولۇپ قۇرۇققول قايتىپتۇ.
ئىككىنجى كۈنىمۇ ھىچنىمە يوق.
ئۈچىنجىكۈنى قارماقنى ئەمدى سۇغا سالاي دىيىشىگە ،بېلىق سۇدىن سەكرەپ چىقىپتىللاپكىتىپتۇ:"گۇينىڭ بالىسى،مىنى نىمە كۈرەپ قالدىڭ، يەنە سەۋزىنى يەمچۈك قىلىدىغان بولساڭ ،كاچىتىڭغاسالىمەن."
زىراپە مايمۇن بىلەن توي قىلىپ بىر يىلدىن كىيىن ئاجىرىشىپ كىتىپتۇ.
-مەن بۇنداق شاختا سەكرەپ تاقلاپ يۇرۇيدىغان ئەردىن بىزار.
مايمۇن ئاچچىقلىنىپ؛
مەنمۇ بۇنداق دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ سۆيۈشتىن بىزار.
ئۈچ ياشقا كىرگەن بىر ئوغۇل بالا تەڭ قوراملىق بىر قىزچاقنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپتۇ.
قىزچاق؛
سىز مىنىڭ كەلگۈسىمگە ئىگە بولالامسىز ؟
ئوغۇل؛
خاتىرجەم بولۇڭ بىز يا ئىككى ياشلىق بالا بولمىساق.
پىل دەريادا ھوزۇرلىنىپ يۇيۇنۇپ تۇرسا ،چۇمۇلە ۋارقىراپتۇ.
- ھەي پىل بۇياققا چىق ساڭا گېپىم بار. پىل مىڭ تەسلىكتە دەريادىن چىقىپ سوراپتۇ:
- ھە نىمە گەپ ؟ سوراپتۇ پىل ھاسىراپ تۇرۇپ ،
- ئەمدى گەپ يوق دەرياغا قايتىپ يۇينىۋەر ، بۇنىڭدىن ئاچچقى كەلگەن پىل : - نىمانداق ئادەمنى ئەخمەق قىلىدىغان نىمە سەن دەپ ھۇكىرەپتۇ! چۇمۇلە پىلغا قاراپ :
- ئاچچىقلانما سۇ ئۇزۇش كىيىمىم تۇنۇگۇن مۇشۇ يەردە يوقاپ كەتكەن سىنى كىيىۋالدىمىكىن دەپتىمەن