خوتۇنى ئاشخانىدا قورۇما قورۇۋاتسا، ئېرى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇۋېلىپ توختىماي: «ئاستاراق، ئوت بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتتى، ئېھتىيات قىلىڭ، قورۇمىلارنى تېزرەك ئىلەشتۈرۈڭ، ئاپلا، قازان يانتۇ بولۇپ قالدى...» دەپتۇ.
خوتۇنى بۇنىڭغا چىداپ تۇرالماي ئاخىرى: «بولدى قىلسىڭىز قانداق؟ مەنمۇ قانداق قورۇما قورۇشنى بىلىمەن» دەپتۇ.
ئېرى ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن: «مەن ماشىنا ھەيدىگەندە، سىزمۇ يېنىمدا ئولتۇرۇپ توختىماي شۇنداق سۆزلەيسىز، مەن سىزگە شۇ چاغدىكى ھېسسىياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى ئىدىم» دەپتۇ.
ھېكمەت: قارشى تەرەپكە كۆڭۈل بۆلۈش ياخشى ئىش، ئەمما ھەر قانداق ئىش ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزىمىزنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلاپ قويۇشىمىز زۆرۈر.