سۇنۋۇكۇڭنىڭ چىشى مايمۇن ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىرى
«غەربكە ساياھەت » فىلىمى قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭدىققىتىنى تارتىپ ، خېلى ئۇزۇنغىچە كىشىلەرنىڭ يادىدىن چىقمىغان ئىدى . ئەلۋەتتە، بۇنى ئەسەر مەزمۇنىنىڭ قىزىقارلىق ۋە جەلىپ قىلارلىقلىقى، فىلىم ئىشلەشتېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە شۇنداقلا فىلىمدە رول ئالغان چولپانلارنىڭ رول ئېلىشماھارىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . فىلىمدە سۇن ۋۇكۇڭئوبرازى كىشىگە ئاجايىپ قالتىس كۆرۈنىدۇ. ئەمما سىز سۈن ۋۇكۇڭنىڭ چىشى ياكى ئەركەكمايمۇن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ فىلىمدىكى تەپسىلاتلارغائاساسلانغاندا، سۇن ۋۇكۇڭ چوقۇم چىشى مايمۇن. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟ تۆۋەندەبىز ئۇنىڭ چىشى مايمۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلارغا قاراپ باقايلى::
1. سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئادەم قاتۇرۇش سېھرى باربولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن قىزلارغا چاقچاق قىلمايدۇ.
2. سۇن ۋۇكۇڭ كېلىشكەن يىگىتلەرگە ئامالقىلالمايدۇ . بولۇپمۇ تاڭسىڭ ۋە ئېر لاڭشېن ، ئۇ يەنە پەلەك شاھنىڭ ئوغلى ناجىغىمۇچاقچاق قىلىپ قويىدۇ تېخى
3. ئۇ پۈتكۈل فىلىم جەريانىدا قىزلارغا تولائۆزگىرىپ ئۆزىنىڭ چىشى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ.
4. سالپاڭ قۇلاق ماككا مايمۇنى سۇن ۋۇكۇڭنىڭئورنىغا چىقىش ئۈچۈن ، تاڭسىڭنىڭ ئالدىدا يۇۋاش ۋە ئوماق ھالەتكە كىرىۋېلىپ ،تاڭسىڭنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە نائىل بولىدۇ . ئەمما سۇن ۋۇكۇڭ سالپاڭ قۇلاق ماككامايمۇنىنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. بۇ ئېنىقلا كۈندەشلىك قىلغانلىقى ئەمەسمۇ؟
5. دائىم باجيېنى دەريا- دېڭىزغا چۈشۈشكەمەجبۇرلاپ ئۆزى چۈشمەيدۇ. چۈنكى سۇغا چۈشۈپ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كېتىشتىن قورقىدۇ.
6. تاڭسىڭغا شۇنچە ئۇزۇن ئەگىشىپ يۈرۈپئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغان سۇن ۋۇكۇڭ قانچە قىلسىمۇ، ئەمما تاڭ راھىب ئۇنىڭكۆڭلىنى چۈشەنمىگەن. ئاخىرىدا تەلىيىگە سەت بولسىمۇ باجيې ئۇچراپ قېلىپ بىر قېتىمكېلىنچەك بولۇش ئارزۇسىغا يەتكەن. ئۇ قىز بالىغا ئايلىنىپ باجيېغا ئۆزىنىكۆتۈرگۈزۈپ ماڭغاندا ، كۆڭلىدە چوقۇم ئالەمچە خوشال بولۇپ كەتكەندۇ؟
7. سۇن ۋۇكۇڭ دېڭىز ئەجدەرشاھىنىڭ سارىيىغابېرىپ قورال تاللىغان چېغىدا يىڭنىگە ئوخشاش قورالنى تاللىغان
8. تاڭسىڭ ئۇنىڭغا باشكىيىمى تەييارلاپ بەرگەندە، ۋۇكۇڭ خوشاللىقىدىن بېشى ئاسمانغا يەتكەن. بۇ ئارقىلىققىزلارنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان تۇغما خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلىگەن.
9. سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئىسمى گۈزەل مايمۇنشاھ بولۇپ ، ئۇ ئامىتانىڭئالقىنىغا سىيىپ قويۇپ ئۆلۈمگە لايىق جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامىتائۇنىڭ چىشى ئىكەنلىكىنى بايقاپ قېلىپ ئۇنىڭ گۇناھىدىن كەچكەن.